مۇسۇلمانلار

خۇپتەننىڭ ۋاقتى قاچان؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
مىنىڭ سىزدىن سورىماقچى بولغان سوئالىم: خۇپتەن نامازنى كېچىكتۈرۈپ بامداتقا ئەزان چېقىشتىن بۇرۇن ئوقۇسا بولامدۇ؟ يەنى ئەتىسى ئەتىگەندە.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
جاۋاب:
كۈن پاتقاندىن كېيىن غەربىي (كۈن پېتىش) ئۇپۇقتا قىزىللىق بولىدۇ. بۇ قىزىللىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەتتە نامازشامنىڭ ۋاقتى داۋاملىشىدۇ. بۇ قىزىللىق يوق بولغاندا غەربىي ئۇپۇقتا ئاقلىق پەيدا بولىدۇ. بۇ ئاقلىقنىڭ كىرىشى بىلەن نامازشامنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىپ، خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ. ئاقلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەتتە خۇپتەننىڭ ۋاقتى داۋاملىشىدۇ. ئاقلىق تۈگەپ قاراڭغۇلۇق باسقاندا خۇپتەننىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. بىز ھەقتە«قۇرئان-ھەدىستە بەش ۋاخ ناماز» دېگەن تەتقىقاتىمىزدا تەپسىلىي توختالدۇق. خالىسىڭىز شۇ تەتقىقاتنى ئوقۇپ باققايسىز.
قاراڭغۇلۇق باسقاندىن تارتىپ تاكى تاڭ ئاقارغۇچە بولغان ۋاقىت تەھەججۇد ۋاقتىدۇر. خۇپتەننىڭ ۋاقتى تاڭ ئاقارغۇچە داۋاملاشمايدۇ، چۈنكى ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتى تۈن قاراڭغۇسى باسقان ۋاقىتتا خۇپتەننىڭ ۋاقتىنىڭ چىقىپ كېتىدىغانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دالالەت قىلىدۇ. مەزكۇر ئايەت مۇنداق:
«أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ…»
ئى مۇھەممەد! نامازلانى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقانغا قەدەر ئوقۇغىن…»- ئىسرا 17/78.
بۇ يەردە «نامازلارنى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئەسسەلات («الصَّلَاةَ») دۇر، بۇ كەلىمە مەئرىفە (ئېنىق ئىسىم) بولۇپ، مۇئەييەن نەرسىنى كۆرستىدۇ. سالاتنىڭ مەنىسى ناماز بولغانلىقى ئەسسەلات مۇئەييەن يەنى پەيغەمبىرىمىز ۋە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن بىلىنىدىغان پېشىن، دىگەر، شام ۋە خۇپتەن نامازلارنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بەش ۋاخ نامازنىڭ بىرى بولغان بامدات ئايەتنىڭ داۋامىدا ئايرىم ھالدا زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسسەلات كەلىمىسىنىڭ بۇ مەنىسى قۇرئان كەرىمنىڭ كونا ۋە يېڭى تەرجىملىرىدە بەت ئاستى ئىزاھلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دېممەكى، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان ۋاقىتتا ئۇ تۆت نامازنىڭ تۆتىنچىسى بولغان خۇپتەننىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر