مۇسۇلمانلار

دۇئا ئىجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى

1- ئىخلاس قىلىش، يەنى دۇئانى ئاللاھقىلا قىلىش، چۈنكى دۇئا ئىبادەتتۇر. ھەتتا ئىبادەتنىڭ جەۋھىرىدۇر. ئاللاھ تەئالا جىن سۈرىسىنىڭ 18- ئايىتىدە ۋە غافىر سۈرىسىنىڭ 14- ئايىتىدە بەنىدلىرىنى ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبنى ئابباسقا مۇنداق دېگەن: «تىلىسەڭ ئاللاھتىن تىلە، ياردەم تىلىسەڭ ئاللاھتىن ياردەم تىلە» (ئەھمەد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).

نوئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇئا قىلىشنىڭ ئۆزى بىر ئىبادەتتۇر» (ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان). ئىخلاس بىلەن قىلىنمىغان ئىبادەت قوبۇل قىلىنمايدۇ.

2- سەۋر قىلىش، يەنى ئالدىراپ كەتمەسلىك. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن دۇئا قىلغان كىشى ئالدىراپ كەتمىسىلا دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ. ئۇنىڭ: ‹دۇئا قىلدىم، ئىجابەت بولمىدى› دېيىشى، ئۇنىڭ ئالدىراپ كېتىشىدۇر» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بەندە گۇناھ قىلىشنى ياكى تۇغقانلىرىدىن يىراقلىشىپ كېتىشنى تىلىمىسىلا ھەمدە ئالدىراپ كەتمىسىلا ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ» دېگەن ئىدى، بىرى: «يا رەسۇلەللاھ! ئالدىراپ كېتىش دېگەن نېمە؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۇ بەندە ‹دۇئا قىلدىم، دۇئا قىلدىم، ھېچ ئىجابەت بولغىنىنى كۆرمىدىم› دەيدۇ. شۇ چاغدا دۇئا قىلىشتىن توختايدۇ، دۇئانى تەرك ئېتىدۇ. مانا بۇ، ئالدىراپ كەتكەنلىكتۇر» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

3- ھالال يېگەن بولۇش. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ پاكتۇر، پاك نەرسىنىلا (ھالالنى) قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە نېمىنى بۇيرۇغان بولسا، مۇئمىنلەرگىمۇ شۇنى بۇيرۇدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرگە: ‹ئى پەيغەمبەرلەر، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار ۋە ياخشى ئەمەل قىلىڭلار›، دېگەن بولسا، مۇئمىنلارگە: ‹ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلەردىن يەڭلار›، دېدى، ئاندىن كېيىن ئۇزۇن سەپەر قىلىپ (ھەج سەپىرىگە ئوخشاش) چاچلىرى چۇۋۇلغان، يۈزلىرىنى توپا-چاڭ باسقان، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ‹ئى رەببىم! ئى رەببىم!›، دەپ دۇئا قىلىدىغان بىر ئادەمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە مۇنداق دېدى: «ھالبۇكى ئۇنىڭ يېمىكى ھارامدۇر، ئىچىملىكى ھارامدۇر ۋە ئوزۇقلىنىشى ھارامدۇر، بۇنداق ئادەمنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت بولىدۇ؟» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

4- ئىشەنچ ۋە ھۇزۇرىقەلب بىلەن دۇئا قىلىش، يەنى دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىجابەت بولۇشىغا جەزم قىلغان ھالدا ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى قەلبىنى غەپلەت بېسىۋالغان كىشىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ» (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان)

5- دۇئادا ھەددىدىن ئاشماسلىق، يەنى ھارام نەرسە تىلىمەسلىك، تىلىگەن نەرسىسىنىڭ تەپسىلاتلىرىنىمۇ تىلىمەسلىك، ئۇيغۇن بولمىغان نەرسىلەرنى تىلىمەسلىك، مەسىلەن:

ئۆلمەسلىكنى تىلەش ، يېمەك-ئىچمەككە موھتاج بولماسلىقنى تىلەش، بىر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتماي تۇرۇپ باي بولۇشنى تىلەش ، ئۆيلەنمەي تۇرۇپ بالا تىلەش، پەيغەمبەرلىك تىلەش، غەيبنى بىلىشنى تىلەش قاتارلىق تىلەكلەردە بولۇش دۇئادا ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ.

6- دىنىمىز بۇيرۇغان بىر ئىشنى تەرك ئېتىپ تۇرۇپ ياكى دىنىمىز چەكلىگەن بىر ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ.

7- ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر؛ يامانلىقتىن توسۇسىلەر يا ئاللاھ سىلەرگە ئۆز تەرىپىدىن بىر ئازاب ئەۋەتىدۇ. ئۇ چاغدا ئاللاھقا دۇئا قىلىسىلەر، لېكىن دۇئايىڭلار ئىجابەت بولمايدۇ» (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).

مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزى ئىخچام، مەزمۇنى چوڭقۇر دۇئالارنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇنداق بولمىغانلىرىنى تەرك ئېتەتتى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيادىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن». (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! مېنى توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم قىل، مېنى تەقۋادار قىل، مېنى ھارامدىن ساقلا، مېنى ھېچكىمگە موھتاج قىلما» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، بەكمۇ قېرىپ كېتىشتىن ۋە بېخىللىقتىن ساقلىغىن». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى، نادانلىقىمنى، ھەددىدىن ئاشقانلىقىمنى ۋە سەن مەندىنمۇ ياخشىراق بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! بىلىپ تۇرۇپ قىلغان گۇناھىمنى، چاقچاق يوسۇندا قىلىپ تاشلىغان گۇناھىمنى، بىلمەستىن قىلىپ سالغان گۇناھىمنى ۋە قەستەن قىلغان گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن. بۇ گۇناھلارنىڭ ھەممىسى مەندە تېپىلىدۇ. ئى ئاللاھ! ئىلگىرى ۋە كېيىن قىلغان گۇناھلىرىمنى، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن. خالىغان بەندەڭنى رەھمىتىڭگە بالدۇر ئېرىشتۈرىسەن، خالىغان بەندەڭنى رەھمىتىڭگە كېيىن ئېرىشتۈرىسەن. سەن ھەممىگە قادىرسەن» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

زەيد ئىبن ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن ۋە بەك قېرىپ كېتىشتىن ۋە قەبرە ئازابىدىن ساقلا. ئى ئاللاھ! نەپسىمنى تەقۋادار ۋە پاك قىلغىن، ئۇنى پەقەت سەنلا پاك قىلىسەن، سەن نەپسىمنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە ئىگىسىدۇرسەن. ئى ئاللاھ! مېنى پايدىسىز ئىلىمدىن، بويسۇنماس قەلبتىن، تويماس نەپسىدىن ۋە ئىجابەت بولماس دۇئادىن ساقلىغىن» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى ئاق كېسەلدىن، روھىي كېسەلدىن، ماخاۋ كېسىلىدىن ۋە يامان ئاغرىقلاردىن ساقلىغىن» (ئەبۇ داۇۋد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر