مۇسۇلمانلار

دىن-دۆلەت مۇناسىۋىتى8

 
7- ئارمىيە – خەلق ھەمكارلىقى
59- ئارمىيە خەلقسىز، خەلق ئارمىيىسىز مەۋجۇت بولمايدۇ. بۇلار گۆش بىلەن سۆڭەكتەك بىر-بىرىگە مۇھتاج. گۆش بىلەن سۆڭەكنىڭ ئارىسىغا غەيرى ماددىلار كىرىپ قالسا بەدەندە چىدىغۇسىز ئاغرىق پەيدا قىلغاندەك، ئارمىيە بىلەن خەلق ئارىسىغا كىرىپ قالغان يات ماددىلارمۇ ئوخشاشلا دۆلەتتە چىدىغۇسىز ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ يەردىكى يات ماددىلاردىن مەقسەت مۇناپىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ يا ئارمىيەگە يا خەلققە پايدىسى تەگمەيدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئارمىيىنىڭ تەرەپدارلىرى، بەزىلىرى خەلقنىڭ تەرەپدارلىرىدەك كۆرۈنۈپ، بىر تەرەپنى يەنە بىر تەرەپتىن ئايرىشقا ئۇرۇنىدۇ.
ئەسكەرلەر بىلەن  ئىلىم ئىنسانلىرى رېئاللىقنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان ئىنسانلاردۇر. چۈنكى بۇ ئىككى كەسىپتىكى ئىنسانلار يالغان ۋە ئالدامچىلىقلاردىن يىراق ياشايدىغان بولغاچقا باشقىلارغا ئالدامچىلىق قىلىشنى ئويلىمايدىغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىمۇ ئۆزلىرىگە ئالدامچىلىق قىلمايدۇ دەپ ئويلاپ، ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ، لېكىن ئالدانغانلىقلىرىنى بىلگەن چاغدا ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ.
مۇناپىقلار لاي سۇدا بېلىق تۇتۇشتىن ھۇزۇرلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن پۇرسەت تاپسىلا جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىشىدۇ. ئەمما خەلققە بۇلارنىڭ سەمىمى ئەمەسلىكىگە ئىشەندۈرمەك ناھايىتى تەس. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلغاندا داۋاملىق ھۇشيار ۋە يۇمشاق قول بولۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنى جاسارەتلەندۈرۈپ قويىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان ئىشلارغا كىرىپ قالماسلىق كېرەك. بۇ تەرەپتىن دۆلەت، مەسئۇللۇق سالاھىيىتى بىلەن ھەرىكەت قىلىشى ۋە بۇلارنىڭ ئارمىيە-خەلق ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
60- مۇناپىقلار ئەسكەرلەرنىڭ ياخشى نىيىتىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھەر قانداق ئىشنى قىلىدۇ. بۇلار بىر قىسىم بىلىم ئىنسانلىرىنى ئاسانلا ئۆزىگە قارىتىۋالالايدۇ ، بۇنداق بولغاندا، دۆلەتتە چوڭ كرىزسلارنى پەيدا قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە مۇناپىقلار ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق:
(ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن بولمىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا سىرداش قىلىۋالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە يامانلىق قىلىدۇ، سىلەرنىڭ مۇشەققەت تارتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، دىللىرىدا يوشۇرۇۋاتقان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار بىز سىلەرگە ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق. سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلارنى ياخشى كۆرىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. سىلەر كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىسىلەر. ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، يالغۇز قالغان چاغلىرىدا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. ئۇلارغا «ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار»دېگىن. ئاللاھ دىللاردىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.  ئەگەر سىلەرگە بىر ياخشىلىق يەتسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. ئەگەر بېشىڭلارغا بىر يامانلىق كەلسە ئۇلار خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرغۇچىدۇر)-ئال ئىمران  3/118-120.
ئىنسانلار، تارىخ بويىچە ئەڭ چوڭ مۇشەققەتلەرنى ئىككى يۈزلىمىچىلەردىن كۆردى. بۇلار مۇناپىق دېيىلىدۇ. بۇلار قەلبىدە سەمىمىي ئىشەنمىگەن بولسىمۇ، ئىشەنگەندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سەمىمى ئىش قىلىدىغان  ئىنسانلارنىمۇ ھەيران قالدۇرۋىتىدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ.ھەقىقەتەن،ئۇلار پەيغەمبەر(ئە.س)نىمۇ ھەيران قالدۇرۋەتكەن ئىدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
(ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ جىسىملىرى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە سۆزىگە قۇلاق سالىسەن. ئۇلار خۇددى يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلاردۇر. ئۇلار ھەر ئاۋازنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇلار دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىل. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟) مۇنافىقۇن 63/4.
61- خەلق بىلەن ئارمىيەنىڭ ئارىسىغا ئاداۋەت سېلىپ، ئۇلارنى ئايرىماقچى بولغانلارغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇھىم ئامىللار بار، بۇ ئامىللارنى چۇقۇم كۆزدىن كەچۈرۈش كېرەك. ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي لاگىرلىرى، ياتاقلىرى، ئاشخانىلىرى، كۆڭۈل ئىچىش ۋە ئارام ئېلىش قاتارلىق پائالىيەت يەرلىرىنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ۋەتەننىڭ ئەركەكلىرى ئەسكەرلىكتە تۇرغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە پەقەت كاندىدات ئوفىتسېر بولالىغاندىلا ئوفىتسېرلار بىلەن يۈز كۆرۈشەلەيدۇ. بۇمۇ ئەلۋەتتە، قاتتىق ھەربى تۈزۈم ئاستىدا بولىدۇ. بۇ ھەربى تۈزۈملەر، ئارمىيە مەنسۇپلىرىنى بەزى سىرتقى تەسىرلەردىن قوغدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ خەلق بىلەن ئۇلار ئارىسىدا بوشلۇق پەيدا قىلماقتا ۋە ھەمكارلىققا توسقۇنلۇق قىلماقتا.
ئارمىيە، بۇ خەلقنىڭ ئارمىيىسىدۇر. شۇڭلاشقا خەلقنىڭ ئۆز ئارمىيىسى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشى ۋە ئۆزئارا مەدەتكار بولۇشى ناھايىتى  مۇھىم. شۇنداق بولغاندىلا ئارىغا ۋاسىتىچىلار كىرمىسىمۇ ئارمىيە خەلقنى، خەلق ئارمىيىنى يېقىندىن تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
 تۈرك ئارمىيىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئۇلۇغ تارىخى ئۆتمۈشى ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئەنئەنىسى، تەرەققى قىلغان ۋە يەرلەشكەن تۈزۈملىرى بار. ئەسكەرلەرنى سىرتقى تەسىرلەردىن قوغداش باھانىسى بىلەن ئەسكەر-خەلق ئارىسىدىكى ئالاقىنى خىرەلەشتۈرۈشنىڭ چەكتىن ئاشقان سەزگۈرلۈك ئىكەنلىكىنى تۈرۈك ئارمىيىسى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.
      خەلق ئارىسىدىكى ھەمكارلىق، مۇناپىقلارنىڭ ئۇيۇنلىرىنى بۇزۇش ۋە ئۇلارنىڭ  خەلقنى ئەسكەردىن ئايرىش پىلانىنىڭ ئالدىدا چوڭ توسالغۇ بولىدۇ. شۇڭلاشقا، زىيان تارتىدىغانلىقىنى بىلگەن مۇناپىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى ئارمىيە-خەلق ھەمكارلىقىنى توسۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ئاماللارنى قىلىدۇ. بۇنىڭدىن، خەلق ۋە ئارمىيە ھەمكارلىقىنىڭ نەقەدەر مۇھىمىلىقىنى بىلىۋالىمىز، ھەمدە بۇ ھەمكارلىق، زامانىمىزدىكى ھەربىي مۇداپىئەنىڭ ئەسلى مەقسىتىدۇر.  چۈنكى بۇ مۇداپىئە پەقەت چىگرانى قوغداش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ، بەلكى پۈتۈن ۋەتەن تۇپرىقىنى تېرورچى ۋە باشقا دۆلەت دۈشمەنلىرىنىڭ رەزىل پىلانلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىدىن قوغداپ قالىدۇ.
     بىر قىسىم سىياسەتچىلەر ۋە ئاخبارات ئاپپاراتلىرى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ياكى خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغان پىكىرلىرىنى قالتىس زېرەكلىك بىلەن دۆلەتكە ئارتىپ قويۇپ، بۇ ئايرىمچىلىقنى راۋاجلاندۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئارمىيە-خەلق ھەمكارلىقى ئىدىيىۋى تەرەپتىن داۋاملىشىدىغانلا بولسا بۇنداق ئىنسانلارنىڭ زېرەكلىكى ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدۇ ۋە دۆلەتتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەرقانداق مەخپى ۋاستىلارنى قوللانسىمۇ پايدىلىنالمايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى يۇشۇرۇپ قالالمايدۇ.
 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر