مۇسۇلمانلار

دېمىدە دەپ دورا يوق

سوئال:
كېسەلنىڭ شىپا تېپىشى ئۈچۈن دەپ دېمىدە ئىچكۈززسە
بولامدۇ؟
جاۋاب:
بولمايدۇ. كېسەلنىڭ شىپا تېپىشى ئۈچۈن كېسەل ئادەمنى دوختۇر/تېۋىپقا كۆرسىتىپ ئۇنىڭ بەرگەن دورىسىنى ئىچۈرۈش/يېگۈزۈش كېرەك. ھېچبىر دوختۇر/تېۋىپنىڭ دېمىدە دەپ بىر دورىسى يوق. ئۇ «دىنپۇرۇش» لارنىڭ بىر ھىيلىسىدۇر.
سوئال:
«كىشىگە رەھمەت ئېيتىشىنى بىلمىگەن كىشى ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتمايدۇ» دەپ بىر ھەدىس بارمۇ؟ بولسا مەنىسى نېمە دېگەن بولىدۇ؟
جاۋاب:
«ئىنسانلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا تەشەككۈر ئېيتمىغان كىشى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتمايدۇ» دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىس بار. بۇ سەھىھ ھەدىستۇر. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى مۇنداق:
ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئىنساننىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى تونۇپ، ھېس قىلىپ، بىلىپ «رەھمەت، ئاللاھ رازى بولسۇن، بارىكاللاھ،…» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ياكى ئەينى شەكىلدە ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇ ئىنسانغا تەشەككۈر بىلدۈرۈشنى بىلمىگەن كىشى، ئاللاھنىڭ شۇنچىۋالا نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇپ، ئۇ نېمەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا شۈكۈر ئېتىشنى بىلمەيدۇ. ئۇنداق كىشى «خالىققا شۈكۈر ئېيتىش، مەخلۇققا تەشەككۈر بىلدۈرۈش»نى ئاڭقارمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر