مۇسۇلمانلار
روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت بېرىلگەنلەر 1

روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت بېرىلگەنلەر

6§. روزىنى ۋاقتىدا تۇتماسلىققا رۇخسەت بېرىلگەنلەر

ئاللاھ تائالا، رامزاندا سەپەر قىلغان ياكى كېسەل بولۇپ قالغان كىشىلەرگە روزىنى ۋاقتىدا تۇتماي كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇش رۇخستى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۗ يُرِيدُ ٱللَّهُ بِكُمُ ٱلۡيُسۡرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ ٱلۡعُسۡرَ وَلِتُكۡمِلُواْ ٱلۡعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمۡ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ١٨٥﴾

«كىم كېسەل بولسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسا بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر[1]، ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»[2].

ئايەتتىكى «ساننى تولۇقلىغايسىلەر»نىڭ مەنىسى «رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. لېكىن سىلەر سەپەر ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن بۇ پەرز روزىنى تۇتالمىغان بولساڭلار، سەپەردىن قايتقاندىن كېيىن ياكى كېسەلدىن ساقايغاندىن كېيىن روزا تۇتمىغان كۈنلىرىڭلارنىڭ ئورنىغا بىر كۈنگە بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان كۈنلەرنىڭ سانىنى تولۇقلىغايسىلەر» دېگەن بولىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 113 – 114.

[1] يەنى كېسەللىك ياكى يولۇچىلىق سەۋەبىدىن بىر ئاي رامىزاننىڭ قانچە كۈنىدە روزا تۇتالمىغان بولساڭلار، باشقا كۈنلەردە ئۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ بىر ئايلىق ساننى تولۇقلىغايسىز.

[2] 2 – سۈرە بەقەرە، 185 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر