مۇسۇلمانلار

دۈشمەنلەرگە قارشى جىھاد

ب- دۈشمەنلەر ۋە ئۇلارغا قارشى جىھاد
ئىنساننىڭ ئۈچ تۈرلۈك دۈشمىنى بار بولۇپ، ئۇ دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش جىھاد قىلغانلىقتۇر. مەزكۇر دۈشمەنلەر ۋە ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىشنىڭ يوللىرى تۆۋەندىكىچە:
1- دۈشمەن: نەپس ۋە ئۇنىڭغا قارشى جىھاد
نەپس تېزلا ھاسىل بولىدىغان راھەتنى خالايدۇ، ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى ياخشى كۆرىدۇ، نەقنى كۆزلەيدۇ، كېيىن يۈز بېرىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ئويلىمايدۇ، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ[1]، شۇنداقلا قەلب (قەلب)نى ئەقىلگە بويسۇنۇشتىن توسۇپ، ئۆزىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا كۆندۈرۈپ، بەدەننىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ[2]. مۇنداقچە ئېيتقاندا نەپس شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا قارشى جىھاد قىلىش ئەڭ قىيىن جىھاددۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا قارشى تۇرۇشى زور، ئۆز نەپسىنىڭ ئارزۇلىرىغا خىلاپلىق قىلىشى قىيىن، ئۆز نەپسىنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلماسلىقى تەستۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىپ غەلىبە قىلالمىغان كىشى دۈشمىنىگە قارشى جىھاد قىلىشقا ئۆزىدە كۈچ ۋە جاسارەت تاپالمايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقىي مۇجاھىد نەپسىگە قارشى جىھاد قىلغان كىشىدۇر»[3]. بۇ مەنىدە كۆپ ھەدىس بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنىڭ خاتا ئارزۇلىرىغا، ھەتتا نەپسىنىڭ قۇرۇق ۋە مەنىسىز ئىستەكلىرىگە قارشى تۇرۇپ ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتمەي چىڭ تۇرۇشىنىڭ «نەپسىگە قارشى جىھاد قىلغانلىق» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
نەپسكە قارشى جىھاد ئىسلامنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىسلامغا ئەمەل قىلىش، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ۋە بۇ يولدىكى قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ. إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ
«ئەسر بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلار ئەلۋەتتە زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس»-103- سۈرە.
﴿وَأَمَّا مَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِ وَنَهَى النَّفْسَ عَنِ الْهَوَى. فَإِنَّ الْجَنَّةَ هِيَ الْمَأْوَى
«كىم رەببىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورقسا ۋە نەپسىنى ئارزۇلىرىدىن توسسا، شۈبھىسىزكى، جەننەت ئۇنىڭ جايى بولىدۇ»- نازىئات 79/40-41.

[1]– يۇسۇف 12/53.

[2]– چۈنكى نەپس مەنپەئەتچى، ئەقىل يېتەكچى، كۆز بىلەن قۇلاق مەلۇمات توپلىغۇچى، قەلب قارار مەركىزى، بەدەن ئىجرا قىلغۇچىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا نەپس راھەتنى كۆزلەيدۇ، مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ. ئەقىل ھەقنى كۆرسىتىدۇ، خاتالىقتىن توسىدۇ. قەلب قارار قىلىدۇ، بەدەن ئىجرا قىلىدۇ. شۇڭا ئەقىل قەلبنى ھەقىقەتنى ئاساس قىلىپ قارار قىلىشقا چاقىرىدۇ، نەپس مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ قارار قىلىشقا ئۈندەيدۇ. قەلب ئەقىلگە بويسۇنۇپ قارار قىلسا توغرا قارار قىلىدۇ، ناۋادا نەپسكە بويسۇنۇپ قارار قىلسا خاتا قارار قىلىدۇ. بەدەن توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن قەلبنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىلىڭلاركى، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ گۆش قەلبتۇر»- بۇخارى، ئىمان 39، بۇيۇئ 2؛ مۇسلىم، مۇساقات 107 (1599)؛ ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 3 (33229، 3330)؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 1 (1205)؛ نەسەئى، بۇيۇئ 2 (7/241). خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەر ئەقلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەقىلنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىنىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىماندا ئەقىل بىلەن چۈشىنىش ئەمەس، قەلب بىلەن تەستىقلاش ئاساس قىلىنغان.

[3]تىرمىزى، جىھاد 2.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر