مۇسۇلمانلار

دادام ھاراقكەش، مەن قانداق قىلىمەن؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
مەن ئىسىمنى بىلسەم مېنىڭ دادام ھاراق ئىچەتتىكەنتۇق. كېيىن بىز قانچە نەسھەت قلساقمۇ يەنىلا شۇ ھارامنى تاشلىمايۋاتىدۇ. مەن ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن 5 ۋاخ ناماز ئوقۇيمەن. ھازىرغىچە دادام ماڭا بۇنى قىلساڭ بۇلىدۇ، ئۇنى قلساڭ بولمايدۇ، دەپمۇ باقمىدى. مەن قۇرئان ئوقۇشنى، ناماز ئوقۇشنى ئۆزۈم ئۆگەنگەن.
پەرزەنت بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مەن دادامغا بىر پارچە خەت يىزىپ ئۇنداق قىلماسلىقنى ئۆتۇندۇم. ئۈنۈمى بولمىدى! مەن زادى قانداق قىلسام بۇلىدۇ؟ ياكى دادامنىڭ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشىگە قاراپ تۇرىۋىرەدىم. بىر يول كۆرسەتساڭلار!  ھۆرمەت بىلەن:
ئەخمەتجان
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئاللاھ تەئالا  ھەر كىشىگە دوزاخقا كىرىش ئەركىنلىكى بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم ھېچكىمنى ھىدايەتكە زورلىيالمايدۇ. يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە نەسىھەت قىلىمىز، ئەمەل قىلامدۇ، قىلمامدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشى. بىز يولىڭىزغا مېڭىۋېرىمىز. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ {105}»- سورة المائدة 
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»مائىدە سۈرىسى، 105 – ئايەت.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز دادىڭىزغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشنى تەرك ئەتمەڭ،  ئۇنىڭغا ھاراقنىڭ قەتئىي ھارام ئىكەنلىكىنى، ھاراقنىڭ زىيانلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا، تاتلىق بىر تىل بىلەن چۈشەندۈرۈڭ، ھەر پۇرسەتتە ئۆزىڭىزنىڭ تەقۋادار بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭىزنى، ئۇنىڭ قىلىمشلىرىغا ئەسلا رازى ئەمەسلىكىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ھاراقنى تاشلىمىسا سىز ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋېرىڭ، دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولۇڭ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْناً عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ{14} وَإِن جَاهَدَاكَ عَلى أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفاً وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ {15}»- سورة لقمان
«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق- ئانىسى ئۇنى ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ-: ‹ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن. ئاخىرى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كېلىسىلەر.
ئەگەر ئۇلار سېنى، سەن بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن›.»- لۇقمان 31/14-15.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىمىز بىزنى گۇناھ قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمايمىز. لېكىن يەنىلا دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلارغا قولىمىزدىن كەلگىنىچە ياخشىلىق قىلىشقا تىرىشىمىز. ئۇلارنىڭ گۇناھ قىلىشىغا ئەسلا رازى بولمايمىز. لېكىن قولىمىزدىن «چىرايلىقچە نەسىھەت» تىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىشتىن باشقا بىر ئىش كەلمەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر