مۇسۇلمانلار

رامزان ھارپىسىدا

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

چەكسىز   ياخشىلىق ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن  .

ئالەملەرنىڭ رەببى   ئاللاھ نېمە ئىش قىلسا ياخشى ۋە مۇكەممەل قىلىدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى   مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن  .

قېرىنداشلار! كېچە  كۈندۈز بىر – بىرىنى قوغلىشىپ توختىماي ئۆتۈۋاتىدۇ، ئاي-يىللار ئار-ئارقىدىن   كېلىۋاتىدۇ. ھەر كۈن، ھەر ئاي، ھەر يىل ئۆتۈپ كەتكىنىنىڭ ئەينىسى بولماستىن بەلكى   يېڭىسى بولغاچقا ئۆمرىمىزمۇ كۈنلەر، ئايلار، ۋە يىللار ئۆتكەنسېرى قىسقىرىۋاتىدۇ،   يەنى بىز ھەر كۈنى ئۆلۈمگە بىرئاز يېقىنلىشىۋاتىمىز  !

ھەر بىرىمىز   ئەقلىمىزگە كەلگەندىن تارتىپ شۇ ئانغا قەدەر ئۆتكەن ھاياتىمىزغا بىرقۇر نەزەر سېلىپ   چىقىدىغان بولساق، نۇرغۇن ئىشلار خىيال ئېكرانىمىزدىن ئۆتۈشكە باشلايدۇ، قەلب   كۆزلىرىمىزنى ئېچىپ ئېكرانغا قارىغىنىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئىبرەتلىك ھادىسىلەرنى   كۆرىمىز:

تېخى تۈنۈگۈن ئسمنى قويۇپ قويغان بالىلار يوغىناپ ئادەم قاتارىغا قوشۇلۇۋاتقان، تۈنۈگۈن ئارىمىزدا ياشاۋاتقانلار ئارقىسىدا كۆزى ياشلىق تۇل خوتون ۋە يېتىم بالىلارنى قويۇپ قارا تۇپراقنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتقان، تاپقان مال-دۇنيالار ھېچنېمىگە ئەسقاتمايۋاتقان، كىچىكلەر چوڭىيىپ چوڭلار كىچىكلىشىۋاتقان، ئەزىزلەر خار، خارلار ئەزىز بولۇۋاتقان، بىر زاماننىڭ بايلىرى يەنە بىر زاماننىڭ نامرىتى بولۇپ قېلىۋاتقان، شاھلار گاداي، گادايلار شاھ بولۇۋاتقان.

قېرىنداشلار! دۇنيا ھاياتى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت؛ ئىنسان تۇغۇلىدۇ، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىپ بولغۇچە بىر ئۆيگە كىرىپ قالىدۇ، ئارقىسىدىن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى باشلىنىدۇ، ئاندىن قېرىيدۇ، ئاندىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ماقام ۋە ئورنى قانداق بولسا بولسۇن ئۇنىڭ ئىككى نەرسىسى ئۆزگەرمەيدۇ: بىرى ئۆمرى، يەنە بىرى رىزقى.

ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگەمدۇ؟ ياق! تېخى ھايات ئەمدى باشلىنىدۇ، بۇ قېتىم باشلانغان ھايات ئەبەدىي ھايات بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئاخىرلاشمايدۇ. بۇ ئەبەدىي ھايات بەزى ئىنسانلار ئۈچۈن جەننەتتە، بەزى ئىنسانلار ئۈچۈن دوزاختا باشلىنىدۇ، بۇ ھاياتنىڭ قايسى ئورۇندا باشلىنىشى ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتىكى ئېتىقادلىرى، سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىگە باغلىق.

قېرىنداشلار! ئەنە ئىنسان، ئەنە ھايات. دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدىن پەقەت ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىرى بار، ئۆزگەرتەلەيدىغانلىرى بار، مەسىلەن:

ئىنسان ئۆزىنىڭ قاچان قەيەردە قانداق تۇغۇلۇشى، كىمنىڭ بالىسى بولۇپ تۇغۇلۇشى ۋە كىم-كىملەر بىلەن بىر تۇغقان بولۇپ تۇغۇلىشى قاتارلىق ئىشلارغا ئارىلىشالمايدۇ ۋە بۇلارنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ (شۇڭا ئۇ بۇلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ). لېكىن ئۇ ئەقلىنى ئىشلەتسە ئاخىرەتتە باشلىنىدىغان ئەبەدىي ھاياتىنى جەننەتتە باشلىتالايدۇ ۋە جەننەتتىكى دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرەلەيدۇ. ئەقلىنى ئىشلىتىپ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىلاھى پەرمانلارغا بويسۇنىدۇ، خالاس.

قېرىنداشلار! ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تارىختا نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئەۋەتكەن، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلار نازىل قىلغان. نۇرغۇن ئىنسانلار ئەقلىنى ئىشلىتىپ نازىل قىلىنغان ئۇ كىتابلارغا بويسۇنغان ۋە ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن، نەتىجىدە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرگەن، نۇرغۇن ئىنسانلار ئەقىلسىزلىك قىلىپ ئۇ كىتابلارغا بويسۇنمىغان ۋە ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشمىگەن، نەتىجىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان.

ئاللاھ تەئالانىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل قىلغان كىتابى قۇرئان كەرىم، ئەڭ ئاخىرىدا ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. بۇ پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن دىن بىزنى نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلىشتىن توسىدۇ.

بۇ دىن بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلساق، نەپسىمىز پاكلىنىدۇ، روھىمىز يۈكسىلىدۇ، قەلبىمىز ئاقىرىدۇ، ئەقلىمىز ئۆتكۈر بولىدۇ، قىسقىسى دۇنيادا ئىنسانچە ياشايمىز، ئاخىرەتتە ئاللاھ تەئالانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىمىز. بۇ دىن توسقان ئىشلارنى قىلساق، نەپسىمىز بۇلغىنىدۇ، روھىمىز چۈشكۈنلىشىدۇ، قەلبىمىز قارىيىدۇ، ئەقلىمىز ئشلىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، قىسقىسى دۇنيادا ھايۋانچە ياشايمىز، ئاخىرەتتە ئاللاھ تەئالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا دۇچار بولىمىز.

ھەممىمىزگە مەلۇم ئاللاھ تەئالا بەزى ماكانلارنى پەزىلەتلىك قىلغاندەك، بەزى زامانلارنىمۇ پەزىلەتلىك قىلغان. بۇمۇ بىز ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر، چۈنكى بىز ئەگەر شۇ ماكانلاردا ۋە شۇ زامانلاردا قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەل-ئىبادەتلەرنى تەلەپكە لايىق بىر شەكىلدە قىلساق، ۋەئدە قىلىنغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز.

ئاللاھ تەئالا پەزىلەتلىك قىلغان زامانلارنىڭ بىرى رامزان ئېيىدۇر. ئاللاھ تەئالا بۇ ئاينى پەزىلەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە بىزنى بۇ ئايدا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان.

مۆھتەرەم قېرىنداشلار! مانا ئۇ رامزان ئېيى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ شۇنداق بىر ئايكى، قۇرئان كەرىم بۇ ئايدا نازىل قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا پەيغەمبەر بولغان، مۇسۇلمانلار بۇ ئايدا (بەدىر ئۇرۇشىدا) زەپەر قۇچقان. مەككىنى بۇ ئايدا پەتھى قىلغان، ئاللاھ تائالا بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان، بۇ ئاينىڭ بىر كېچىسىنى مىڭ ئايدىن ياخشى قىلغان.

مۇسۇلمانلار بۇ ئايدا روزا تۇتىدۇ، زاكات ئايرىيدۇ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ، خەير-ئېھسان قىلىدۇ، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلايدۇ، بۇ ئارقىلىق رەببىنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىگە لايىق بولىدۇ.

قېرىنداشلار! رامزان ئېيى كىرسە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئىچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، رەببىمىز ياخشى بەندىلىرىگە رەھمەت ۋە مەغپىرىتىنى ياغدۇرىدۇ، كۈندۈزى روزا تۇتۇپ سەھەر ۋاقىتلىرىدا ئىستىغپار ئېيتقان مۇئمىن بەندىلىرى بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرىغا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.

مۆھتەرەم قېرىنداشلار!

بۇ ئاينى ئەمەلئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلايلى! بۇ ئايدا قەلبىمىز ئاللاھنىڭ زىكرى، تىلىمىز  ئاللاھنىڭ ھەمدى ۋە شۈكرى بىلەن مەشغۇل بولسۇن!. بۇ ئايدا خەير-ئېھسانلارنى كۆپ قىلىۋالايلى!

ئاللاھ تائالادىن ئىككى نەرسىنى سورايلى، بىرى جەننەتكە كىرىش، يەنە بىرى دوزاختىن قۇتۇلۇش. بۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمانلارغا بىرلىك-باراۋەرلىك، تىنچ-ئامانلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تىلەيلى.

 نامازلارنى، جامائەت بىلەن ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ مەسجىتلىرىنى ئاۋات قىلايلى!  قۇرئان تىلاۋەتى بىلەن ئۆيلىرىمىزنى ۋە ئەقىللىرىمىزنى نۇرلاندۇرايلى! ئىچىمىزنى ئۆز-ئارا سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە مېھىرشەپقەت بىلەن زىننەتلەيلى!

ھەممىمىزگە مەلۇم روزىنىڭ پەزىلىتى كۆپ، مۇكاپاتى چوڭدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۇلۇغ ئايدىكى رەھمەت ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر نېمىدېگەن بەخىتسىزھە!.

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇئمىنلەر! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى. بۇ، سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغان ئىدى. روزا تۇتۇپ تەقۋادار بولغايسىلەر»- (بەقەرە 2/183).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«روزا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل-ماجرا تۇغدۇرۇپ چوقان كۆتۈرمىسۇن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسا مەن روزىدارمەن دېسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزىدار ئادەمنىڭ ئاغزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىپارنىڭ بۇيىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر. روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈك خۇشاللىق بولىدۇ. بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغان چاغدا روزا تۇتقانلىق سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىغان نازۇنېئمەتلەردىن خۇشال بولىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئاللاھ تەئالا ھەممىمىزنى بۇ ئايدا كۆپ ئەمەل-ئىبادەتلەر قىلىۋېلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن، ئامىن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر