مۇسۇلمانلار

دىن-دۆلەت مۇناسىۋىتى7

6-سىياسىي پارتىيەلەر

45- ئاساسىي قانۇندا، دۆلەتنىڭ بىر شەخس ياكى بىر گۇرۇھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈشىگە ياكى بىر تەبىقىنىڭ باشقا بىر تەبىقە ئۈستىدە ھۆكۈمران بولۇشىغا ياكى تىل، ئىرق، دىن ۋە مەزھەپ ئايرىمچىلىقى پەيدا قىلىشقا ۋە ھاكازالارغا ئاساسلىنىپ سىياسىي پارتىيە قۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ[1].
پارتىيە قۇرۇش ھەققىدە ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە مۇشۇنداق بولسىمۇ دۆلەتنى باشقۇرۇشتا ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنى ئۇنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار يوق ئەمەس. نەتىجىدە بۇ مۇستەبىتلىك تىل، ئىرق، دىن ۋە مەزھەپ پەرقىگە ئاساسلانغان پارتىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولدى. بۇلارغا قارشى باشقا پارتىيەلەر قۇرۇلۇپ، بىردىنلا نۇرغۇنلىغان پارتىيەلەر مەيدانغا كەلدى.
بۇ ئەھۋال ئۆزئارا سۈركىلىشلەرنى، پۇقرالارنىڭ سىنىپ ۋە گۇرۇھلارغا بۆلۈنىشىدەك خەتەرلىك نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ كۈچ ۋە ئىمكانلىرى ئىسراپ بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆز پىكىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، قارشى پىكىرلەرنى دۆلەتكە ھاكىم بولۇش كۈرىشىگە ئېلىپ كىردى. نۇرغۇنلىغان سىياسىي پارتىيەلەر دۆلەتكە خىزمەت قىلىشتا بەسلىشىش ئورنىغا، ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان پىكىرنى ئۈستۈن قىلىش ۋە قوللىغۇچىلىرىنى دۆلەت ئىمكانلىرىدىن پايدىلاندۇرۇشتا بەسلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا پۈتمەس-تۈگىمەس زىددىيەتلەرنىڭ چىقىشى تەبىئىي ئەھۋال.
46- بۇ مۇھىتنى شەكىللەندۈرگەن ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر يوقىتىلمىسا ياخشى نەتىجە ئالغىلى بولمايدۇ. دەرۋەقە 1980-يىل 12-سېنتەبىردىن كېيىن سىياسىي پارتىيە سانىنى ئازايتىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر %20 ئەتراپىدا ئاۋازغا ئېرىشكەن پارتىيەلەرمۇ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيەسى بولۇپ ھۆكۈمەت قۇرۇۋاتىدۇ. پارتىيەلەر ئىچىدىكى ئۆز ئىدىيەسىنى تېڭىش ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىلسە، ھەر قايسى پارتىيەلەر ئۆز ئىدىيەسىنى ھاكىم قىلىشتىن ۋاز كېچىپ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن رىقابەتلىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
47- تۈركىيەدە ئەڭ چوڭ سۈركىلىش ئىسلام دىنىغا قارشى بولماقتا. ئۇنداق دىنغا ئاساسلىنىدىغان پارتىيە مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم. ئەمدى بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلايلى:
ئا- دىنىي پارتىيە
48- بىز «ئىسلام پارتىيەسى» دېگەن ئاتالغۇنى خاتا دەپ قارايمىز. چۈنكى ئىسلامىي پارتىيە بولمايدۇ، لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ پارتىيەسى بولىدۇ. بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىدا چوڭ پەرق بار. ئىسلام ئىنسانىيەتنى ئىككى دۇنيادا بەخت -سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنى دۇنياۋى مەنپەئەتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىش دۇرۇس ئەمەس. پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇنداق دېگەن: 
«مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ»– شۇئەرا 26/180.
49- دىنغا قارشى چىققۇچىلار دىن تەبلىغى بىلەن ھاكىمىيەت كۈرىشىنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. مۇسا (ئە.س) بىلەن فىرئەۋننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر مۇنازىرە بۇ مەسىلىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«مۇسا ئېيتتى: ‹ئى فىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقنىلا سۆزلىشىم كېرەك. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن›.»- ئەئراف 7/104/105.
«فىرئەۋن مۇنداق دېدى: ‹سەن بىز بېقىپ چوڭ قىلغان بالا ئەمەسمۇ؟ ئارىمىزدا ئۇزۇن يىل تۇردۇڭ، قىلغان ھېلىقى قىلمىشىڭنى قىلدىڭ. سەن تۇزكورلاردىنسەن!›. مۇسا ئېيتتى: ‹مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا گۇمراھلاردىن ئىدىم.سىلەردىن قاچتىم، چۈنكى سىلەردىن قورققان ئىدىم. رەببىم ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدى ۋە مېنى ئەلچىلىرىدىن قىلدى. سېنىڭ ماڭا مىننىتىنى قىلغان ياخشىلىقىڭ ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنى قۇل قىلىشىڭدىن بولغان. فىرئەۋن: ‹ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟› دېدى. مۇسا: ‹ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار› دېدى. فىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: ‹ئاڭلاۋاتامسىلەر؟› دېدى. مۇسا: ‹سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر› دېدى. فىرئەۋن: ‹شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ پەيغەمبىرىڭلار جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر› دېدى. مۇسا: ‹مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىدىغان بولساڭلار› دېدى. فىرئەۋن: ‹ئەگەر مەندىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلانغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلىۋېتىمەن› دېدى[2]. مۇسا: ‹روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ شۇنداق قىلامسەن؟› دېدى. فىرئەۋن: ‹قېنى دەلىلىڭنى ئوتتۇرىغا قويغىن، ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى. ۋە قولىنى چىقاردى. ئۇ كۆرگۈچىلەرگە بىردىنلا ئاپئاق كۆرۈندى.فىرئەۋن چۆرىسىدىكى ئەمەلدارلارغا مۇنداق دېدى: ‹بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن. سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟›.ئۇلار ئېيتتى: ‹ئۇنى ۋە قېرىندىشىنى نەزەربەند قىلغىن ۋە شەھەرلەرگە توپلىغۇچىلار يوللىغىن. ئۇلار ئەڭ ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يېنىڭغا ئېلىپ كەلسۇن›».شۇئەرا 26/13-37.
 بۇ يەردە مۇسا (ئە،س) فىرئەۋنگە «بەنى ئىسرائىلنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن» دېگەن بولسىمۇ، فىرئەۋن ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش مەقسىتى بارلىقىنى دەۋا قىلىپ، مىللىي ھېسسىياتنى سۇيىئىستېمال قىلغان. فىرئەۋننىڭ سۆزى ئۈستىدە قايتا توختىلايلى:
«ئۇلار مۇنداق دېدى: ‹بۇلار ئىككى سېھىرگەر بولۇپ، سېھىرلىرى بىلەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە سىلەرنىڭ ئۈلگىلىك يولۇڭلارنى يوقاتماقچى›.»- تاھا 20/63.
مۇسا (ئە.س) پەقەت بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ كېتىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ، لېكىن فىرئەۋن مۇسانىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق چۈشەنگەن بولسىمۇ ھەق گەپنى قىلسا مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، خۇددى مۇسانىڭ باشقا مەقسىتى بارلىقىنى بىلىۋالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ئۆزىنى ئەمەس، خەلقنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەشكە تېرىشىدۇ.
50- شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامنى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋاسىتىسى قىلىش توغرا ئەمەس، ئەكسى تەقدىردە ھوقۇقدارلار ئىسلامغا ھېسسىيات بىلەن يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى ھېچكىم قولىدىكى ئىمكانلارنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ئىش ھوقۇق ئىشقىدا كۆيۈۋاتقانلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. نەتىجىدە بەزىلەر قولىدىكى ھوقۇقنى تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن دىنغا قارشى چىقسا، يەنە بەزىلەر ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن دىننى سۇيىئىستېمال قىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ ئىنسانلارنىڭ ئىسلامنى لايىق رەۋىشتە چۈشىنىشىگە ۋە بىر تەسىر ئاستىدا قالماستىن بۇ توغرىدا بىر قارار بېرىشىگە توسالغۇ بولىدۇ.
51- ئىسلامنىڭ پارتىيەسى بولمايدۇ، لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ياكى بىردىن كۆپ پارتىيەسى بولسا بولىدۇ. ئۇلار ئۆز پىروگراممىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لازىملىق بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنى كۆرسىتىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش كۈرىشىگە قاتنىشىدۇ. ناۋادا ئۇلار ھاكىمىيەتكە كەلسە دىن نامىدا ئەمەس ئۆزىنىڭ نامىدا ئىدارە قىلىدۇ. ياخشى باشقۇرسا ساۋابى ئۆزىگە، ناچار باشقۇرسىمۇ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ. چۈنكى ئىسلامدا خاتالىق بولمايدۇ، لېكىن مۇسۇلمانلاردا بولۇشى مۇمكىن.
52- دىنىي ئەركىنلىك ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. ئېتىقاد قەلبىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىش-بەرمەسلىكنىڭ ئۇنچە ئەھمىيىتى يوق. لېكىن دىنىي ئەركىنلىك ئۇنداق ئەمەس. «دىن» دېيىلسە ئۇنىڭدىن دىننىڭ بارلىق ئەمىر-پەرمانلىرى چۈشىنىلىدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا دىنىي ئەركىنلىك ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاش ئەركىنلىكى دېمەكتۇر.
ئىسلام ئىنسانغا ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ، ھەر قانداق دىنىي ئېتىقادلارغا بېسىم قىلىشنى ۋە ھاقارەت قىلىشنى چەكلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئوسمانىيە دۆلىتى مەيخانا ئېچىش ۋە چوشقا بېقىشتىن مۇسۇلمانلارنى چەكلەپ، غەيرىي مۇسۇلمانلارغا رۇخسەت بەرگەن. بۇ چۈشەنچ ئىسپانىيەدىن قاچقان يەھۇدىيلارغا قۇچاق ئېچىشىمىزغا ۋە ئۇلارغا تارىخىنىڭ ئەڭ بەختىيار دەۋرىنى ياشىتىشىمىزغا سەۋەب بولغان. يەھۇدىيلار بۇ تارىخىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن «بەشيۈزىنچى يىل» ئىسىملىك بىر خەير-ئېھسان فوندى قۇرغان.
53- لېكىن ھازىر بۇرۇنقىدەك كەڭ قورساقلىق يوق. چۈنكى ھوقۇقدار ئاتېئىزمچىلار ۋە دىنسىزلار كەڭ قورساقلىقنى تاشلاپ، سولچىللىق ۋە ئەسەبىيلىككە قاراپ يۈزلەندى. ئۇلار مۇسۇلماندەك كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن مەسىلە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. 1946- يىلى قۇرۇلغان سىياسىي پارتىيەلەر سايلامدا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن خەلقنىڭ دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىشتا بىر-بىرى بىلەن بەسلەشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشى نىيەتلىكلەرمۇ بار، خەلقنىڭ دىنىي ھېسسىياتىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلارمۇ بار.
ئاساسىي قانۇننىڭ 24-ماددىسىغا ئاساسەن «ھېچكىم ھېچقانداق شەكىلدە دىننى ياكى دىنىي ھېسسياتلارنى ۋە ياكى دىنىي تەۋەررۈكلەرنى سۇيىئىستېمال قىلالمايدۇ».
دىننى سۇيىئىستېمال قىلىشنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىككى يۈزلىمىچىلىك ۋە مۇناپىقلىقتۇر. مۇناپىق بىلەن ھەقىقىي مۇسۇلماننى ئايرىش بەك تەس. بولۇپمۇ دىنىي ئىشلاردا ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا مۇناپىقلارنىڭ دىنغا يامانلىق قىلىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت تېپىلغان بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار تەپ تارتماستىن ھەقىقىي مۇئمىنلارغا دىننى سۇيىئىستېمال قىلغان دەپ تۆھمەت چاپلايدۇ. بۇ تۆھمەت ھەممە ئىشنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. تۈركىيەدە بولۇۋاتقان ئەھۋال مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەرگە سېكولارىزم نامى بىلەن قارشى چىقىدىغان، دىنى تەلىم-تەربىيەنى زامانىۋىلىقنى باھانە قىلىپ چەكلەپ، كىشىلەرنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان، قارشى ئىنكاسلارنى يوقىتىش ئۈچۈن بەزى-بەزىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ دىنغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، پەقەت دىننى سۇيىئىستېمال قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشلىرى بارغۇ، مانا بۇ پوزىتسىيە تېخىمۇ چوڭ قارشىلىق پەيدا قىلماقتا ۋە دىندارلارغا مەسخىرە قىلىنغانلىق تۇيغۇسىنى بەرمەكتە.
ئىككى يۈزلىمىچىلەر پەيغەمبەر (ئە.س)نىمۇ جاپا تارتقۇزغان. قۇرئان كەرىمدە بۇ مەسىلىدە نۇرغۇنلىغان ئاگاھلاندۇرۇشلار بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:    
«ئۇلار: ‹ئىتائەت قىلىمىز› دەيدۇ. ئاندىن يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققاندا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ سېنىڭ دېگىنىڭدىن باشقىسىنى كېچىدە پىلانلايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېچىدە پىلانلىغان نەرسىسىنى يازىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر»- نىسا4/81.
54- دىن ئالەمشۇمۇل بولۇپ، ئۇ زامان ۋە ماكان بىلەن چەكلىك ئەمەس. يەنى دىننىڭ زامان ۋە ماكان بىلەن ئۆزگەرمەيدىغان قائىدە-پىرىنسىپلىرى بار. لېكىن دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى ۋە قانۇنلىرى زامانغا، ماكانغا ۋە ئېھتىياجلارغا قارىتا ئۆزگىرىدۇ. دىنىي ئەركىنلىكنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت، قانۇنلىرىنى دىنى ئەركىنلىك ئۇقۇمىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا تۈزىدۇ. چۈنكى ھېچقانداق دىندار ئۆز دىنىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
مەسىلەن: نۇر سۈرىسىنىڭ 31-ئايىتى مۇسۇلمان ئاياللارنى باشلىرىنى يۆگەشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ بۇيرۇق، چۈشۈرۈلگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىختىلاپسىز ھالدا ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. بۈگۈن تۈركىيە ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمان ئاياللار باشلىرىنى يۆگەيدۇ. مۇسۇلمان ئاياللارنى باشلىرىنى يۆگەشتىن چەكلەش دىنىي ئەركىنلىككە قارشى چىققانلىق بولۇپ، قەيەردە بۇ ئەركىنلىك چەكلەنسە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. قۇرئان كەرىم مەۋجۇتلا بولىدىكەن، بۇ قارشىلىقلار داۋام قىلىدۇ.
بۇ قارشىلىق مەۋجۇتلا بولىدىكەن بۇنى سۇيىئىستېمال قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ. بىر پارتىيە ياغلىقنى قوللايدۇ، يەنە بىرى قارشى تۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئاتېئىزمچىلارنىڭ ۋە ئىسلامدىن يىراق كىشىلەرنىڭ دىن قەلبتىلا بولۇشى كېرەك دەپ قىلغان غەيرەتلىرى قوشۇلسا سېكولارىزم ئۆزىگە دىنسىزلىق سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىش ساھەسى تاپىدۇ. بۇندىن كېيىن ئەقىل ئەمەس ھېسسىياتلار ئالدىغا ئۆتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا پارتىيەلەرگە ئاۋاز بەرگەنلەرمۇ ھېسسىياتلىرى بىلەن ئىش قىلىدۇ. پارتىيەلەرنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلغانلىقى ئۇلارنى ئۇنچە ئالاقىدار قىلمايدۇ. پارتىيەلەردىن بىرىگە ئاۋاز بەرگەنلەر ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى دىنىنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىش ئىمكانىغا ئىگە بولۇش، باشقا بىر پارتىيەگە ئاۋاز بەرگەنلەر ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇشتۇر. شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككى پارتىيە قارشى ئاۋازلار بىلەن پارلامېنتقا كىرىدۇ ۋە سىياسىي تەڭپۇڭلۇقلارنى بۇزىدۇ. سەمىمىي سىياسەتچىلەر يا سىياسىي ساھەدىن كېتىش بەدىلىگە سەمىمىيلىكنى داۋاملاشتۇرىدۇ ياكى مەنپەئەتلىرىنى دەپ سىياسىي مەيدانىنى ئۆزگەرتىش مەجبۇرىيىتى ھېس قىلىدۇ.
55- ھالبۇكى، بىزنىڭ دۆلەت ئەنئەنىمىز بويىچە دۆلەت دىن ئىشلىرىغا ئارىلاشمىسا دىنىي ھېسسياتلارنى سۇيىئىستېمال قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى ھالاكەتكە ئاتمىغان بولىمىز، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا سەمىمىي سىياسەتچىلەرنىڭ ئىشى ئاسانلىشىدۇ، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ سانى ئۆزلۈكىدىن ئىككىگە ياكى ئۈچكە چۈشىدۇ. لېكىن دىنىي ھېسسىياتتىن پايدىلىنىش تەس ئەمەس، چۈنكى سۇيىئىستېمال قىلىنىدىغان بىر نەرسە قالمىغاندا ھەقىقىي سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ كۆپ مەلۇماتقا، مۇكەممەل ئۇل ۋە ئاساسقا، يېتەرلىك دەرىجىدە تەييارلىققا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان قىيىن ئىشتۇر. لېكىن سۇيىئىستېمال ئاسان، كىم بەك توۋلىسا ۋە كۆپ يالغان ئېيتسا تېخىمۇ جىق تەرەپدار تاپالايدۇ.
ب- ئىراندەك ئىسلام جۇمھۇرىيىتى
56- ئىسلام دىنىي راھىبلار سىنىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار باراۋەردۇر. لېكىن شىئە مەزھىبىدىكىلەر دۆلەت رەئىسىنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا ئىمام يەنى دۆلەت رەئىسى پەيغەمبەر (ئە.س) تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى ۋە پۈتۈن گۇناھلاردىن پاك بولۇشى كېرەك. شىئەلەر بۇ شەخسنىڭ ئەلى (ر.ئە) ئىكەنلىكىنى بىردەك قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇلاردا دۆلەت رەئىسلىكى سىياسىي ۋەزىپە بولماستىن بەلكى بىر دىنىي سالاھىيەتتۇر.
 ئۇلارنىڭ ئىمام يەنى دۆلەت رەئىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
«ئىماملىق، پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن قەتئىي ھۆكۈم ياكى سابىق ئىمامنىڭ كېيىنكى ئىمامغا ئىماملىقنى ۋەسىيەت قىلىشى بىلەن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ خالىغان كىشىنى ئىماملىققا تاللاپ ياكى ئىماملىقتىن چۈشۈرۈش ھوقۇقى يوق»[3].
شىئەلەرنىڭ، ئىمامنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدىكى ئېتىقادى مۇنداق:
«ئىمامنىڭ، پەيغەمبەرگە ئوخشاش تۇغۇلغاندىن ئۆلگۈچە ئىچى، تېشى، ئاشكارا، يوشۇرۇن پۈتۈن يامانلىق ۋە مەينەتلىكلەردىن مەسۇم (ساقلانغان) ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئىمام، ئىمام بولۇشتىن بۇرۇن، كېيىن ئېسىل نەسەبلىك ۋە پاكىز كىشى بولۇپ، ئۇ ھەرقانداق يامانلىق ۋە گۇناھلاردىن، خاتالىق ئۆتكۈزۈش، ئۇنتۇغاقلىق ۋە ھەر خىل پەسكەشلىكتىن مەسۇمدۇر»[4].
ئىراندىكى شىئەلەر، ئىمامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە بىلىمى ھەققىدىكى ئېتىقادلىرىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
«ئىمامنىڭ پەيغەمبەرگە ئوخشاش مەردلىك، سېخىيلىق، پاكلىق، ئەمەلىيەتچانلىق، ئادىللىق، تەدبىرچانلىق، ھېكمەت، پەزىلەت ۋە ياخشى مىجەز جەھەتتىن خەلقنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇشى كېرەك. بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز».
«ئىمامنىڭ ئىلاھىي ھۆكۈم ۋە مەرىپەتلەرگە ئىگە بولۇشى پەيغەمبەرنىڭ ياكى سابىق ئىمامنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەرقانداق نەرسە ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئاللاھ بەرگەن مۇقەددەس كۈچ ۋە ئىلھام يولى بىلەن لايىق رەۋىشتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ. ئۇ بىر نەرسىنى بىلمەكچى بولسا قەتئىي خاتالاشماي، شەك- شۈبھىسىز ھالدا ئۇ نەرسىنىڭ ئەسلى ھەقىقىتىنى بىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە ئەقلىي دەلىلگە ياكى بىرەر يېتەكچىگە موھتاج بولمايدۇ. بىلىمى لازىم بولغانسېرى چوڭقۇرلايدۇ ۋە تېخىمۇ ئاشىدۇ».
«ھېچبىر ئىمام مەكتەپ ياكى مەدرىسىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىدىن دەرس ئالغان ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئۇلار سورالغان ھەرقانداق سوئالغا دەرھال ۋە ئەڭ توغرا جاۋابنى بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن «بىلمەيمەن» دېگەن سۆز چىقمايدۇ. ئۇلار سوئاللارغا توغرا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئويلانمايدۇ ياكى جاۋابنى كېچىكتۈرمەيدۇ»[5].
ئىماملارغا ئىتائەتقىلىش  
شىئەلەرنىڭ ئىماملارغا ئىتائەت قىلىش توغرىسىدىكى ئېتىقادلىرى مۇنداق:
«ئۇلارنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانىدۇر. ئۇلارغا ئىتائەت قىلغانلىق، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر. ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلغانلىق، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر. ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىك، ئاللاھنى ياخشى كۆرگەنلىكتۇر. ئۇلارغا دۈشمەن بولغانلىق، ئاللاھقا دۈشمەن بولغانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا قارشى چىقىش دۇرۇس ئەمەستۇر».[6] 
57- ئەھلى سۈننەتنىڭ بۇلارنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، تۈركىيەدە كەڭ تارقالغان ئىسلام چۈشەنچىسى بۇدۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ كۆزقارىشىدا دۆلەت رەھبەرلىكى بىر سىياسىي ئورۇندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە بىرەر ئايەت ياكى ھەدىس كەلمىگەن. يۇقىرىدا شىئەلەرنىڭ ئىماملىرى ئۈچۈن ئېيتقان سۆزلىرىنى بىز پەيغەمبەرلەر ئۈچۈنمۇ دېيەلمەيمىز.
قۇرئان كەرىمگە ئاساسەن «مۇھەممەد پەقەتلا بىر رەسۇلدۇر» (ئال ئىمران3/144).ئەرەبچىدە بىر سۆزنى يەتكۈزۈش ۋە ئەلچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان كىشى «رەسۇل» دەپ ئاتىلىدۇ[7]. يەنى رەسۇل بىرىنىڭ سۆزىنى باشقا بىرىگە ئەينەن يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كىشىدۇر. دىنىي ئاتالغۇدىمۇ ئاللاھ ئۆز ھۆكۈملىرىنى ئۆز بەندىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بەلگىلىگەن كىشى رەسۇل دېيىلىدۇ[8]. بۇ سۆزنىڭ تۈركچىسى «ئەلچى»دۇر.
ئاللاھ تائالا ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈچ شەكىلدە بەلگىلىگەن:
ئەلچىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ئەمىر-پەرماننى يەتكۈزۈش. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەرلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى روشەن تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپىسى يوق»- نەھل 16/35.
«ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىل. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكىنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن»- مائىدە5/67.
ئەلچىنىڭ ئىككىنچى ۋەزىپىسى ئەمىر-پەرمانلارنى بايان قىلىش. ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«بىز ھەر ئەلچىنى ئۆز قەۋمىگە بايان قىلىشى ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەلچىلىكنى يەتكۈزىدىغان قىلىپ ئەۋەتتۇق»- ئىبراھىم14/4.
ئەلچىنىڭ ئۈچىنچى ۋەزىپىسى خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- سەبەئ 34/28.
ئەلچى مەجبۇرلىمايدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«سەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن. سەن پەقەتلا بىر نەسىھەتچىسەن. سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بىر زورلىغۇچى ئەمەسسەن»- غاشىيە 88/21-22.
ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى مۆجىزە كۆرسىتىدۇ. مۆجىزە ئۇلارغا ئادەتتىن تاشقىرى بىر كىملىك بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر.
ئابرۇيلۇق بىر كىشى بىر كۈنى چىقىپلا مەن ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە بۈيۈك ئەلچىسى بولدۇم دېسە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئەلچى قىلىپ بەلگىلىگەنلىكىگە دائىر ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ. مۆجىزىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئەلچى قىلىپ بەلگىلىگەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۇنى ئىنسانلار تۈزەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مۆجىزە دەپ ئاتالغان.
مۇھەممەد (ئە.س) خۇددى بىزدەك بىر ئىنساندۇر. ئۇنىڭ بىزدىن پەرقى «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» بولۇشىدۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئېيتقىنكى: مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسانمەن. ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە ئىبادەتتە رەببىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن»- كەھف18/110.
58- ئەنە بىر تەرەپتە ئىماملىرىنى مۇقەددەس كىملىككە ئورىغان شىئەلىك، يەنە بىر تەرەپتە پەيغەمبەر (ئە.س)نىمۇ ھەر كىشىگە ئوخشاش ئىنسان ھېسابلايدىغان ئەھلى سۈننەت ئېتىقادى. بىرى دۆلەت رەئىسلىكىنى دىنىي مۇقام ھېسابلىسا، يەنى بىرى سىياسىي مۇقام ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈننىيلەر دۆلەتلىرىنى ئىسلام نامى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئابباسىيە، سالجۇقىيە، ئوسمانىيە دېگەندەك ئىسىملار بىلەن قۇرغان. تۆت خەلىپىنىڭ دەۋرىدە دۆلەتكە ئىسىممۇ قويۇلمىغان. بۇلار بىكارغا بولمىغان. ئوتتۇرىدا شۇنداق چوڭ پەرق تۇرسىمۇ شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەرنى ئوخشاش دېيىش چوڭ خاتالىق بولىدۇ. تۈركىيەدە ئىراندەك بىر ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغانلار بۇ پەرقنى يېتەرلىك دەرىجىدە بىلمىگەنلەردۇر.

[1]– بۇلار ئاساسىي قانۇننىڭ 14- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن چەكلىمىلەر. ئاساسىي قانۇننىڭ 69- ماددىسىدا سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ 14- ماددىدىكى چەكلىمىلەردىن چىقىپ كەتمەسلىكى بەلگىلەنگەن.
[2]– يەنى، ساڭا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىمەن.
[3]– مۇھەممەد رىزا مۇزەپپەر، ئەقائىدۇلئىمامىيە، شىئە ئەقىدىلىرى. (تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى، ئابدۇلباقى گۈلپىنار) 1978-يىل ئىستانبۇل، 50-بەت.
[4]– شىئە ئەقىدىلىرى، 51-بەت.
[5]– شىئە ئەقىدىلىرى، 52-53- بەت.
[6]– شىئە ئەقىدىلىرى، 54-بەت.
[7]-راغىب ئىسفاھانىي، مۇفرەدات، 353-بەت.
[8]– شەرىف ئەلى ئىبن مۇھەممەد جۇرجانىي تەرىفات، 110-بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر