مۇسۇلمانلار

دىن-دۆلەت مۇناسىۋىتى2

بىرىنچى بۆلۈم دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى
1-دۆلەتنىڭ دىنى
1- دۆلەت بىر قۇرۇلمىدۇر، قۇرۇلمىنىڭ دىنى بولمايدۇ. شۇڭا دۆلەت ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ ۋە ئاخىرەت ھەققىدە بىر ئەندىشە قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك، باشقا قۇرۇلما ۋە ئورگانلارنىڭمۇ دىنى بولمايدۇ. ئەمما ئىنسانغا كەلسەك، ئۇنىڭ دىنى بولىدۇ.
دۆلەتنى ياكى بىر ئورگاننى ئىدارە قىلىۋاتقانلار ئۆز ئېتىقادلىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە سىستېمىسىدا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال. شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار ھۆكۈمران بولغان دۆلەت ئىسلام دۆلىتى، خىرىستىئانلار ھۆكۈمران بولغان دۆلەت خىرىستىئان دۆلىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ خەلقنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلىشى نورمالسىزلىقتۇر. دىن دۆلىتى ياكى ئىدېئولوگىيە دۆلىتى مانا مۇشۇنداق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىر ئېتىقادنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق ئەللەردە ئىچكى نىزا، بېسىم ۋە زۇلۇم تۈگىمەيدۇ.
2- دىننىڭ جەۋھىرى ئىمان، ئىماننىڭ ئاساسى دىل بىلەن تەستىقلاش. دىل ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن ئىبارەت. ئىنسان بۇ يەردە چەكسىز ئەركىن بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق ئېتىقادنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي تاڭغىلى بولمايدۇ. ئەڭ زالىم ھاكىمىيەتلەرمۇ بۇ ئىشتا غەلىبە قىلالمايدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
﴿لاَ إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ قَد تَّبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ فَمَنْ يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِن بِاللّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىَ لاَ انفِصَامَ لَهَا وَاللّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾
 «دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرا بىلەن خاتا ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- بەقەرە2/256.
بۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلار ھېچكىمنى مۇسۇلمان بولۇشقا ياكى مۇسۇلمانچە ياشاشقا مەجبۇر قىلمايدۇ، بەلكى ھەر ئىنسانغا ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاشقا ئىمكان بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتى، دىن دۆلىتى يەنى تېيوكراتىك دۆلەت ئەمەس. ئۇلار ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ نامىغا ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ نامىغا باشقۇرىدۇ. ياخشى باشقۇرغانلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ناچار باشقۇرغانلار جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
3- تۈركىيەدە دىن دېسە ئىسلام چۈشىنىلىدۇ. بۇ دىننىڭ بىر پەيغەمبىرى، بىر كىتابى بار. مۇسۇلمان بولماقچى بولغانلار، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇ كىتاب ئۆگەتكەندەك ئىشىنىپ ياشايدۇ. يەنى قۇرئانغا بويسۇنىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قۇرئاننى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارمۇ بار. بۇلار ھەم ئارزۇ قىلغانلىرىدەك ياشاشنى، ھەم مۇسۇلمان دەپ ئېتىراپ قىلىنىشنى مەقسەت قىلىشىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ بىر قىسمىنى قەدىمكى زامانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھازىر كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ھېسابلايدۇ. بىر قىسمىنى بولسا ئەسلى مەنىسىدىن يىراقلاشتۇرۇپ پەرقلىق شەكىلدە ئىزاھلايدۇ، شۇنداقلا ھايات بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈپ، دىننى زامانغا ماسلاشتۇرۇپ ئىزاھلىدۇق دەپ ئويلايدۇ.
ئۇلار قۇرئاننى ئۆز خاھىشىغا بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ خاتالىقىنى بىلگەچكە ئىچىنى راھەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۈلپەت ئىزدەيدۇ. ئۆزلىرىگە يېقىن دەپ بىلگەن ئادەملەرنى يېنىغا تارتىپ، باشقىلارنى چەتكە قاقىدۇ. دۆلەت ياكى بىرەر قۇرۇلما ۋە ياكى بىرەر ئورگاننىڭ نامىدا گەپ قىلغانلىقىنى پۇرىتىپ، ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ بىر خاتا يول، چۈنكى دىن توغرىسىدا كىم گەپ قىلسا قىلسۇن ئۆز نامىغا گەپ قىلىدۇ.
دىن دۆلىتى دېيىش توغرا بولمىغاندەك، دىنسىز دۆلەت دېيىشمۇ توغرا بولمايدۇ. دىندارلىق ياكى دىنسىزلىق ئىپادىلىرى پەقەت ئىنسان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملاردۇر. بۇ سەۋەبتىن ھېچكىم دىنى ماۋزۇدا دۆلەتكە ئائىت بىر قۇرۇلما ياكى ئورگانلار نامىغا گەپ قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ قۇرۇلما ۋە ئورگانلار ئوخشاش ئېتىقادقا مەنسۇپ كىشىلەر تەشكىل قىلغان بىر دىنى جامائەت ئەمەستۇر. دىنى بىر ماۋزۇدا ئۇلارنىڭ نامىغا گەپ قىلغان كىشى ئۆز ئېتىقادىنى ئۇ قۇرۇلما ياكى ئورگانلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىدەك كۆرسەتكەن بولىدۇكى، بۇنداق قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق.
ھەر مۇسۇلماننىڭ دىنى ۋەزىپىسى قۇرئان ئايەتلىرى، سەھىھ ھەدىسلەر ۋە ئىجما بىلەن بەلگىلەنگەن نەرسىلەرگە چىڭ ئېسىلىشتۇر. ئىجما دېگىنىمىز-بىر دەۋردە ياشىغان ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تېمىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشىدىن ئىبارەت.
4-دىنى ئەركىنلىكنىڭ كاپالىتى قۇرئاندۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَوْ شَاء رَبُّكَ لآمَنَ مَن فِي الأَرْضِ كُلُّهُمْ جَمِيعًا أَفَأَنتَ تُكْرِهُ النَّاسَ حَتَّى يَكُونُواْ مُؤْمِنِينَ﴾
«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇنداقتا ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا سەن زورلامسەن؟»-يۇنۇس10/99.
ئىنساننىڭ تاشقى دۇنياسىمۇ ئىچكى دۇنياسىدەك ھۆر بولۇشى كېرەك. ئۇ مۇشۇنداق بولغاندىلا ھەقىقىي شەخسىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
5- دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دىنى ياكى ئىدېئولوگىيەلىك دائىرىدە ئەمەس، ئادالەت دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ئىچكى ۋە تاشقى ئامانلىقنى ساقلاش، پۇقرالارنىڭ ئاساسى ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت.
دۆلەتنىڭ بېسىمى بىلەن ئىشەنگەندەك كۆرۈنگەن كىشىلەر بەدەنگە كىرىۋالغان مىكروبقا ئوخشاش، كۈچلەنگەن زامان كېسەل پەيدا قىلىدۇ.
ئېتىقادلىرىغا بېسىم قىلىنماي ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىشەنگەن كىشىلەر بەدەنگە ئۇرۇلغان ۋاكسىنىدەك دۆلەتنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئوسمانلى دۆلىتىدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاز سانلىق ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ شەرەپلىك پۇقرالىرى ھېسابلىشى بەك مۇھىم ئىدى.
دۆلەت قۇياش مىسالى بولۇشى كېرەك. قۇياش خۇددى مۇسۇلمان، خىرىستىئان، يەھۇدىي، باي، نامرات ۋە ئىرق پەرقى قىلماستىن ھەممىسىگە ئوخشاش مۇساپىدە تۇرغاندەك، دۆلەتمۇ پۇقرالىرى ئالدىدا ھەر دائىم ھەممىسىگە ئوخشاش مۇساپىدە تۇرۇشى كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر