مۇسۇلمانلار
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF) 1

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF) 2ئاپتوردىن

ئى ئاللاھ! ھەر ئىشىنى مۇكەممەل قىلىش ساڭا خاستۇر. سېنىڭ قۇدرىتىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئىلمىڭ نېمىدېگەن چەكسىز! بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭ نېمىدېگەن سان-ساناقسىز! ساڭا شۈكۈر-سانالار بولسۇن. ئى ئاللاھ! غەزىپىڭ ۋە ئازابىڭدىن ساقلىنىش يولىدا ماڭغان سادىق بەندىلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن، بەندەڭ ۋە ئەلچىڭ مۇھەممەدنىڭ شەنىنى ئۇلۇغ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلغىن، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغان ماقامى مەھمۇدنى ئاتا قىلغىن. ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە رەھمەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرغىن، ئامىن!

ناماز ئىسلام ئەركانلىرىنىڭ بىرى ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر. نامازنى ئۆتەش مۇئمىنلىقنىڭ ئالامىتى، مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسى، ئىخلاسمەنلىكنىڭ بەلگىسى ۋە تەقۋادارلىقنىڭ نامايەندىسىدۇر.

نامازنىڭ قەتئىي بۇيرۇلغانلىرىمۇ بار، تەشۋىق قىلىنغانلىرىمۇ بار.  ناماز قايسى ناماز بولسا بولسۇن تەكبىر بىلەن باشلىنىپ سالام بىلەن ئاخىرلىشىدىغان مۇئەييەن ئىبادەتتۇر. ئۇنىڭ شەرت ۋە شەكىللىرىنى، زىكىر ۋە دۇئالىرىنى قۇرئان-سۈننەتتىن ئۆگىنىپ، تەلەپكە لايىق ئۆتەش ئاساستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز توغرىسىدا يېتەرلىك سەۋىيەدە مەلۇماتلىق بولۇشى لازىمدۇر.

ھەر مۇسۇلماننىڭ قۇرئان-سۈننەتتىن بىۋاسىتە پايدىلىنالماسلىقى ئۇنى ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلغان كىتابقا موھتاج قىلىدۇ. ئۇنىڭ، كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ناماز توغرىسىدا قولغا يېقىن، ئىخچام، ئاممىباب ۋە چۈشىنىشلىك بىر قوللانمىغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ قاتتىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنداق قوللانمىنىڭ بار بولۇشى ناھايىتى مۇھىمدۇر.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە يېزىلغان بىر كىتابنىڭ يوقلۇقى تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بىر بوشلۇق ئىدى. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب (قۇرئان-سۈننەتتە ناماز) ئەنە شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن يېزىلغان. كىتاب مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرگە بىۋاسىتە ئاساسلىنىپ ئۇيغۇرچە يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ھەر ياشتىكى ۋە ھەر سەۋىيەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانغا خىتاب قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق مەلۇماتلارنى سۇنىدۇ.

كىتابنىڭ يېزىلىشى 2013- يىلى تاماملانغان بولسىمۇ «قۇرئان كەرىم ئىزاھلىق تەرجىمىسى»نى نەشرىگە تەييارلاش پائالىيىتى بۇ كىتابنىڭ نەشرىنى كېچىكتۈرگەن ئىدى. ئەلھەمدۇ لىللاھ «قۇرئان كەرىم ئىزاھلىق تەرجىمىسى» 2017- يىلى نەشردىن چىقتى. ئاندىن بۇ كىتابنى قايتا قولغا ئېلىپ يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈردۈم ۋە بەزى ئىلاۋىلەرنى قوشتۇم. نەتىجىدە بۇ كىتاب روياپقا چىقتى. رەببىم ئاللاھتىن بۇ كىتابنىڭ پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيمەن.

ئەنەس ئالىم

2018- يىلى، 3- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئىستانبۇل.

كىرىش سۆز

بىزنى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇپ، ئۆزىگە قۇلچىلىق قىلىش، تەزىم قىلىش ۋە مۇناجات ئېيتىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەن ۋە نەپسىمىزنى تەربىيەلەشنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن، ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمە نامىزى، يىلدا ئىككى قېتىم ھېيت نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇپ خۇشال بولغان چاغلىرىمىزدىمۇ ئۆزىنى ئۇنۇتماسلىقىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە، ھەپتىلىك ۋە يىللىق مۇھىم تەلىماتلاردىن ۋاقىپ بولۇش، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىر-بىرىمىز بىلەن دىدارلىشىپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن، ئۆلۈپ قالغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا ۋە ئىستىغپار ئورنىدا بىر تۈرلۈك ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇپ ئۇلار بىلەن ۋىدالىشىش ۋە ئۇلارنى ئۇزىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويغان، بىر قىسىم نەپلە نامازلارغا تەرغىب قىلىپ ئۆزىگە يېقىنلىشىشنىڭ ۋە روھىمىزنى پاكلاشنىڭ قائىدىسىنى بىلدۈرۈپ قويغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ياخشى ئاقىۋەت ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىش يولىدا ماڭغان تەقۋادارلارغا بولسۇن. ئاللاھ تەرىپىدىن قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى نەبى مۇھەممەدنىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن. ئاللاھ ئۇنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرىگە، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە رەھمەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرسۇن.

﴿إِنَّ الدِّينَ عِندَ اللّهِ الإِسْلاَمُ﴾ يەنى ﴿ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دىن پەقەتلا ئىسلام[1] بولغانلىقى ئۈچۈن بەش ۋاخ ناماز تۇنجى پەيغەمبەر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرىگە پەرز قىلىنغان[2]. شۇڭا تارىختا ئۆتكەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق ئۈممەتلەر بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇغان[3]. جۈملىدىن بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇغان ۋە ئوقۇشقا بۇيرۇغان.

پەيغەمبىرىمىز يەنە «رەۋاتىب سۈننەتلەر» دەپ ئاتىلىدىغان نامازلارنى ئوقۇغان، مەسجىدكە كىرىپلا ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇغان، ئىچى پۇشۇپ قالسا ناماز ئوقۇغان، سەپەردىن قايتىشىدا ئۇدۇل مەسجىدكە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغان ۋە ئۇلارنى ئوقۇشقا تەشۋىق قىلغان.

شۇنىڭدەك، كۈن تۇتۇلغاندا كۇسۇف نامىزى، ئاي تۇتۇلغاندا خۇسۇف نامىزى، يامغۇر ياغمىغاندا ئىستىسقا نامىزى ئوقۇغان. ساھابىلىرىغا قۇرئاندىن ئايەت ئۆگەتكەندەك ئىستىخارە قىلىشنى (بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولغاندا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئۇ ئىشنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆڭلىگە سېلىشنى ئاللاھتىن تىلەشنى) ئۆگەتكەن. ئىككى ھېيت كۈنىنىڭ ھەر بىرىدە ھېيت نامىزى ئوقۇغان، كېچە تۇرۇپ تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغان، ئەتىگىنى چاشگاھ نامىزى ئوقۇغان[4].

پەيغەمبەرلىك ھاياتى بويىچە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن[5]  قۇرئانغا ئەمەل قىلغان[6]، قۇرئاننى يەتكۈزگەن[7]، قۇرئاندىكى ھۆكۈملەرنى ئۆگەتكەن[8] ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلىشتا ئۈلگە بولغان[9] مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئوقۇغان ئەنە شۇ نەپلە نامازلار ئەسلىدە قۇرئان كەرىمدە تەشۋىق قىلىنغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىرى ئىسلامنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى نامازسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا نامازنىڭ شەرت، شەكىل ۋە ئەركانلىرىنى بىلىش، شۇنداقلا باشقىلارغا ئۆگىتىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس ۋەزىپىدۇر. تارىختىن بۇيان ئۆتكەن مۇسۇلمانلار بۇ ۋەزىپىنى يېزىش، سۆزلەش ۋە ئاغزاكى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئورۇنداپ كەلگەن.

مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ئورۇندىلىشىغا بىر ئاسانلىق ئېلىپ كېلىدۇ دېگەن ئوي بىلەن «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» دېگەن بۇ كىتابنى تەييارلاپ چىقتىم. كىتابتا ھەر بىر مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەت – ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم. مەزھەپ ئىختىلاپلىرىغا ئورۇن بەرمىدىم، لېكىن ئۆلىمالارنىڭ بەزى ئۇششاق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پەرقلىق كۆز قاراشلىرىنى بەت ئاستىدا زىكىر قىلدىم.

بۇرۇن يازغانلىرىمنى رەتلەپ، قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، دەلىللىرىنى كۈچلەندۈرۈشتە، دەلىل بىلەن مەسىلىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشتە ۋە ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشتە قولۇمدىن كەلگەننى قىلدىم. شۇنداقتىمۇ بۇ كىتابنى تۈرلۈك سەۋەنلىكلەردىن خالىي دېگىلى بولمايدۇ. كىتابخانلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

ئەنەس ئالىم

ئىستانبۇل 19/03/2013

قۇرئاندىكى ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن بەش ناماز ۋاقىتلىرى

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF) 3

خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق ئېلكىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF) 4

 

[1] 3- سۈرە ئال ئىمران، 19- ئايەت.

[2] 7- سۈرە ئەئرافنىڭ 31- ئايىتىدە ﴿يَا بَنِي آدَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍيەنى ﴿ئى ئادەم ئەۋلادى! ھەر ناماز ئۆتەيدىغان چېغىڭلاردا زىننەتلىنىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار﴾ دېيىلگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئادەم ئەۋلادىنى ھەر سەجدە قىلىدىغان چېغىدا چىرايلىق كىينىشكە بۇيرۇغان. بۇ. نامازنىڭ يەر يۈزىگە ئادەمزات پەيدا بولغاندىن تارتىپ پەرز قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

[3] جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى كۈن ئىماملىق قىلىپ، بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاپ كۆرسەتكەن ۋە ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن:  «ئى مۇھەممەد! مانا بۇ سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر». (بۇخارى، سەھىھ، مەۋاقىت 2؛ مۇسلىم، سەھىھ، مەساجىد 166~167؛ تىرمىزى، سۇنەن، سالات 1؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، سالات 2).

[4] مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر بۇخارى، سەھىھ، مۇسلىم، سەھىھ، ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، تىرمىزى، سۇنەن، نەسەئى، سۇنەن، ئىبىن ماجە، سۇنەن قاتارلىق ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىدە زىكىر قىلىنىدۇ.

[5] «رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن» (ئەنئام 6/106، يۇنۇس 10/109، ئەھزاب 33/2)؛

[6] «مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن» (ئەنئام 6/50، ئەئراف 7/203، يۇنۇس 10/15، ئەھقاف 46/9).

[7] پەيغەمبىرىمىز مائىدە 5/67- ئايىتىدە ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. بۇنى ۋىدا خۇتبىسىنى ئاڭلىغان يۈز مىڭدىن ئارتۇق ساھابەنىڭ گۇۋاھلىقى ئىسپاتلايدۇ.

[8] بەقەرە 2/129، 151، ئال ئىمران 3/164، ئەھزاب 33/34، جۇمۇئە 62/2.

[9] «ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرگە- ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان، ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە- ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر»- ئەھزاب 33/21.

ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق ئېلكىتابىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)

http://www.musulmanlar.com/wp-content/uploads/2018/07/namaz.pdf

كىتابنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، سۇلايمانىيە ۋەقفى كىتاب سېتىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقە قىلىڭ!

https://www.suleymaniyevakfi.com/kuran-ve-sunnette-namaz-uygurca

 

https://www.facebook.com/Musulmanlar/videos/1170102689795607/

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر