مۇسۇلمانلار

دادامنىڭ خۇمارى تۇتۇپ كەتتى، قايسى ئايەتنى ئوقۇيمىز؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

قېرىندىشىم! ئاللاھ تەئالا ئاتىڭىزنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ئۇنى توغرا يول ئۈستىدە ئۇدۇل ماڭغىلى نسىپ قىلسۇن!

قېرىندىشىم! خۇمارى تۇتقاندا ئوقۇيدۇغان مەخسۇس بىر ئايەت يوق. لېكىن ئاتىڭىزنىڭ خۇمارى تۇتۇش كېسىلىگە مۇنداق چارە بار:

ئاتىڭىز پۇرسەت تاپسىلا «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىم (ئى ئاللاھ! مېنى قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىسلا!)» نى ۋە بىلگەن ئايەتلىرىنى ئوقۇسۇن. ئەگەر قۇرئان ئوقۇيالىسا (تەرجىمىسىنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ) ھەر كۈن بىرقانچە سەھىفە (بەت) قۇرئان، بولۇپمۇ بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇسۇن. چۈنكى ئۇنىڭ خۇمارى شەيتاننىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن بولىدۇ. ئايەت ئوقۇلغان يەردە، بولۇپمۇ بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان يەردە شەيتان تۇرالمايدۇ.

گۇناھنى بولۇپمۇ بىرقانچە يىل قىلىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن گۇناھنى تەرك ئېتىش ھەقىقەتەن زور ئىشتۇر. تەۋبە قىلغۇچى بۇ زور ئىشنى قىلغانلىق ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ. ئاتىڭىز بۇ تەرەپنى ئويلىسىمۇ كۆڭلى راھەتلەپ قالىدۇ ۋە تاماكىغا قايتا نەپرەت قىلىدىغان بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىڭىز فۇرقان سۈرىسى (25 ـ سۈرە) نىڭ 68 ـ ، 69 ـ ۋە 70 ـ ئايەتلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى دىققەت بىلەن ئوقۇسۇن ياكى سىز ئوقۇپ بېرىڭ. چۈنكى ئۇ ئايەتلەردە ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىن (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە زىنا قىلىش قاتارلىق گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ بۇرۇنقى يامان ئەمەللىرىنىڭ ياخشى ئەمەللەرگە ئالماشتۇرۇلۇپ ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «گۇناھدىن تەۋبە قىلغۇچى، گۇناھى يوق كىشىدەك بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسىمۇ بار. مانا يۇقارقى ئايەتلەر ۋە بۇ ھەدىس ئاتىڭىزغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتىڭىز تەۋبىسىدە چىڭ تۇرىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر