مۇسۇلمانلار

دۇئايى قۇنۇت2

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ماڭا ياردەم قىلىپ تۈۋەندىكى دۇئانىڭ تەرجمىسنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز:
«ئاللاھۇممەھدىني فىيمەن ھەدەيتە ۋەئافىني فيمەن ئافەيتە ۋەتەۋەللەنىي فىيمەن تەۋەللەيتە ۋەبارىكلي فىيمەن ئەئتەيتە ۋەقىنى شەررە ماقەزەيتە فەئىننەكە تەقزىي ۋەلا يۇقزا ئەلەيكە ۋەئىننەھۇ لايەزىللۇ مەن ۋالەيتە ۋەلا يەئىززۇ مەن ئادەيتە تەبارەكتە رەببەنا ۋەتەئالەيتە».
ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇرېھىم
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
«ئى ئاللاھ! سەن ھىدايەت بەرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ ھىدايەت بەرگىن، سەن سالامەتلىك بەرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ سالامەتلىك بەرگىن، سەن دوست تۇتقان كىشىلەرنىڭ قاتارىدا مېنىمۇ دوست تۇتقىن، سەن ماڭا بەرگەن نەرسىلەرنى مەن ئۈچۈن بەرىكەتىلىك قىلىپ بەرگىن، مېنى ھۆكۈملىرىڭنىڭ يامىنىدىن ساقلىغىن، سەن ھۆكۈم قىلىسەن، ساڭا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، سەن دوست تۇتقان كىشى خار بولمايدۇ، سەن دۈشمەن تۇتقان كىشى ئەزىز بولمايدۇ، سەن ئۇلۇغسەن ئى رەببىمىز ۋە ئۈستۈنسەن!».

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر