مۇسۇلمانلار

دۇرۇد پەرزمۇ؟

سوئال، تەشەھھۇدتا (ئەتتەھىياتۇدا ئولتۇرغاندا) چۇقۇم دۇرۇد ئۇقۇش كېرەكمۇ؟

تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش نامازنىڭ ئىچىدىكى بىر پەرزدۇر. لېكىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە دۇئالار پەرز ئەمەس، بەلكى، نامازنىڭ مۇھىم سۈننەتلىرىدىن بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا دۇرۇد ئوقۇشمۇ دۇئالار قاتارىدىن بولغاچقا چۇقۇم ئوقۇش شەرت ئەمەس، لېكىن مۇھىمدۇر. چۈنكى بىر رىۋايەتتە ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن دۇرۇدنى قانداق يوللاشنى سورىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن. ئەگەر پەرز بولغان بولسا ئۇلار سوراشتىن بۇرۇن ئۆگەتكەن بولاتتى. مەزكۇر رىۋايەت مۇنداق؛ كەئبى ئىبن ئۇجرە (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: «ئې ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنى ساڭا دۇرۇت-سالام يوللاشقا ئەمىر قىلدىڭ. سالامنى قانداق يوللاشنى بىلىمىز، دۇرۇتنى قانداق يوللايمىز؟ دەپ سورىغان ئىدۇق. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېدى:

اللهمّ صلّ على محمّد وعلى آل محمد كما صليت على إبراهيم وعلى آل إبراهيم إنك حميد مجيد .

اللهمّ بارك على محمّد وعلى آل محمّد كما باركت على إبراهيم وعلى آل إبراهيم، إنّك حميد مجيد

«ئى ئاللاھ! ئىبراھىمنىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ شەنىنى ئۇلۇغ قىلغىنىڭدەك، مۇھەممەدنىڭ ۋە مۇھەممەدنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ شەنىنى ئۇلۇغ قىلغىن. سەن مەدھىيەگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن! ئى ئاللاھ! ئىبراھىمنىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىنىڭدەك، مۇھەممەدكە ۋە مۇھەممەدنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىن. سەن مەدھىيەگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن»[1].

تەشەھھۇد ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، تۆت رەكئەتلىك نامازلاردا ئاۋۋالقى ئىككى رەكئەتتىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا دۇرۇد ئوقۇلمايدۇ. ئەگەر ھەر قانداق تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا دۇرۇد ئوقۇش پەرز بولغان بولسا، بىرىنچى تەشەھھۇدتىمۇ پەرز بولغان بولاتتى.

[1]بۇخارى، ئەنبىيا 10، دەئۋەت 31، 32. مۇسلىم، سالات، 65، 66، 69. تىرمىزى، تەپسىر( 33)، 34. ئەبۇ داۋۇد، سالات 178-179. نەسەئى، سەھۋ 49، 50، 51، 54.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر