مۇسۇلمانلار
روزا ھېيت ۋە قىلىدىغان ئىشلار 1

روزا ھېيت ۋە قىلىدىغان ئىشلار

روزا ھېيت

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

مۆھتەرەم قېرىنداشلار! بۈگۈن مۇبارەك رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى يەنى ئايەم؛ بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بىر تەرەپتىن ساۋاب خەزىنىسى بولغان رامزان ئېيىدىن خوشلىشىدىغانلىقىغا قايغۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەلبلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان، قېرىنداشلار ئارا سىلە – رەھىم ۋە ئىناقلىقنى كۈچەيتىدىغان، جەمئىيەتنى بەخىت تەنتەسىگە چۆمدۈرىدىغان  ھېيت نېمىتىنى كۈتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا؛ رەببىلىرى ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا شۈكۈرلەر سۇنماقتا.

مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ، شۇنداقلا ۋەتىنىمىزدىكى ئاتا- ئانىسىنى، بالىلىرىنى، ئۇرۇق – تۇققان ۋە دوست – يارەنلىرىنى كۆرۈشتىن، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ ھېيت تەنتەنىسى قىلىشتىن مەھرۇم قالغان بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن ۋە پۈتۈن ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

شۇنداقلا يەنە بۇ ھېيتنىڭ ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان چوڭ بىر ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە بۇ  ئۇلۇغ كۈنلەردە نېمىلەرنى قىلىشىمىز ۋە نېمىلەرنى قىلماسلىقىمىز توغرىسىدا بىرئاز مەلۇمات بەرمەكچىمەن.

قېرىنداشلار! ھېيت نامىزىغا بېرىشتا، ھېيت نامىزى ئوقۇشتا، ھېيت نامىزى ئوقۇش جەريانىدا ۋە ھېيت نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قىلىشىمىز كېرەك بولغان، قىلىساق ياخشى بولىدىغان ۋە قىلشىمىزغا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

نامازغا بېرىشتىن بۇرۇن قىلىنىدىغان ئىشلار:

1- روزا ھېيت كۈنى ئەتە شەۋۋال ئېيىغا بىر دېگەن كۈنىنىڭ ئاخشىمى يېڭى ئاينى كۆرۈش بىلەن، ئەگەر ئاي كۆرۈنمىسە رامزان ئېيىنى 30 كۈن قىلىپ تاماملاش بىلەن بەلگىلىنىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن رامزاننىڭ 29 – كۈنى كەچتە يېڭى ئاينى كۆرسەك، ئەتىسى روزا تۇتۇشىمىز توغرا ئەمەس. ئەگەر رامزاننىڭ 29 – كۈنى كەچتە يېڭى ئاينى كۆرمىسەك، ئەتسى بىر كۈن روزا تۇتۇپ رامزاننى 30 كۈن قىلىپ تاماملايمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنى روزا تۇتمايمىز.

بۇ ئىش، بىرەر سەۋەب بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇش كېچىككەن بولسىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. يەنى بىز ئاي كۆرگەن ئاخشامنىڭ ئەتىسى ياكى رامزاننى 30 كۈن قىلىپ تاماملىغان كۈننىڭ ئەتىسى ھېيت نامىزى ئوقۇلمىسىمۇ روزا تۇتمايمىز.

2- ئۆزىمىز ئۈچۈن ۋە ئائىلىمىزنىڭ ھەر ئەزاسى ئۈچۈن سەدىقە فىترە بېرىشمىز كېرەك. مىقدارى بىر كىشى ئۈچۈن بىرمىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك يىمەك-ئىچمىكىگە يەتكۈدەك بىر نەرسىدۇر.

سەدىقە فىترىنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىۋەتسەك ئەڭ توغرىسىنى قىلغان بولىمىز؛ ئەگەر بىرەر سەۋەب بىلەن كېچىكىپ قالغان بولسا، ھېيت نامىزىدىن كېيىن بولسىمۇ بېرىشىمىز لازىم. ھېيتتىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن بەرسەكمۇ بولىدۇ. بۇنى بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە مەلۇم بىر نىسابقا يېتىش شەرت ئەمەس، ھەتتا بۇنى بىر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكى بار كىشىلەرمۇ بېرىشى كېرەك.

3-ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يەپ-ئىچىشمىز ياخشى، ئەگەرمۇمكىن بولسا خورما يەپ بارساق تېخىمۇ ياخشىسىنى قىلغان بولىمىز.

«ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە بىر نەرسە يېمەسلىك ياخشى» دېگەن سۆز قۇربان ھېيتتا كۈچگە ئىگە. روزا ھېيتتا بولسا، يەپ-ئىچىپ، ئاندىن ھېيت نامىزىغا بېرىش ياخشىدۇر.

4-ھېيت نامىزىغا غۇسۇل قىلىپ يەنى بوي تاھارەت ئېلىپ، تازىلىق قىلىپ، ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەڭ پاكىز كىيىملەرنى كىيىپ بېرىش ياخشىدۇر.

5-ھېيت نامىزىغا كېتىۋېتىپ تۆۋەندىكى تەكبىرنى ئوقۇيمىز: «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەلاھۇ، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمد». تەرجىمىسى: «ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن». ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە ئەنە شۇ شەكىلدە بارىمىز.

ھېيت نامىزى

1- ھۆكمى

ھېيت نامىزى ۋاجىپ بولۇپ، جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. زۆرۆر سەۋەبلەردىن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە ھازىر بولالمىغانلار، ئۆزلىرى يالغۇز ئوقۇمايدۇ ۋە قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ، شۇنداقلا گۇناھكارمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش ياكى تىجارەت ۋە ياكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە ھازىر بولالمايدىغانلار ئوقۇش يېرىنى ياكى تىجارەت ۋە خىزمەت قىلىش ئورنىنى تەرك ئېتىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئاتايىن باشقا شەھەرگە بېرىشىغا ھاجەت يوقتۇر. 

2- ۋاقتى

ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى، كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەندىن تارتىپ كۈن قايرىلغۇچە بولغان ئارلىقتىكى ۋاقىتتۇر.

3- ئوقۇلۇش شەكلى

1- روزا ھېيت نامىزى بولسۇن، قۇربان ھېيت نامىزى بولسۇن، ھېچبىر ھېيت نامىزىغا ئەزان-تەكبىر ئوقۇلمايدۇ.

2- ئىمامنىڭ ياكى مەزىن (مۇئەززىن) نىڭ «ھازىر ناماز باشلىنىدۇ» دېگەندەك ئېلان قىلىشى بىلەن جامائەت ئورنىدىن تۇرۇپ سەپ بولىدۇ.

3- بۇ ئەسنادا ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە روزا ھېيت  (قۇربان ھېيتتا قۇربان) نامىزى ئوقۇش نىيىتى بولىدۇ. نىيەتنى ئاغزىدا سۆزلەش ياخشى ئەمەس، چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر.

4- ئالدى بىلەن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ (نامازغا باشلايدۇ)، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ، ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ.

5- ئىمام ۋە جامائەت ئىچىدە سانا (سۇبھانەكەللاھۇممە ۋە بىھەمدىكە ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋە تائالا جەددۇكە ۋە لائىلاھە غەيرۇكە) ئوقۇيدۇ.

6- سانادىن كېيىن ئىمام ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. ئىمامنىڭ ھەر تەكبىر ئېيتىشىدا جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ.

7- ئاندىن ئىمام ئىچىدە «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم، بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» نى ئوقۇغاندىن كېيىن، فاتىھە سۈرىسىنى ۋە باشقا بىر سۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ ئەئلا سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.

8- ئاندىن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ. ئاندىن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ. ھېيت نامازلىرىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە ئوقۇلىدىغان زىكىر-تەسبىھلەر باشقا نامازلاردىكىگە ئوخشاشتۇر.

9- ئاندىن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككىنچى سەجدىدىن باش كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكئەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» ئورنىدىن تۇرۇشىدۇ.

10- ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىدە «بىسمىللاھ…» نى ئوقۇغاندىن كېيىن فاتىھە ۋە بىر سۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ غاشىيە سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ، جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.

11- ئىمام قىرائەتتىن كېيىن يەنى فاتىھەنى ۋە بىر سۈرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئۈنلۈك تەكبىر ئېيتىدۇ، جامائەتمۇ ھەر تەكبىردە ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ.

12- ئاندىن ئىمام قايتا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تۆتىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ رۇكۇغا بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ.

13- ھېيت نامىزىنىڭ قالغان قىسمى ئادەتتىكى نامازغا ئوخشايدۇ، يەنى ئولتۇرۇش، ئەتتەھىيياتۇ… دۇرۇت ۋە دۇئالار باشقا نامازلاردا قانداق ئوقۇلسا، ھېيت نامىزىدىمۇ شۇنداق ئوقۇلۇپ، ناماز ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.

14- ئىمام نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن جۈمە خۇتبىسىگە ئوخشاش ئىككى خۇتبە ئوقۇيدۇ، جامائەت جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلايدۇ.

ئىككىنچى خۇتبىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا ھېيت نامىزى ئىككى رەكئەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى نامازغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامنىڭ بەرگەن تەلىمىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىشىمىز ۋە دىققەت بىلەن ئوقۇشىمىز كېرەك.

ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلار:

1- ھېيت نامىزىدىن كېيىن بىر-بىرىمىزنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەش ياخشىدۇر. مەسىلەن: مەسچىت ياكى ھېيت نامىزى ئوقۇلغان يەردىن چىقىپ،  قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ «ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن، ھېيتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن» دېيىشىشىمىز ياخشى ئىشتۇر.

2- ھېيت نامىزىدىن قايتىشتا، مۇمكىن بولسا ھېيت نامىزىغا بارغان يولىمىزدىن باشقا بىر يول بىلەن قايتىشىمىز ياخشىدۇر.

ھېيت ئىچىدە قىلىنىدىغان ئىشلار:

1- ھېيت ئىچىدە بىر-بىرىمىز بىلەن ھېيتلىشىشىمىز، يەنى ئاتا-ئانىمىزدىن باشلاپ پۈتۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىشىشىمىز ناھايىتى ياخشى ئىشتۇر.

2- ھېيت ئىچىدە نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇش، زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم.

3- پېقىر-مىسكىنلەرگە خەير-سەدىقە قىلىش، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش، غېرىب-غۇرۋالارغا خەير-ساخاۋەت قىلىش كېرەك.

4- بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.

5- ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بالا-چاقىلىرىمىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەكلىرىنى ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا كەڭ-كەڭرى قىلىپ بېرىمىشىز ياخشىدۇر.

6- ھېيتتا شەرىئەت رۇخسەت قىلغان (دىن-دىيانەتنى مەسخىرە قىلمايدىغان، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋە گۇناھ-مەئسىيەتكە چاقىرمايدىغان، ئەر-ئاياللارئارىلىشىپ ئوينالمايدىغان) ئويۇن-تاماشالارنى قىلشقا بولىدۇ.

ھېيتتىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلار:

1- رامزاندا ياخشى ئادەم بولۇشقا باغلانغان بېلىمىز، ھېيت بىلەن بوشاپ كەتمەسلىكى لازىم.

2- رامىزان بويىچە ئادەتلەنگەن تەقۋالىقىمىزنى ئەينەن داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. يەنى رامزاننىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن «تەرىتىمىز سۇنۇپ كەتمىسۇن!».

3- ھېيتتىن كېيىن، ھېيت ئېيى چىقىپ كېتىپ بولغۇچە 6 كۈن نەپلە روزا تۇتۇشىمىز ياخشىدۇر. بۇ روزىنى ئارقىمۇئارقا تۇتۇشىمىز شەرت ئەمەس.

4- بەرىكەت ۋە رەھمەت ئېيى بولغان رامزان چىقىپ كەتكەن بىلەن، رەھمەت ۋە بەرىكەتنىڭ ئەسلا تۈگىمەيدىغانلىقىنى ئۇتنۇماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەر دائىم لايىق بولۇپ تۇرۇشىمىز لازىم.

خاتىمە

قېرىنداشلار! ئىنساننىڭ ئۆمرى بەك قىسقا. بۇ قىسقا مۇددەتلىك ئۆمرىمىزنىڭ بىر پارچىسىنى رامزان ئېيىدا تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگىىنمىزدەك، ئۆمرىمىزنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزىشىمىز لازىم. چۈنكى بىز زامانغا ئەمەس زاماننىڭ ۋە ھەر نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز.

دىنىمىز بىزنى ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ھاياتىمىزنىڭ ھەر سېكۇنتى بىز ئۈچۈن بەك قىممەتلىكتۇر. ئالغان ھەر قەدىمىمىزنىڭ، ئاغزىمىزدىن چىققان ھەر بىر كەلىمىنىڭ ھېسابى بىزدىن ئېلىنىدۇ. بۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.

بۇ دۇنيادا ھايات تۇرغانلىقىمىز ئىنتايىن كاتتا پۇرسەت؛ تەن سالامەتلىكىمىز، قولىمىزدىكى ئىمكانلىرىمىز بەك چوڭ نېمەت، پۇرسەت قولىمىزدا بار چاغدا پۈتۈن ئىمكانلىرىمىز بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم.

قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا چىققان ۋاقتمىزدا «بىلمەپتىكەنمەن» ياكى«خەۋىرىم يوقكەن» دېيىش ئىمكانىمىزمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قاچان قەيەردە قانداق ئىش قىلىشىمىزنى بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ھاياتىمىز بويىچە نېمىلەردىن ساقلىنىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئۆزىنىڭ كىتابىدا ئوچۇق بايان قىلغان.

ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا، ئۇ كىتابنى بىزگە يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئۇ كىتابقا قانداق ئەمەل قىلىشىمىزنى ئۆگەتكەن، شۇنداقلا ۋىدالىشىش نۇتقىدا ساھابىلىرىغا، بىزگە ۋە قىيامەتكىچە دۇنياغا كېلىدىغان پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ «مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابىنى قالدۇرۇپ قويدۇم، بۇنى چىڭ تۇتساڭلار ھەرگىزمۇ ئېزىپ كەتمەيسىلەر» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

ئاخىرەتتە پۈتمەس-تۈگىمەس پۇشايمانغا قالماسلىقىمىز ئۈچۈن كۈندىلىك ۋاقتىمىزنى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم. چۈنكى بىزنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ئەبەدىي ھاياتىمىزنىڭ راھەت-پاراغەت ئورنى بولغان جەننەتتە باشلىنىشى ۋە جەننەتتە داۋاملىشىشى، بۇ دۇنيادىكى چېغىمىزدا ئۇ كىتابقا بويسۇنۇشىمىز ۋە ئۇ پەيغەمبەرگە ئەگىشىشىمىزگە باغلىقتۇر.

ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر