مۇسۇلمانلار

روزا ھېيت نامىزى

روزا ھېيت نامىزى ھەققىدە ساۋات
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
1- روزا ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى
بۇ ناماز دىنىمىزنىڭ بىر ئەمرى بولۇپ، جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. زۆرۈرەتتىن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە ھازىر بولالمىغانلار، ئۆزلىرى يالغۇز ئوقۇمايدۇ ۋە قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ، شۇنداقلا گۇناھكارمۇ بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش ياكى تىجارەت ۋە ياكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە ھازىر بولالماسلىقىنى چاغلىغانلارنىڭ ئوقۇش يېرىنى ياكى تىجارەت ۋە خىزمەت قىلىش ئورنىنى تەرك ئېتىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئاتايىن باشقا شەھەرگە بېرىشىغا ھاجەت يوقتۇر. 
2- روزا ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى
بۇ نامازنىڭ ۋاقتى، كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەندىن تارتىپ كۈن قايرىلغۇچە بولغان ئارلىقتىكى ۋاقىتتۇر.
3- نامازغا بېرىشتىن بۇرۇن قىلىنىدىغان ئىشلار
ئا- ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىز ئۈچۈن ۋە ئائىلىمىزنىڭ ھەر ئەزاسى ئۈچۈن سەدىقە فىترە بېرىشمىز كېرەك. بۇنىڭ مىقدارى بىر كىشى ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك يىمەك – ئىچمىكىگە يەتكۈدەك نەرسىدۇر.
سەدىقە فىترىنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىۋەتسەك ئەڭ تۇغرىسىنى قىلغان بولىمىز؛ ئەگەر بىرەر سەۋەب بىلەن كېچىكىپ قالغان بولسا، ھېيت نامىزىدىن كېين بولسىمۇ بېرىشىمىز لازىم. ھېيتتىن بىر – ئىككى كۈن بۇرۇن بەرسەكمۇ بولىدۇ. بۇنى بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە مەلۇم بىر نىسابقا يېتىش شەرت ئەمەس، ھەتتا بۇنى بىر كۈنلۈك ئوزۇق – تۈلۈكى بار كىشىلەرمۇ بېرىشلىرى كېرەك.
ئە- ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يەپ – ئىچىشمىز ياخشى، ئەگەر مۇمكىن بولسا خورما يەپ بارساق تېخىمۇ ياخشىسىنى قىلغان بولىمىز.
«ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولىغۇچە بىر نەرسە يېمەسلىك ياخشى» دېگەن سۆز قۇربان ھېيتتا كۈچگە ئىگە. روزا ھېيتتا بولسا، يەپ – ئىچىپ، ئاندىن ھېيت نامىزىغا بېرىش ياخشىدۇر.
ب- ھېيت نامىزىغا غۇسۇل قىلىپ (بوي تاھارەت ئېلىپ)، تازىلىق قىلىپ، ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەڭ پاكىز كىيىملىرىمىزنى كىيىپ بېرىش ياخشىدۇر.
پ- ھېيت نامىزىغا كېتىۋېتىپ يولدا تۆۋەندىكى تەكبىرنى ئوقۇيمىز:
«ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەلاھۇ، ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمد». تەرجىمىسى:
«ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن».
ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە ئەنە شۇ شەكىلدە بارىمىز.
4- روزا ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى
ئا- روزا ھېيت نامىزى بولسۇن، قۇربان ھېيت نامىزى بولسۇن، ھېچبىر ھېيت نامىزىغا ئەزان – تەكبىر ئوقۇلمايدۇ.
ئە- ئىمامنىڭ ياكى مەزىن (مۇئەززىن) نىڭ «ھازىر ناماز باشلىنىدۇ دېگەندەك» ئېلان قىلىشى بىلەن جامائەت ئورنىدىن تۇرۇپ سەپ بولىدۇ.
ب- بۇ ئەسنادا ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە روزا ھېيت نامىزى ئوقۇش نىيىتى بولىدۇ. نىيەتنى ئاغزىدا سۆزلەش ياخشى ئەمەس، چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر.
پ- ئالدى بىلەن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ (نامازغا باشلايدۇ)، جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ، ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ.
ت- ئىمام ۋە جامائەت ئىچىدە سانا (سۇبھانەكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋەتەئالا جەددۇكە ۋەلائىلاھە غەيرۇكە نى) ئىچىدە ئوقۇيدۇ.
ج- سانادىن كېيىن ئىمام ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. ئىمامنىڭ ھەر تەكبىر ئېيتىشىدا جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ.
چ- ئاندىن ئىمام ئىچىدە «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىم، بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم» نى ئوقۇغاندىن كېيىن، فاتىھە سۈرىسىنى ۋە باشقا بىرسۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ ئەئلا سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.
خ- ئاندىن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ. ئاندىن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ. ھېيت نامازلىرىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە ئوقۇلىدىغان زىكىر – تەسبىھلەر باشقا نامازلاردىكىگە ئوخشاشتۇر.
د- ئاندىن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى سەجدىدىن باش كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكئەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» ئورنىدىن تۇرۇشىدۇ.
ر- ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىدە «بىسمىللاھ…» نى ئوقۇغاندىن كېيىن فاتىھەنى ۋە بىر سۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ غاشىيە سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ، جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.
ژ- ئىمام قىرائەتتىن كېيىن يەنى فاتىھەنى ۋە بىر سۈرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئۈنلۈك تەكبىر ئېيتىدۇ، جامائەتمۇ ھەر تەكبىردە ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ.
س- ئاندىن ئىمام قايتا «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تۆتىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ رۇكۇغا بارىدۇ، جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ.
ش- ھېيت نامىزىنىڭ قالغان قىسمى ئادەتتىكى نامازغا ئوخشايدۇ، يەنى ئولتۇرۇش، ئەتتەھىيياتۇ… دۇرۇت ۋە دۇئالار باشقا نامازلاردا قانداق ئوقۇلسا، ھېيت نامىزىدىمۇ شۇنداق ئوقۇلۇپ، ناماز ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
غ- ئىمام نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن جۈمە خۇتبىسىگە ئوخشاش ئىككى خۇتبە ئوقۇيدۇ، جامائەت جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلايدۇ.
ئىككىنچى خۇتبىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا ھېيت نامىزى ئىككى رەكئەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى نامازغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامنىڭ بەرگەن تەلىمىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىشىمىز ۋە ھېيت نامىزىنى شۇ بويىچە ئوقۇشىمىز كېرەك.
5- ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلار
ئا- ھېيت نامىزىدىن كېيىن بىر – بىرىمىزنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەش ياخشىدۇر. مەسىلەن: جامەدىن ياكى ھېيت نامىزى ئوقۇلغان يەردىن چىقىپ، جامائەت بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ «ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن، ھېيتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن» دېيىشىشىمىز ياخشى ئىشتۇر.
ئە- ھېيت نامىزىدىن قايتىشتا، مۇمكىن بولسا ھېيت نامىزىغا بارغان يولىمىزدىن باشقا بىر يول بىلەن قايتىشىمىز ياخشىدۇر.
6- ھېيت كۈنلىرىدە قىلىنىدىغان ئىشلار
ئا- ھېيت كۈنلىرىدە بىر – بىرىمىز بىلەن ھېيتلىشىشىمىز، يەنى ئاتا – ئانىمىزدىن باشلاپ پۈتۈن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز ۋە باشقا دوستلىرىمىز بىلەن بىر – بىرىمىزنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىشىشىمىز ناھايىتى ياخشى ئىشتۇر.
ئە- ھېيت كۈنلىرىدە نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇش، زىكىر – تەسبىھ ئېيتىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشىمىزلازىم.
ب- ھېيت كۈنلىرىدە پېقىر – مىسكىنلەرگە خەير – سەدىقە قىلىش، يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش، غېرىب – غۇرۋالارغا خەير – ساخاۋەت قىلىش كېرەك.
پ- بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تەئالاغا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.
ت- ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بالا – چاقىلىرىمىزنىڭ يىمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كىچەكلىرىنى ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا كەڭ – كەڭرى قىلىپ بېرىمىشىز ياخشىدۇر.
ج- ھېيتتا شەرىئەت رۇخسەت قىلغان (دىن – دىيانەتنى مەسخىرە قىلمايدىغان، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋە گۇناھ – مەئسىيەتكە چاقىرمايدىغان، ئەر – ئاياللار ئارىلىشىپ ئوينالمايدىغان) ئويۇن – تاماشالارنى قىلشقا بولىدۇ.
7- ھېيتتىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلار
ئا- رامىزاندا ياخشى ئادەم بولۇشقا باغلانغان بېلىمىز، ھېيت بىلەن بوشاپ كەتمەسلىكى لازىم.
ئە- رامىزان بويىچە ئادەتلەنگەن تەقۋالىقىمىزنى ئەينەن داۋاملاشتۇرۇشىمىزلازىم. يەنى رامزاننىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن «تەرىتىمىز سۇنۇپ كەتمىسۇن!».
ب- ھېيتتىن كېيىن، ھېيت ئېيى چىقىپ كېتىپ بولغۇچە 6 كۈن نەپلە روزا تۇتۇشىمىز ياخشىدۇر. بۇ روزىنى ئارقىمۇئارقا تۇتۇشىمىز شەرت ئەمەس.
پ- بەرىكەت ۋە رەھمەت ئېيى بولغان رامىزان چىقىپ كەتكەن بىلەن، رەھمەت ۋە بەرىكەتنىڭ ئەسلا تۈگىمەيدىغانلىقىنى ئۇتنۇماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغاھەر دائىم لايىق بولۇپ تۇرۇشىمىز لازىم.
ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر