مۇسۇلمانلار

دىن-دۆلەت مۇناسىۋىتى4

3- قۇرئانغا ئۇيغۇن مۇسۇلمانلىق
22- ئىسلام ئاللاھنىڭ دىنى، مۇھەممەد(س،ئە) ئاللاھنىڭ ئاخىرقى ئەلچىسىدۇر. قۇرئان كەرىم مۇھەممەد(س،ئە)نىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئىنسانلاردىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ. ئۇ بىزگە ئىشەنچلىك يوللار بىلەن يېتىپ كەلگەن ئىلاھىي كىتابتۇر. بۇ ۋەجىدىن مۇسۇلمانلار قۇرئاننى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قۇلۇپلانغانمۇ؟» مۇھەممەد 47/24.
«بىز قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. چۈشەنگۈچى بارمۇ؟»- قەمەر 54/22،32،40.
23- مۇسۇلمانلار ئەسىرلەردىن بۇيان قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىشكە تىرىشمىدى، ئۇنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان «مۇقەددەس كىتاب»، چۈشەنگىلى بولمايدىغان «سىرلىق كىتاب»قا ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇرۇنقىلار ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغان، بىز كاللا قاتۇرمىساقمۇ بولىدۇ دېگەن چۈشەنچىگە كەلدى ۋە يېڭىلىقلارغا يۈزلىنىشنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋەتتى. ئاخىرىدا قۇرئان كەرىمنى پەقەت ساۋاب ئۈچۈنلا ئوقۇلىدىغان، بەرىكەت ئۈچۈن ساقلىنىدىغان كىتابقا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلارغا، مۇكاپاتلىرىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ»- ئىسرا 17/9.
قۇرئان كەرىم ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ساغلام يولغا يەتكۈزىدۇ. لېكىن ئۇنى چۈشەنمەستىن ۋە ئىچىدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلماستىن، پەقەت ساۋاب ئۈچۈنلا ئوقۇسا ئۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئەلا سۈپەتلىك ھەسەلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە پۇرىقى بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالغانغا ئوخشايدۇ. يېمىگەن ھەسەلنىڭ تەنگە نېمە پايدىسى بولسۇن؟. مۇسۇلمانلار ئەسىرلەردىن بېرى قۇرئاننى چۈشەنمەستىن ئوقۇپ كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن ھېچقانداق  ئوزۇق ئالالمىدى. خۇراپاتلار، بۇزۇق ئېتىقادلار ۋە جاھىلىيەت ئۆرۈپ-ئادەتلىرى دىنى چۈشەنچىلەر بىلەن ئىچ-ئىچىدىن گىرەلىشىپ كەتتى، نەتىجىدە ئىسلام بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى بولمىغان يېڭى بىر «دىن» شەكىللەندى. ھازىر قۇرئاننى چۈشۈنۈپ ئوقۇيدىغان ۋە قۇرئان ئۈستىدە ئەقىل ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم ئىنسانلار پەيدا بولدى. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«مۇئمىنلارغا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە قەلبلىرى ئېرىيدىغان، ئىلگىرى كىتاب بېرىلىپ زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن قەلبلىرى قېتىپ كەتكەن كىشىلەردەك بولمايدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلار ئىدى»- ھەدىد 57/16.
24- تۈركىيەدە مەن مۇسۇلمان ئەمەس دەيدىغانلار يوق دېيەرلىك. بۇ يەردە مۇسۇلمانلار ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچىسى ئۆزىنى ئۆزى مۇسۇلمان ھېسابلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە روزا تۇتىدىغان، قۇربانلىق قىلىدىغان، ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇيدىغان ۋە تۇرۇپ-تۇرۇپ جۈمە نامىزىغا بارىدىغانلار بار. ئۇلار غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلاردۇر. ئۇلارنى (غەربپەرەسلەر) دەپ ئاتايمىز.
ئىككىنچىسى بولسا، دىننىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈمىدى ۋە تىرىشچانلىقى ئىچىدە بولغانلاردۇر. ئۇلارنى (دىندارلار) دەپ ئاتايمىز.
غەربپەرەسلەر دىندارلارنى قاتمال ۋە مۇتەئەسسىپ دەيدۇ. دىندارلارمۇ ئۇلارنى دىندىن چىققانلار دەپ ئەيىبلەيدۇ.
25- يېقىنقى يىللاردا كۆرسىتىلگەن غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقلار ھەر ئىككى قىسىمنى قۇرئان ئەتراپىغا توپلىدى. غەربپەرەسلەر بىر تەرەپتىن قۇرئانغا يۈزلىنىپ، ئۇنى تەتقىق قىلغاندا، بىر قىسىم ئۆزىنى دىندار دەۋالغان كىشىلەرنىڭ خۇراپاتلار بىلەن تولغان بىر «دىن» ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە بۇنداق خۇراپاتلاردىن يىراق ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تەلەيلىك ھېسابلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار دىندارلارنى تەنقىدلىدى. بۇ بەزى دىندارلارنى ئويغاتتى. ئۇلار غەربپەرەسلەرنىڭ ئالدىدا  ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرئاننى تەتقىق قىلىشقا يۈزلەندى ۋە بۇ چاغدا ئۇلار غەربپەرەسلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان تەنقىدلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بۇ يۈزلىنىش، دىندارلار ۋە غەربپەرەسلەرگە ھەر تەرەپتىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ ئەمدى قۇرئاننىڭ ئەتراپىدا ئۇيۇشىدىغان ۋاقىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى.
26- بۇ ئويغىنىش، بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى تامامەن دىننىڭ سىرتىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈشىگە سەۋەب بولدى. ئاللاھنىڭ كىتابىغا مايىل بولغان ھەر قانداق مۇھىتتا بۇ ھادىسە يۈز بېرىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئارىلىرىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن ئىختىلاپ قىلىشتى. سېنىڭ رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ»- جاسىيە 45/17.
«ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت بولغان كاپىرلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر ئايرىلغۇچىلار ئەمەس ئىدى. ئۇ روشەن دەلىل ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىدۇر. ئۇ پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىدۇ.ئۇ سەھىپىلەرگە توغرا ھۆكۈملەر يېزىلغان.كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن پىرقىلەرگە ئايرىلدى»- بەييىنە 98/1-4.
«ئېيتقىنكى: ‹ھەق كەلدى، باتىل يوقالدى. باتىل چوقۇم يوقىلىشقا تېگىشلىكتۇر›.بىز نازىل قىلغان قۇرئان مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولىدۇ، زالىملارنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ»-ئىسرا 17/81-82.
27- قۇرئانغا مايىللىق كۈچلەنگەن ھەر قانداق يەردە مەغلۇپ بولغان گۇرۇپپىلار قولىدىكىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقۇپ ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ئۇلار تەپەككۇر قىلماستىن، ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرىدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا ھەر قانداق نەسىھەت كار قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ  ئالدىدا ناھايىتى سەۋرچان بولۇش كېرەك. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر سىلەرگە بىر ياخشىلىق يەتسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. ئەگەر بېشىڭلارغا بىر يامانلىق كەلسە ئۇلار خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرغۇچىدۇر»- ئىمران 3/120.
بۇ داۋالغۇشلار پايدىلىقتۇر. چۈنكى بۇنىڭ ياردىمىدە بەزىلىرى ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارا بولىدۇ. نەتىجىدە ساغلام بىر دىنى چۈشەنچىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
28- قۇرئانغا يۈزلىنىش فانتازىيە ياكى مودا ئەمەس، بەلكى ئالەمشۇمۇل ۋە ئۆزگەرمەس تەسىرى بولغان قەتئىي بىر ئىشتۇر. قۇرئانغا يۈزلىنىش شوئارى بىلەن چىققانلاردىن بەزىلىرى، قۇرئانغا ئەمەل قىلىشنىڭ ئورنىغا قۇرئاننى ئۆزىگە ئەمەل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇلار باشقىلارنى تەنقىدلىگەندە ئۆزىنىڭ قانداق خاتالىقلارغا چۈشۈپ قالغانلىقى بىلەن  ھېسابلاشمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن قۇرئانغا يۈزلەنگەن ھەر بىر كىشى ئۆزىنى بۇ تەرەپتىن ھەمىشە سوراققا تارتىپ تۇرۇشى كېرەك. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار»- ئىمران 3/103.
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگىمۇ ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىر نەرسىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ قالساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قايتۇرۇڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار. بۇ خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجىسى ياخشىدۇر»- نىسا 4/59.
«ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچۈرۈشىدىن ھەزەر قىل. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە بىلگىنكى، ئاللاھ ئۇلارغا بەزى گۇناھلىرى يۈزىسىدىن مۇسىبەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن پاسىقلاردۇر. ئۇلار جاھىلىيەت ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ چىن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھتىنمۇ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچى بارمۇ؟»- مائىدە 4/49-50.      

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر