مۇسۇلمانلار

دۇئا قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ!

چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

دۇئانىڭ مەنىسى
دۇئا ئەسلىدە ئەرەبچە سۆز بولۇپ مەنىسى، ئاللاھ تەئالاغا يېلىنىپ ئۆزى ۋە باشقىسى ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەش دېگەن بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىغا ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ تۇرۇپ، مەقسىتىنى پەقەت ئاللاھدىنلا تىلىگەن كىشى ئاللاھ تەئالاغا دۇئا قىلغان بولىدۇ.

بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىلغان دۇئالىرى:
قانداق دۇئا قىلىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پەيغەملەرنىڭ قۇرئان كەرىمدە دۇئالىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىشىمىز كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەرلەر بىزلەر ئۈچۈن ئۈلگىدۇر. بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئالىرىنىڭ قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنىشى مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈندۇر. دېمەك، قۇرئان كەرىم بىزگە ئاللاھغا قانداق دۇئا قىلىشىمىزنى بۇ شەكىلدە ئۆگىتىدۇ.

1 – ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى؛ ئادەم ئەلەيھىسسالام ئايالى بىلەن ئاللاھ تەئالانىڭ چەكلىمىسىگە بويسۇنماي خاتالىق ئۆتكۈزگەن چاغدا مۇنداق دۇئا قىلغان:

«رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز»1.

دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئايالى بىلەن ئاللاھغا قىلغان دۇئالىرىدا ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، ئەگەر ئاللاھ تەئالا ئەپۇ قىلمىسا ۋە رەھىم قىلمىسا چوقۇم زىيانغا ئۇچراپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

2 – يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ نىداسى؛ يۇنۇس ئەلەيھىسسالام بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ ئاللاھ تەئالاغا مۇنداق نىدا قىلغان:

«ئى ئاللاھ! سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، سەن ئۇلۇغ زاتسەن، مەن زالىملاردىن بولدۇم»2.

يۇنۇس ئەلەيھىسسالام بۇ نىداسىدا ئۆزىنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئېلان قىلىدۇ، ئارقىدىنلا ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ۋە ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتە3 يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلغانلىقىنى ۋە مۇئمىنلەرنىمۇ ئېغىرچىلىقلاردىن ئەنە ئاشۇنداق خالاس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

دېمەك بەندىنىڭ، ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىغا ئىقرار قىلىشىمۇ دۇئا ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقە ساففات سۈرىسىنىڭ 139- 148- ئايەتلىرىدىمۇ بايان قىلىنىدۇ.

3 – ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ نىداسى؛ ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئېغىر بالاغا مۇپتىلا بولۇپ قالغاندا ئاللاھ تەئالاغا مۇنداق نىدا قىلغان:

«رەببىم! مېنى بالا ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتسەن»4.

بۇ ۋەقە ساد سۈرىسىنىڭ 41- 44- ئايەتلىرىدىمۇ بايان قىلىنىدۇ. ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قىيىنىچىلىقتا قالغانلىقىنى ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ ئەڭ مەرھەمەتلىك زات ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇ نىدانىمۇ ئىجابەت قىلغانلىقىنى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتە5 بايان قىلىدۇ

بۇ دۇئا ۋە نىدالارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، دۇئانىڭ مەنىسىنى تولۇق كۆرىمىز.

دۇئا ئىجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى
ئاللاھ تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇھەممەد! بەندىلىرىم سەندىن مېنى سورىسا، بىلسۇنلاركى: مەن ئۇلارغا ناھايىتى يېقىندۇرمەن؛ ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن، ماڭا ئىشەنسۇن. ئۇلار مۇشۇنداق قىلغاندىلا توغرا يولنى تاپالايدۇ»6.

دېمەك، ئاللاھ تەئالا بىز بەندىلەرگە ناھايىتى يېقىن، دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىككى شەرتى بار: بىرى بىزنىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىشىمىزدۇر، يەنە بىرى ئاللاھ تەئالانىڭ دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىزدۇر. دۇئانى بۇ شەكىلدە قىلساق توغرا يولنى تاپقان بولىمىز.

مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، كىيىم – كېچىكى ۋە يېمەك – ئىچمىكى ھارام بولغانلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولمايدىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. كىيىم – كېچەك ۋە يېمەك – ئىچمىكلەرنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى پەقەت ئاللاھ تەئالا بىلىدۇ. چۈنكى «ئاسماندا بولسۇن زېمىندا بولسۇن ھېچ نەرسە ئاللاھغا مەخپىي ئەمەس»7.

چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىش
ئاللاھ تەئالا بىزگە مۇنداق دەيدۇ:

«سۆزۈڭلارنى مەيلى مەخپىي قىلىڭلار مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار ئاللاھ ئۈچۈن بەرىبىر، چۈنكى ئاللاھ قەلبلەردىكى سىرلارنى بىلىدۇ. ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلىدىغان، ھەممىدىن خەۋەردار زات تۇرسا!»8،

«ئىنساننى چوقۇم بىز ياراتتۇق. بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز. چۈنكى بىز ئۇنىڭغا جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىن»9،

«قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار ئاللاھ سىلەر بىلەن بىللىدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»10.

بۇنىڭغا ئاساسەن بىز دۇئا قىلغان ۋاقتىمىزدا ئەقىدە ۋە ئىخلاس بىلەن ئاللاھ تەئالاغا يېلىنىپ تۇرۇپ ئۆزىمىز ئۈچۈن، ئاتا- ئانىمىز ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن ۋە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ياخشىلىق تىلىشىمىز لازىم؛ دۇئانىڭ مەنىسىمۇ دەل مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.

ھەدىيە قىلىش
بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ ئۇنىڭ ساۋابىنى باشقىلارغا ھەدىيە قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئىش:

بىرىنچىدىن تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپ كېلىدۇ:

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»11.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە12 . ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم13 . ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا- ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»14.

ئىككىنچىدىن بىدئەتتۇر. چۈنكى ياخشى ئەمەلنىڭ ساۋابىنى باشقا بىرىگە ھەدىيە قىلىش ئىشىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلمىغان ۋە ئۆگەتمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلەرنىڭ ئىچىدە بۇنداق ئىشنى قىلغان بىرمۇ كىشى يوق.

يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ بىر كىشى قىلغان ئەمەلنىڭ يەنە بىر كىشىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقى ئېنىق بىر شەكىلدە بىلىنىدۇ. شۇڭا باشقىلارغا، ئاللاھ رىزاسى قىلغان ئىبادىتىمىزنىڭ ساۋابىنى ھەدىيە قىلىمايمىز. ئەكسىچە ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تەئالاغا دۇئا قىلىمىز.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ياخشى ئەمەلنى قىلغان بىر مۇسۇلمان، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەئالا ئالدىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قىلىدۇ ۋە قىلىشى لازىم. ئاللاھ تەئالا بۇنداق ئەمەلنى كىم قىلغان بولسا، ئەجىرنى شۇنىڭغا بېرىدىغانلىقىنى نۇرغۇنلىغان ئايەتتە بايان قىلىدۇ.

ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19 قاتارلىق ئايەتلەردىكى«ئەجرەھۇم» ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ھەقتە يەنە بىر گەپ، ئىككى نەرسىنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىنسان ھاسىل بولىدۇ؛ بىرى تەن، يەنە بىرى روھ. ئىنسان ئۆزى ئىستېمال قىلغان يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن تېنىنى (بەدەنىنى) غىزالاندۇرىدۇ؛ ئۆزى قىلغان ئەمەل – ئىبادەت بىلەن روھىنى غىزالاندۇرىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىسى يەپ – ئىچكەن نەرسە بىلەن قورسىقى تويمىغاندەك، باشقىسى قىلغان ئىبادەت بىلەنمۇ روھى غىزالانمايدۇ.

دۇئادا قول كۆتۈرۈش
دۇئادا قول كۆتۈرۈش سۈننەتتۇر،چۈنكى:

1 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ تەئالا، ئۆزىگە ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن بەندىسىنىڭ قوللىرىنى قۇرۇق قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ» دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسى بار15.

2 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: (ھەج ياكى ئۆمرە سەپەرلىرىگە ئوخشاش) ئۇزۇن سەپەر قىلىپ چاچلىرى چۇۋۇلغان، يۈز – كۆزلىرىنى توپا – چاڭ باسقان بىر ئادەمنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇ ئادەم ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ‹ئى رەببىم! ئى رەببىم!› دەيدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېمەك – ئىچمىكى، كىيىم – كېچىكى ۋە ئۇزۇقلىنىشى ھارام تۇرسا، ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت قىلىنىدۇ» دېگەن16.

3 – ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىلنى مەككىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى بەيتۇللاھنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇپ، ئۇلاردىن ئۇزاپ، ئۇلارنىڭ كۆزى يەتمەيدىغان يەردىكى تۆپىلىككە يېتىپ بارغاندا، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: مۇنداق دۇئا قىلغان: «رەببىمىز! مەن ئائىلەمنىڭ بىر قىسمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى زىرائەتسىز ۋادىغا يەرلەشتۈردۈم. رەببىمىز! ئۇلارنى، نامازنى ئۆزلۈكسىز ئوقۇسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم. شۇڭا بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارغا ھەر خىل مېۋە ۋە مەھسۇلاتلاردىن رىزىق ئاتا قىلغىن. ئۇلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىشى مۇمكىن17»18.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

1 – ئەئراف 7/23.
2 -ئەنبىيا 21/87.

3 – ئەنبىيا 21/88- ئايەتتە.

4 – ئەنبىيا 21/83.

5 – ئەنبىيا 21/84 – ئايەتتە.

6 – بەقەرە 2/186.

7 – ئال ئىمران 3/5.

8 – مۇلك 67/13،14.

9 – قاف 50/16،17.

10 – ھەدىد 57/4.

11 – نەجم 53/39.

12 – مەسجىد، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش.

13 – باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئەسەرلەر.

14 – مۇسلىم، ۋەسىيەت 14 ھەدىس نومۇرى 1631. تىرمىزي، ئەھكام 1297. نەسىئىي، ۋەسايا 3591. ئەبۇ داۋۇد، ۋەسايا2494.

15 – بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي ھەسەن، سەنئانىي جەييىد، ئەلبانىي سەھىھ دەيدۇ.

16 – بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلىدۇ.

17 – بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر