مۇسۇلمانلار

خەتمە ئوقۇش ئىبادەتمۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
كىچىك خەتمە دېگەن نېمە؟ چوڭ خەتمە دېگەنچۇ؟ خەتمە ئوقۇشنىڭ دىنىمىزدىكى ئاساسى نېمە؟ خەتمىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ ئاللاھ ئىلمىڭلارنى زىيادە قىلسۇن.

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

جاۋاب:
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا بىرقانچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇرئان كەرىمدىن بىر قانچە سۈرە ۋە بىرقانچە ئايەت تاللاپ، بۇنىڭغا ئەرەبچە، پارىسچە ۋە كونا ئۇيغۇرچە بولۇپ بىرقانچە سۆزنى قوشۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى بىر كىشىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەلۇم بىر ساندا ئوقۇش «خەتمە ئوقۇش» دەپ ئاتىلىدۇ.
خەتمىخانلار ئوقۇلغان نەرسىلەرنىڭ سانىنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئۆرۈك ئۇرۇقچىسىدەك، بەلكىدە ئۇنىڭدىن سەل كىچىكراق تاشلار بىلەن ھېسابلايدۇ. بۇ تاشلار «خەتمە تېشى» دەپ ئاتىلىدۇ. «خەتمە تېشى» بىر مەھەللىدە بىر ياكى ئىككى كىشىنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ. بۇ تاشنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا مىڭ بولىدۇ. بەزىلەر بۇ تاشلارنى ياغلاپ قويىدۇ. بۇ تاشلار تولا ياغلانلىقتىنمۇ ياكى كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىنمۇ  پارقىراپ چىرايلىقلىشىپ قالىدۇ. بۇ تاشلار بىر خالتىدا ساقلىنىدۇ.
 ئەنە شۇ يۇقارقى نەرسىلەرنى مانا مۇشۇ تاشلار بىلەن ساناپ   7 قېتىم ئوقۇش «كىچىك خەتمە» ئوقۇغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا بىر كەپتەر ياكى بىر توخۇ قان قىلىنىدۇ (ئۆلتۈرۈلىدۇ). 11 قېتىم ئوقۇش «چوڭ خەتمە» ئوقۇغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە قان قىلىنىدۇ. بەزىدە بۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياكى قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىغا قاراپ كالىمۇ قان قىلىنىدۇ (ئۆلتۈرۈلىدۇ).
قان قىلىنغان مالنىڭ گۆشى پىشۇرۇلۇپ شۇ خەتمىنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە شۇ سورۇنغا ھازىر بولغۇچىلارغا يېگۈزۈلىدۇ.
بۇ خەتمىنى ئوقۇشقا قاتناشقانلارنىڭ بەزىسى گۆش يېگۈسى كېلىپ قالسا، «قان قىلايلى، قان قىلىدىغان يېرىگە كېپقالدى» دەپ، خەتمە ئوقۇتقۇچىنى قان قىلىشقا ئالدىرىتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ گۆش يېيىش ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالغانلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق بىر سۆزمۇ بار:
خەتمە ئوقۇغان موللامنىڭ قولىدا بار شېغىل تاش،
ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى گۆش بېسىلغان پولۇ ئاش.
خەتمە ئوقۇشنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. خەتمىنىڭ ئىچىدە ئىنساننى مۇشرىك قىلىۋىتىدىغان سۆزلەرمۇ بار. مەسىلەن:
1ـ يا ھەزرەتى سەييىدى شەيخ مۇھيىددىن، مۈشكىل كۇشايى بىلخەيرى ئەلمەدەد!
تەرجىمىسى: ئى مۇھيىددىن ئىسىملىك ھۆرمەتلىك خوجايىن! مۈشكۈلۈمنى ياخشىلىق بىلەن ھەل قىلىپ بەر!
2 ـ يا ھەزرەتى غەۋس ئەغىسنا!
تەرجىمىسى: ئى ياردەم قىلغۇچى، بىزگە ياردەم قىل.
ئۇلار بۇ يەردىكى ياردەم قىلغۇچىدىن ئابدۇلقادىر جىيلانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىنى مەقسەت قىلىشىدۇ.
دېمەك، ئۇلار مۇھيىددىن ئىسىملىك بىر ئىشاننى ياردەمگە چاقىرىشىدۇ. ئابدۇلقادىر جىيلانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىدىن ياردەم تىلەيدۇ.
بۇ ئىش فاتىھە سۈرىسىنىڭ «إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ (ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز)» دېگەن ئايىتىگە خىلاپتۇر، شۇنداقلا ئاللاھقا ئوچۇق ـ ئاشكارا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا بۇنىڭدىن باشقا «رەدنامە ئوقۇش»، «قەسىدە ئوقۇش»،… دېگەندەك بىرقانچە تۈرلۈك «ئوقۇش» لار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت ئىشلار بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.
خەتمىنىڭ پايدا-زىيىنىغا كەلسەك،
ئوقۇتقۇچىغا زىيىنى بار: ئۇ قان قىلىمەن دەپ بىر توخۇسىدىن ياكى بىر قويىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ھېلىقى شېرىك سۆزلەرنى قىلىش ۋە قىلىشقا ياردەملىشىش تۈپەيلىدىن ئىمانىغا دەخلى يېتىدۇ.
ئوقۇغۇچىغا پايدىسى بار: ئۇ مۇشۇ باھانە بىلەن گۆش يەۋالىدۇ ۋە بىر مىقدار پۇلغا «دۇئا» قىلىدۇ.
مەن ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمدا شۇنداق خەتمە ئوقۇپ جان ساقلايدىغان بىرقانچە كىشىنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق سۆزلەرنى ناھايىتى كۆپ ئاڭلايتتىم:
نەچچە يىل قىلدىم موللىلىق، ھېچ كەلمدى بىر ياغلىق،
بىر كۈن قىلدىم ئىشانلىق، قوچقار كەلدى ھەم ساغلىق.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەرگە خەتمە ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلاردىن بىر نەرسە دۇئا قىلىۋېلىشقانلىقىنى ئىشانلىق قىلدۇق دەپ بىلەتتى. ئىماملىق، خەتىبلىق ۋە مۇدەررىسلىك قىلىشقانلىقىنى موللىلىق قىلدۇق دەپ چۈشىنەتتى.
ئۇلارنىڭ بەزى ئىنساپلىقلىرى ئىشانلىق قىلىشنى ئېسىل ھابداللىق دەپ بىلەتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ يوللارغا چۈشۈپ قالغانلىقىلىرىدىن نومۇس قىلىشاتتى. مەن بۇنداقلاردىن:
«مەدىكارنىڭ ئېسىلى خارەت بىلەن سۇۋاقچى،
ھابدالنىڭ ئېسىلى ئىشان بىلەن چىراغچى»، دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايتتىم.
مانا بۇلارمۇ بەزى خەتمىخانلار نىيىتىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى شېرىك، بىدئەت ۋە خۇراپاتتىن ساقلىسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر