مۇسۇلمانلار

خام سامساق ۋە خام پىيازنى يېيىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب:

پىياز، سامساق ۋە كۈدە قاتارلىق كۆكتاتلار ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەردىن بولۇپ، ئۇلارنى پىشۇرۇپ يېسە ھېچقانداق مەسىلە يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ «بۇ نەرسىلەرنى يېمەكچى بولغانلار پىشۇرۇپ يېسۇن» دېگەن مەزمۇندا ھەدىسى بار. – (بۇخارىي، ئەزان 160؛ مۇسلىم، كىتابۇل مەساجىد ۋە مەۋادىئىسسالاھ 17؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەتىسسالاھ ۋەسسۈننەتى فىيھا 58).

لېكىن بۇ نەرسىلەرنى خام يېيىش ياخشى ئىىش ئەمەس. چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنى خام يېگەن كىشىلەرنىڭ ئاغزى پۇراپ قالىدۇ. يېنىدىكى كىشلەر بۇنىڭدىن ئەزىيەت چېكىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ نەرسىلەرنى خام يېگەن كىشى مەسجىدلىرىمىزدە بىزگە ئەزىيەت بەرمىسۇن، مەسجىدكە كەلمىسۇن، ئۆيىدە ئولتۇرسۇن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. چۈنكى ئىنسانغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش چوڭ گۇناھدۇر. بۇ ئەزىيەت، ئىنسان بىلەنلا تۆگىمەستىن، پەرىشتىلەرگىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇنداق گۈزەل تەلىماتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر