مۇسۇلمانلار

دادام سۆزۈمنى ئاڭلىمايدۇ

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سىزدىن سورايدىغان بىر مەسىلە بار ئىدى: مەن دادام بىلەن پەقەتلا كېلىشەلمەيۋاتىمەن، دادام قېرىغانسېرى زىيادە تەلۋە بولۇپ قالدى، ئاغزىغا ئالغۇسىز سۆزلەر بىلەن ئادەم تىللايدۇ، ئۆزى بولمىسا توختىماي قۇرئان ئوقۇيدىغان، نامىزى جايىدا كىشى لېكىن ھېچقانداق نەسىھەت قۇلىقىغا كىرمەيدۇ، ئۆزۈمنى تۇتالماي نەچچە رەت قاتتىق سوقۇشۇپ قالدىم، بىراق دادام داۋاملىق مېنىڭ سەۋرى چېكىمگە جەڭ ئېلان قىلىپلا تۇرىدۇ، بەكلا تويدۇم.
دادام مېنى كىچىكىمدە ياخشى تەربىيەلىمىگەن، پەقەتلا مېنىڭ يېمىلىكىمنى تەييارلاپلا بەرگەن. شۇڭا دادامغا بەك نارازىتتىم، ئەمدى نارازىلىقىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئادەم چىدىغىلى بولمايدىغان يەنە نۇرغۇن خۇيى بار. مەن يۈزىدىن يۈزىگە سېلىپمۇ باقتىم، خەت يېزىپ ئەسكەرتىپمۇ باقتىم. لېكىن كار قىلمىدى. قۇرئاننى توختىماي ئوقۇيدۇ، لېكىن قانداق ئوقۇيدىكىن بىلمىدىم. بىدئەتتىن توسسام، قۇرئان، ھەدىس نەقىل كەلتۈرسەم كارى يوق، بىلگەننى قىلىدۇ. «سەن نېمىنى بىلەتتىڭ» دەيدۇ. نېمە كارىم دەپ ئولتۇرسام ئەمدى ئۇششاق ئىشلارغىمۇ ئادەم تىللايدىغان، ھاقارەتلەيدىغان بولۇۋالدى. ھەتتا خاتالىق ئۆزىدە بولسىمۇ شۇ. باشقا ئادەم بولغان بولسا ئاللىبۇرۇن كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىپ قوياتتىم، لېكىن مەن مۇسۇلمان بولغاچقا ھازىرغىچە دادام ساق يۈرۈيدۇ. مەن زادى قانداق قىلىمەن؟ بىلەلمەيلا قالدىم. ئىسلام مۇشۇنداق دادىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بۇيرۇيدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
سىزنىڭ دادىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزدىكى نورمالسىزلىقنىڭ سەۋەبى سىز ئىكەنسىز. سىز بالىلىق دائىرىسىدىن چىقىپ دادىڭىزغا «ئۇستازلىق» ياكى «دادىلىق» قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىڭىز ئۈچۈن دادىڭىز سىزگە شۇنداق مۇئامىلىدە بولىدۇ.
تور بېتىمىزدە «ئاتا-ئانا ھەقلىرى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى تەپسىلىي مەلۇماتلار بار. شۇڭا بۇ ھەقتە قايتا بىر نەرسە دېيىشكە ھاجەت يوق.
سىزگە سەمىمىي نەسىھەتىم شۇكى:
سىز ھەر دائىم ئۆزىڭىزنىڭ بالا، دادىڭىزنىڭ دادا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ. دادىڭىزغا بالىلىق دائىرىڭىزنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز دادىڭىزنىڭ سىزگە بولغان «قوپال مۇئامىلىسى» دىكى «قوپال» لىق «شەپقەت ۋە مېھرىبانلىق» بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ.
سىزنىڭ «باشقا ئادەم بولغان بولسا ئاللىبۇرۇن كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىپ قوياتتىم، لېكىن مەن مۇسۇلمان بولغاچقا ھازىرغىچە دادام ساق يۈرۈيدۇ» دېگەن سۆزلىرىڭىزدىن سىزنىڭ نورمال بىر ئادەم ئەمەسلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ. ئاللاھتىن قورقۇڭ!
راست گەپنى قىلغاندا سىز دادىڭىزنىڭ ھەر ئىشىغا «لوقما» سېلىپ ئۇ بىچارە ئادەمنى جىلە قىلىۋېتىپسىز. دادىڭىز تىللىسا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يېنىدىن يىراقلاشسىڭىز، ئاچچىقى چىققاندا يېنىغا كەلسىڭىز بولىدۇغۇ! تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ «بابا يۈرەگى يۇپقا ئولۇر» دەپ بىر ئاتا سۆزى بار. سىز شۇ يۇپقا يۈرەكنىمۇ قاتتىقلاشتۇرۇۋاتقان گەپ.
ئىسلام ئاتا-ئانا مۇشرىك بولسىمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْناً عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ. وَإِن جَاهَدَاكَ عَلى أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفاً وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ»
«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق- ئانىسى ئۇنى ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ-: ‹ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن. ئاخىرى مېنىڭ دەرگاھىمغا كېلىسىلەر. ئەگەر ئۇلار سېنى، سەن بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. ھەممىڭلار مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن›.»- لۇقمان 31/14-15.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىمىز بىزنى گۇناھ قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمايمىز. لېكىن يەنىلا دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلارغا قولىمىزدىن كەلگىنىچە ياخشىلىق قىلىمىز. ئۇلارنىڭ گۇناھ قىلىشىغا ئەسلا رازى بولمايمىز. مانا بۇ مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلام ئاتا-ئانىمىز توغرۇلۇق بىز بالىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىگەن ۋەزىپىدۇر.
يىغىپ ئېيتقاندا ئىسلام ئاشۇنداق دادىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَقَضَى رَبُّكَ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَاناً إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلاَهُمَا فَلاَ تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ وَلاَ تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلاً كَرِيماً. وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيراً»
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: ‹ئۇفف!› دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل. (ئۇفف! دېگەن سۆز بەزگەنلىكنى ۋە زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ)
ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول-قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا-ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە قانداق تەربىيەلىگەن بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق رەھىم قىلغىن!»ئىسرا 17/23- 24.
دېمەككى، قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىپلەردە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشىنىڭ پەرزلىكى ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا ياكى تەقۋادار بولۇشىغا باغلىق قىلىنمىغان. ئەكسىچە، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا بولۇشىغا باغلىق قىلىنغان. يەنى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشىنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاتا-ئانا بولغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ، خالاس.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر