مۇسۇلمانلار

دېمىدە قىلىش خاتا دەپسىز2

سوئال:
سىز ئايەتلەرنى شىپالىق ئۇچۇن دېمىدە قىلىپ ئىچىش خاتا دەپسىز! ئۇنداقتا سۈرە يۇنۇس57 ـ ئايەت، سۈرە بەنى ئسرائىل82 – ئايەت، سۈرە فۇسسىلەت 44 ـ ئايەتلىرىگە نېمە دەيسىز؟
جاۋاب:
ئۇ ئايەتلەر، تەرجىمىلىرى ۋە تەپسىرلىرى مۇنداق:
2- «وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ وَلَا يَزِيدُ الظَّالِمِينَ إِلَّا خَسَارًا»
«بىز نازىل قىلغان قۇرئان مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولىدۇ، زالىملارنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ»- ئىسرا 17/82.
ئىلگىرىكى (سۈرە ئىسرا 81- ) ئايەتتىكى «ھەق» قۇرئان كەرىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم ئېلىپ كەلگەن دىن ھەق، بەرگەن مەلۇمات راست، كۆرسەتكەن يول توغرىدۇر.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا قۇرئان كەرىم ھەقنىڭ دەل ئۆزىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەقنى يەنى پاك ئېتىقاد، كېرەككە كېلىدىغان ئەمەل، دۇرۇس مۇئامىلە، گۈزەل ئەخلاقلار قاتارلىق توغرىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا باتىل ئېتىقاد، ساختا ئىبادەت، يامان مۇئامىلە، ناچار ئەخلاق قاتارلىق ناتوغرىلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن 82- ئايەتتە قۇرئان كەرىم «شىپا ۋە رەھمەت» دەپ ئىپادىلەنگەن. تۆۋەندە بۇ ئىككى سۆزنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز:
1- «قۇرئان شىپادۇر» يەنى قۇرئان كەرىم دورىدۇر، كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا سەۋەب بولغۇچى نەرسىدۇر. بۇنىڭ مەنىسى: «قۇرئان مۇئمىنلارنى يەنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە ئىشەنچ قىلغانلارنى ئېتىقاد، نىيەت، چۈشەنچە ۋە تەسەۋۋۇر جەھەتتىكى روھىي كېسەللىكلەردىن، ئەمەل-ئىبادەت، ئەدەپ-ئەخلاق، مۇئامىلە-مۇناسىۋەت قاتارلىقلاردىكى مەنىۋى كېسەللىكلەردىن ساقايتىدىغان ۋە ساقلايدىغان مەنىۋى بىر دورىدۇر» دېگەن بولىدۇ.
2- «قۇرئان رەھمەتتۇر» يەنى قۇرئان كەرىم ئىلاھى بىر ئىنئام، ئىلاھى بىر ئېھسان ۋە ئىلاھى بىر ئىلتىپاتتۇر. بۇنىڭ مەنىسى: «قۇرئان ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، لايىق رەۋىشتە ئوقۇغۇچىلىرىغا ساۋاب قازاندۇرىدىغان، ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى تەپەككۇر ۋە تەدەببۇر قىلغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىن توغرا ئىلىمگە ئىگە قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىغا لايىق قىلىدىغان، تەسلىكنى ئاسانلاشتۇرىدىغان، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدىغان، خاتالىقلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىش، گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىش ۋە يامانلىقلارنىڭ ياخشىلىقلارغا ئايلاندۇرۇلۇش يوللىرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلاھىي بىر ئىنئامدۇر» دېگەن بولىدۇ.
دېمەككى، قۇرئان كەرىم بەزى تەييارتاپلارنىڭ ئىسسىتقۇ-سوۋۇتقۇ قىلىش سەرمايىسى، بەزى ئالدامچىلارنىڭ سۈف-كۆچلەش قۇرالى، بەزى قىزىل كۆزلەرنىڭ ساددا مۇسۇلمانلارنى تۇزاققا چۈشۈرۈش يەمچۈكى ئەمەس. ئەكسىچە، قۇرئان مۇئمىنلارغا مەنىۋى شىپا، مۇتتەقىيلەرگە ھىدايەت رەھبىرى، مۇسۇلمانلارغا دەستۇردۇر.
ئۇنىڭ «شىپا» بولۇشى مانا مۇشۇنداق مەنىۋىدۇر. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا قۇرئاننىڭ «زالىملارنىڭ زىيىنىنى ئارتتۇرىدۇ» غانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ يەردىكى زالىملار تەرسالىق ۋە ئاڭسىزلىق بىلەن قۇرئاننىڭ ھەقىقەتلىرىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
بۇلار ئۈچۈن قۇرئاننىڭ «شىپا ۋە رەھمەت» بولۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، قۇرئان ئۇلارنىڭ مەنىۋى زىيىنىنى ئارتتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇرئاننىڭ ھەقىقەتلىرى شۇنچىزا ئوچۇق تۇرسىمۇ يەنىلا باتىل ئېتىقاد ۋە يامان ئەمەللىرىدە ئەزۋەيلىگەن. قۇرئان ئۇلارنىڭ ئەنە شۇ ئەزۋەيلىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنىۋى زىيىنىنى ئارتتۇرغان. 
دېمەككى، ئىسرا سۈرىسىنىڭ 82- ئايىتىدىكى «شىپا»مۇ مەنىۋى شىپادۇر، «زىيان»مۇ مەنىۋى زىياندۇر.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.
 
داۋامى بار….

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر