مۇسۇلمانلار

دىن-دۆلەت مۇناسىۋىتى5

4- تەرىقەتلەر
29- ھەر ئىنسان ئىشتىراك قىلىشى مەنئى قىلىنمايدىغان بىر سۆھبەت سورۇنى ۋە باشقىلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتالايدىغان بىر مۇھىت بولۇشىنى خالايدۇ. پەيغەمبەرلەر بۇ مۇھىتنى بەرپا قىلغان. ھەر تەبىقە كىشىلىرى ئۇلار بىلەن ھېچ توسالغۇسىز ئالاقە قىلالايتتى ۋە ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشالايتتى. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىدىكى مەسچىتىگە ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ئالىم-جاھىل، مۇسۇلمان-كاپىر، يەرلىك-ياقا يۇرتلۇق ھەممىسى خاتىرجەم كىرىپ، ئۇنىڭ سۆھبىتىگە قاتنىشاتتى. سۆھبەت قۇرئان كەرىم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلاتتى ۋە ھەممىسى ئۆزىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىغا كۆرە بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلاتتى. بۇ سورۇنغا قاتناشقۇچىلار ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيتتى چۈنكى بۇ يەر بۈگۈنكىدەك مەلۇم بىر يەرگە ئائىت ئىدارە ياكى كۇلۇب ئەمەس ئىدى.
30- نامازدا ئوقۇۋاتقان قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، بۇ ھەقتە ئۆزىگە بېرىلگەن بۇيرۇق (ناماز)نى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىچىدە «ئوقۇلغان قۇرئاننى چۈشىنىش كېرەك» دېيىلمىگەن. لېكىن قۇرئاننى چۈشىنىش ئاساسلىق مەقسەت بولغانلىقى ئۈچۈن نامازدا ئوقۇش ئۇنى چۈشىنىشكە ۋە تەپەككۇر قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ. «مەبسۇت» ناملىق كىتابتىكى بۇنى چۈشەندۈرگەن ئىپادىلەرگە ئىنچىكە قاراپ باقايلى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىمامغا ئىقتىدا قىلسا، ئىمامنىڭ ئوقۇشى ئۇنىڭ ئوقۇشى ھېسابلىنىدۇ». ئۇ مەشھۇر بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ئىمام تەكبىر ئېيتقاندا (ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ قۇلاق قاققاندا) سىلەرمۇ تەكبىر ئېيتىڭلار، ئىمام قىرائەت قىلغاندا سىلەر جىم تۇرۇڭلار». ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭ، ئىمامنىڭ كەينىدە قىرائەت قىلىشىنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى ساھابىلەردىن 80 كىشى رىۋايەت قىلغان. بۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ھەدىسشۇناسلار توپلاپ چىققان. سەئد ئىبىن ئەبى ۋەققاس مۇنداق دېگەن: «كىم ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرغاندا قىرائەت قىلسا نامىزى بۇزۇلىدۇ». بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق: قۇرئان ئوقۇشتىكى ئەسلى مەقسەت، ئۇنى ئوقۇشلا ئەمەس، بەلكى چۈشىنىش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبىن مەسئۇد مۇنداق دېگەن: «قۇرئان تەتبىقلىنىش ئۈچۈن نازىل قىلىندى، لېكىن ئىنسانلار ئۇنى ئوقۇشنى ئىبادەت ھېسابلاشتى». ئىمام ئوقۇغاندا، جامائەت ئوقۇلغان قۇرئاننى تىڭشىسا ئۇنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت بولغان مەقسەت ئەمەلگە ئاشىدۇ. لېكىن نامازدا ھەممە ئادەم قىرائەت قىلسا بۇ مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ[1]. دېمەك، ئۇلارنىڭ ئەسلى نىشانى، نامازدا بولسىمۇ قۇرئاننى چۈشىنىش ئىدى.
31تەرىقەتچىلەر پەيغەمبەرنىڭ يولىدا مېڭىپ، قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان بولسا ۋە بۇ مەقسەت بىلەن تەلىم-تەربىيە مۇھىتى ياراتقان بولسا ناھايىتى ياخشى ئىش قىلغان بولاتتى. لېكىن ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى. ئۇلار قۇرئاننى ئوقۇغاندا ئەقىللىرى بىلەن مەنىلىرىنى چۈشىنىشنى ئەمەس، قۇلاق ۋە كۆڭۈللىرى بىلەن مۇڭلۇق ئاھاڭىدىن ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇدى، شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن كۇپايىلەندى. ئۇلار بۇ مانا بۇ شەكىلدە قۇرئاننى سۆھبەتنىڭ ماۋزۇسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ زىننىتى ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ ئەھۋال يوقاتقىلى بولمايدىغان خۇراپاتلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. تەرىقەت پىرى، بەئەينى خىرىستىيان ئەزىزىدەك روھانىي لىدىر ھېسابلاندى ۋە ئىنسانلار ئۇنىڭ روھىي ئالەم بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھ بىلەن مۇرىت ئارىسىدا بىر ۋاسىتىگە ئايلاندى.
قۇرئان كەرىمدە ھەر بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ دوستى، يەنى ئاللاھنىڭ ۋەلىي ئىكەنلىكى ئۇچۇق بايان قىلىنغان بولسىمۇ تەرىقەتچىلەر بۇ سۈپەتنى پەقەت تەرىقەت پىرىغىلا خاس قىلدى، دوست دوستنىڭ نازىنى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ نازلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلدى، ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى سىرلىق يوللار بىلەن ئىنسانلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەندى.
ئۇلار تەرىقەتكە كىرىشنى، قول بېرىش شەكلىدىكى بىر مۇراسىمغا باغلىدى ۋە مۇراسىمدىن بۇرۇن نامزاتنىڭ ئۇ تەرىقەتتىن نېسىۋىسى بارمۇ، يوقمۇ؟ ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاۋۋال چۈش كۆرۈشى ۋە بۇ چۈشىنى پىرغا دېيىشىنى شەرت قىلدى. ئۇلار تەرىقەتكە كىرىشنى مۇشۇنداق تەلەپ قىلمىغان ۋە پىرى تەرىپىدىن ماقۇللانمىغان كىشىلەرنىڭ تەرىقەتكە كىرىشىنى چەكلىدى، شۇنداقلا ئىشىكلىرىنى سىرتقا قارىتا مۇستەھكەم تاقىۋەتتى.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنسانلار، تەرىقەتچىلەر ۋە تەرىقەتسىزلەر دېگەندەك گۇرۇپپىلارغا ئايرىلدى. بۇ تەرىقەتنىڭ، بولۇپمۇ پىرنىڭ ئۇلۇغلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان مۇرىت ئاللاھ بەرگەن نېمەتلەرنى پىرىنىڭ ھىممىتى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى داۋراڭ سېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا ۋەھىي كەلگەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ غەيبنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشەندى. ئۇلار خەلققە بۇنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن پىرنىڭ چوقۇم كارامەت كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىشتى-دە، ھەر بىر مۇرىت پىرىغا ئائىت بىر كارامەت تېپىشقا سەپەرۋەر بولدى. كىچىك بىر تاسادىپىيلىقنى، مۇبالىغىلەشتۈرۈپ كارامەت دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
ئۇلار لەدۇنى ئىلمى (ئاللاھ تەرىپىدىن بىۋاسىتە بېرىلگەن ئىلىم) ۋە باتىنى ئىلىم دېگەندەك بىر ئىلىمنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدى[2]. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قىلغان ئەخمىقانىلىقلىرىنى بىر ھېكمەت دەپ چۈشىنىشكە باشلىدى.
180 يىل بۇرۇن نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ خالىدىيە پىرقىسى پىرغا رابىتە قىلىش دېگەن يېڭى بىر ئىبادەت تۈرىنى پەيدا قىلدى[3]. ئۇلار بۇ ئىشنى ئاخىرىدا (پىرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاللاھ تەجەللى قىلىدۇ) دېگەن سەپسەتىگە تەرەققىي قىلدۇردى. دۇنيادا مۇرىتلىرىغا ياردەم قىلغان پىرلار، ئاخىرەتتىمۇ مۇرىتلىرىغا شاپائەت قىلىپ، ئۇلارنى جەھەننەمدىن قۇتقۇزىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىشتى. پىرنى خۇددى ئاللاھنىڭ خاس كاتىپى ياكى تىلسىم كىتابىدەك بىر مۇقامغا قويدى. ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغان ئايەتلەرنى قۇرئاندىن موچىن بىلەن يۇلغاندەك ئېلىپ، مەنىسىنى بۇرمىلاپ، بۇ خاتالىقلىرىنى قۇرئان بىلەن تەستىقلاشقا ئۇرۇندى. ئاللاھ تائالا بۇ بوھتانلاردىن پاكتۇر.
بۇلار قۇرئانغا تۈپتىن قارشى ئىشلاردۇر. قۇرئاننى دىققەت بىلەن ئوقۇغان كىشى بارلىق پەيغەمبەرلەر ھاياتىنى مۇشۇنداق ئىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇلار بۇ ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى مۇسۇلمان بولۇش ئارزۇسى بىلەن قىلىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن چاغدا ئىش تۈگىگەن بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيادىن كېتىشتىن بۇرۇن ھەقنى بىلىپ، ھەقىقەتكە قايتىشنى نېسىپ قىلغاي.
32- مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇنى مەنىسىنى چۈشەنمەستىن ۋە تەپەككۇر قىلماستىن سورۇنلاردا چىرايلىق ئوقۇش ۋە ئاۋازى يېقىملىق قارىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ ھۇزۇرلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. ئۇلارنىڭ بۇ سەۋەنلىكى تەرىقەت پىرلىرىغا ئالدىنىشىغا سەۋەبچى بولدى.
ئىبرەت ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى مىسال قىلىمىز:
مۇرىت ھەقنى كۆرگەن بولسىمۇ پىرىنىڭ ھېچقانداق سۆزىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشى ھارامدۇر[4]. پىر مۇرىدىغا بىر نەرسە ئۆگەتسە داۋاملىق ئۇ نەرسە بىلەن مەشغۇل بولۇشى ۋە قەلبىگە ياخشى-يامان بىر ئىشنى كەلتۈرمەسلىكى كېرەك[5].
پىر بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ئۆزگەرتمەستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن ئىجرا قىلىش مۇرىت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرتلەردىن بىرىدۇر. چۈنكى ئۆزگەرتىش ۋە كېچىكتۈرۈش مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ[6].              
مۇرىت ئىشانىنىڭ تەربىيەسىدە ، غەسسالنىڭ قولىدىكى مېيىت كەبى بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندا ئىشان ئۇنىڭغا خالىغىنىنى قىلالايدۇ7.
يەنى قىسقىچە، مۇرىت پىرنىڭ قۇلى بولۇشى كېرەك. ھەتتا قۇلدىنمۇ بەكرەك باغلىنىشى كېرەك. چۈنكى قۇل بەزىدە خوجايىنىغا ئاسىيلىق قىلىدۇ ياكى يوشۇرۇن قاقشايدۇ، لېكىن مۇرىت يوشۇرۇن بولسۇن، ئاشكارا بولسۇن پىرىغا تولۇق بويۇن ئېگىدۇ.
33- تەرىقەتلەر ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكتە، ئۇنى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىشقا ۋە ئىززەت-غۇرۇرىنى ھېس قىلماسلىققا ئېلىپ بارماقتا.
تۈركىيەدە تەرىقەتلەرنىڭ مۇراسىم سورۇنلىرى ۋە خانىقالىرى قانۇندا تاقىۋېتىلگەندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان تەرىقەت بار. ئىنسانلارنى بۇ مەسىلىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. قىلىنغان تېرىشچانلىقلار بىلەن ھېسسىياتلار ئارىلاشماسلىقى، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئازادە كەيپىياتتا مۇنازىرە قىلىنىشى ۋە نىشان قىلىنغان ساغلام ۋە مۇستەھكەم نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دۆلەت بۇ مەسىلىدە بىتەرەپ بولۇشى كېرەك.

[1]– شەمسۇددىن سەرەخسى، مەبسۇت، 1989-يىل بېيرۇت باسمىسى، 1-جىلد، 199-200- بەت.
[2]– كەھف سۈرىسىنىڭ 65-ئايىتىدە،مۇسا ئەلەيھىسالام بىلەن ئۇچراشقان كىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان [ئۇلار ئۇ يەردە، بىز ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت ۋە ئىلىم ئاتا قىلغان بىر بەندىمىزنى ئۇچراتتى] دېگەن ئايەتتە، [ تەرىپىمىزدىن] دېگەن سۆزنىڭ ئەرەپچىسى[لَّدُنَّا]  كەلىمىسىدۇر. ھەدىسلەردىن بۇ كىشىنىڭ خىزىر ئەلەيھىسالام ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئىلمى لەدۇن ۋە ئىلمى باتىندىن سۆز ئاچقانلار خىزىر ئەلەيھىسالامنىڭ بۇ ئىلمىنى مەقسەت قىلىشىدۇ. لېكىن خىزىر بىلەن بىللە بولغان مۇسا(ئە،س) نىڭ بۇ ئىلىمنى ئۆگەنمىگەنلىكىنىمۇ قۇبۇل قىلىدۇ. چۈنكى بۇ خۇسۇس ھەم ئايەتلەردە، ھەم پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىدە قەيت قىلىنىغان.(بۇخارى،ئىلىم بابىغا قاراڭ). بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەرىقەت پىرلىرى قوللىرىدا ھېچبىر بەلگە بولمىسىمۇ خىزىرغا بېرىلگەن ئىلىمنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ بېرىلگەنلىكىنى داۋراڭ سېلىشىدۇ. ئۆزلىرىنى خىزىرنىڭ ئورنىغا، مۇرىدلىرىنى مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئورنىغا قويىشىدۇ. ھېچبىر مەنبەسى ۋە دەلىلى بولمىغان بۇ سەپسەتە پىرلارنى شەيتاننىڭ قولىدىكى بىر ئۇيۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ، دۇنيا سەھنىسىدىن چېكىنىشىنىڭ ئەسلى سەۋەبى بۇلاردۇر.
   3-رابىتا- پىرنىڭ سۆرىتىنىڭ مۇرشىدنىڭ ئىككى كۆزى ئارىسىدا تەسەۋۋۇر قىلىنىپ، مۇرىدنىڭ مۇرشىد ئالدىدا ئۆزىنى چەكسىز دەرىجىدە تۆۋەن كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىشى ۋە ئۇنى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدا ۋاسىتە قىلىشىدىن ئىبارەت. بۇ ئېنىقلىمىنى بەرگەن ۋە تەرىقەتكە بۇنداق بىر رابىتانى كىرگۈزگەن كىشى خالىد باغدادىدۇر. ئۇ 1242ھ/1827م ۋاپات بولغان.( بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە، 1997-يىل ئىستانبۇلدا بېسىلغان ئابدۇلئەزىز بايىندىرنىڭ قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەركىتابىغا قاراڭ).
[4]– كوتكو، تەسەۋۋۇف ئەخلاقى، 2-جىلد ، 5-بەت، 2- پاراگراف.
[5]– كوتكو، تەسەۋۋۇف ئەخلاقى، 2-جىلد. 248-بەت.
6– كوتكو، تەسەۋۋۇف ئەخلاقى، 2-جىلد. 245-بەت، 3- پاراگراف.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر