مۇسۇلمانلار

جازانىخورلۇقنىڭ مەنىسى

2- بۆلۈم
 قۇرئان ۋە سۈننەتتە رىبا
I  ـ رىبا
قۇرئاندا جازانىخورلۇق، جازانە ۋە ئۆسۈم دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «رىبا» دېگەن سۆز كېلىدۇ. بۇ سۆز «الربوا، الربا» كۆپمەك، ئۆسمەك، زىيادە بولماق، چوڭايماق ۋە ئۆرلىمەك دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئايەتلەردە ئۆسۈم، ئۆسۈم مۇئامىلىسى (جازانىخورلۇق) ۋە ئۆسۈملۈك قەرز (جازانە) دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا آتَيْتُم مِّن رِّبًا لِّيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِندَ اللَّهِ وَمَا آتَيْتُم مِّن زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الْمُضْعِفُونَ»
«سىلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە كۆپەيسۇن، دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆپەيمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر كۆپەيتكۈچىلەردۇر»- 30/39.
ئېھتىياجىدىن ئارتۇق مېلى بولمىغانلار قەرز بېرەلمەيدۇ. ئۆسۈملۈك قەرز بولسا «ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە كۆپەيسۇن، دەپ» بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قەرز مۇئەييەن بىر مال-مۈلۈككە ئىگە بولمىغان كىشىلەرگە بېرەلمەيدۇ.
ئۆسۈملۈك قەرز بېرىدىغان كىشى ئېلىشىنى ئۆسۈمى بىلەن بىرلىكتە قايتۇرۇۋېلىشنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن قەرز ئالىدىغان كىشىدىن كېپىل تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بەزى قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى گۆرۈگە ئالىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق مېلىنى ساقلاش قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلغان بولىدۇ. قەرزدارنى ئۆسۈم يۈكى ئاستىغا كىرگۈزگەن نەرسە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئارزۇسى ياكى قەرزگە بولغان ئېھتىياجىدۇر.
  ئۆسۈم ئىجارىگە ئوخشىتىلىپ «پۇلنىڭ زامان قىممىتى» دەپ ئىزاھلىنىدۇ. ئىجارىگە بېرىلگەن مال ئىستېمال قىلىنماستىن پايدىلىنىلغان مالدۇر. ئۆي ئىجارىگە ئالغان كىشى ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئالغان كىشى ئۇنى بىر يەرگە بېرىشتا ياكى يۈك توشۇشتا ئىشلىتىدۇ، مۇددىتى توشقاندا ئۇلارنى ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ. ئىستېمال قىلىنماستىن پايدىلانغىلى بولمايدىغان مال ئىجارىگە بېرىلمەيدۇ. مەسىلەن: پۇلنىڭ ئۆزى ھېچبىر ئېھتىياجنى قامدىمايدۇ. بۈيۈك بىر خەزىنىگە ئىگە بولغان كىشى مەلۇم مىقداردا يېگۈدەك بىر نەرسە تاپالمىسا ئۆلىدۇ. پاناھ بولىدىغان جاي تاپالمىسا تالادا (ئوچۇقچىلىقتا) قالىدۇ. پۇل ئۇنىڭ نە يېمەك-ئىچمىكى بولمايدۇ، نە ئۆيى بولمايدۇ. پۇلدىن پايدىلانماق ئۈچۈن ئۇنى بىر مال ياكى بىر خىزمەت بىلەن ئالماشتۇرۇش يەنى ئىستېمال قىلىش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق بىر مال ئىجارىگە بېرىلمەيدۇ/ئېلىنمايدۇ. ئىجارىگە ئالغىلى/بەرگىلى بولمايدىغان مالنىڭ زامان قىممىتى بولمايدۇ.
جازانىخورلار ئېيتىدۇكى:
بۈگۈن ھاجەتمەن بىر كىشىنىڭ كەلگۈسىدە قولىغا كىرىدىغان پۇلى بولۇشى مۇمكىن، باشقا بىر كىشى بىر مۇددەت ئىشلىتەلمەيدىغان پۇلغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئۆسۈمگە رۇخسەت بېرىلسە پۇل ئىگىسى تېخىمۇ كۆپ ئېلىش ئارزۇسى بىلەن پۇلىنى بېرىپ ھاجەتمەن كىشىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ، قەرز ئالغان كىشى قولىغا پۇل كىرگەندە قەرزىنى ئۇنىڭغا ئۆسۈمى بىلەن تۆلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا ھەم پۇل بىكار تۇرمىغان بولىدۇ، ھەم ھەر ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن پايدىلانغان بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئايەت(نىڭ مەنىسىنىڭ تەرجىمىسى)دە ئۆتكەن «جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆپەيمەيدۇ» دېگەن ئىپادە فىترەتكە يەنى مال ۋە پۇل بازارلىرىدىكى تەبىئىي قانۇنلارغا ئاساسەن كۆپەيمەيدۇ، دېگەن بولىدۇ. چۈنكى قەرز بېرىش كىرىم كەلتۈرىدىغان بىر پائالىيەت ئەمەستۇر. كىرىم قەرزنى ئالغان كىشىنىڭ ئۇنى ئىشلىتىشى بىلەن قولغا كېلىشى مۇمكىن. قەرز بېرىش پۇلنى ئىشلەتكەنلىك ئەمەستۇر. جازانىخور قەرزنى ئىشلىتىشنىڭ مەسئۇلىيىتىگە شېرىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قەرزنى ئالغان كىشى قولغا كەلتۈرگەن كىرىمگە شېرىك بولۇش ھەققى بولمايدۇ.
ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسى ئېلىم-سېتىمغا ئوخشىتىلىدۇ. «نەق باھاسى 10 لىرا بولغان بىر مالنى 11 لىراغا بىر ئايلىق نېسىگە سېتىش ھالال بولسا، 10 لىرانى 11 لىراغا بىر ئايلىق نېسىگە سېتىشمۇ ھالال بولۇشى كېرەك» دېيىلىدۇ. ھالبۇكى، ئېلىم-سېتىم پۇل بېرىپ نان ئالغانغا ئوخشاش پەرقلىق ئىككى نەرسىنىڭ بىرىگە يەنە بىرىنى تېگىشىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ نېقىمۇ بولىدۇ، نېسىسىمۇ بولىدۇ. ئۆسۈملۈك مۇئامىلە بولسا قەرزدىن كىرىم قولغا كەلتۈرمەكتۇر. قەرزدىن كىرىم قولغا كەلتۈرۈش باشقا، ئېلىم-سېتىم باشقىدۇر. بۇ ھەقتە ئايرىم بىر ماۋزۇ ئاستىدا توختىلىمىز.
جازانىخورلۇق داۋاملىق ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن قىلىنىدۇ. ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەبلەر «جاھىلىيەت ئەرەبلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار قەرز بەرسە ئانا پۇلغا چېقىلماستىن مۇئەييەن بىر كىرىم تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن بېرەتتى، قەرەل توشقاندا ئېلىشىنى تەلەپ قىلاتتى، ئەگەر قەرزدار تۆلىيەلمىسە يېڭى بىر ئۆسۈم بېكىتىپ قەرەلنى ئۇزارتاتتى[1].
ئەگەر قەرز بىر مالنى نېسى سېتىشتىن مەيدانغا كەلگەن بولسا قەرەلى توشقاندا ئېلىشى بولغان كىشى قەرزدارغا: «قەرزىڭنى تۆلەمسەن، ياكى مىقدارنى كۆپەيتىپ مۇددىتىنى ئۇزارتامسەن؟» دەپ سورايتتى. قەرزدار قەرزىنى تۆلىمىسە كونا قەرزگە يېڭى قەرز (ئۆسۈم) قوشۇپ قەرەلنى ئۇزارتاتتى[2]. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ۋىدا خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن:
«وَرِبَا الْجَاهِلِيَّةِ مَوْضُوعٌ، وَأَوَّلُ رِبًا أَضَعُ رِبَانَا رِبَا عَبَّاسِ بْنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، فَإِنَّهُ مَوْضُوعٌ كُلُّهُ»
«جاھىلىيەت ئۆسۈمى بىكار قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئۆسۈمىمىز يەنى تاغام ئابباس ئىبىن ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئۆسۈمىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. ئۇنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىدۇ»[3].
جاھىلىيەت ئۆسۈمى بۈگۈنكى ئۆسۈم يەنى قەرزدىن قولغا كەلگەن كىرىمدۇر. رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ بۇ خۇتبىسىنى ئاڭلىغانلار ئۇ دەۋردە ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار«جاھىلىيەت ئۆسۈمى» دېگەن ئىپادىدىن ئۆسۈمنى تولۇق چۈشىنەتتى. شۇڭا ئۇلارغا ئۆسۈمنى قايتا چۈشەندۈرۈشكە ھاجەت قالمىغان.
تۆۋەندىكى ئايەتكە قارىغاندىمۇ ئۆسۈم قەرزگە قوشۇلغان ئارتۇق نەرسىدۇر:
«وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ»
«ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئانا مېلىڭلار سىلەرنىڭدۇر. نە ھەقسىزلىق قىلمايسىلەر، نە ھەقسىزلىقكە ئۇچرىمايسىلەر»- بەقەرە، 2/279.
ئانا مال قەرز بېرىلگەن نەرسىدۇر. ئېلىم-سېتىمدا ئانا مال بولمايدۇ، چۈنكى ئېلىم سېتىم پەرقلىق ئىككى نەرسىنىڭ بىرىگە يەنە بىرىنى تېگىشىشتىن ئىبارەتتۇر. قەرز مۇئامىلىسىدە قەرزنى ئارتۇق تۆلەش شەرت قىلىنغان بولسا، شۇ ئارتۇقى ئۆسۈمدۇر. تۆۋەندىكى ئايەت ئۆسۈمنىڭ قەرز مۇئامىلىسىدە مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
«وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ»
«ئەگەر قەرزدار قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋاتقىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»- بەقەرە 2/280.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق:
ئىبىن ئابباس (ر.س) مۇنداق دەيدۇ: ئۇسامە ئىبىن زەيدنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«إِنَّمَا الرِّبَا فِي الدَّيْنِ»
«ئۆسۈم پەقەت قەرزدە بولىدۇ»[4].
«لَا رِبًا فِيمَا كَانَ يَدًا بِيَدٍ»
«قولدىن قولغا (نەق) بولغان سودىدا ئۆسۈم يوق»[5].
«إِنَّمَا الرِّبَا فِي النَّسِيئَةِ»
«شۈبھىسىزكى، ئۆسۈم نېسىدە بولىدۇ»[6].
«لاَ رِبًا إِلَّا فِي النَّسِيئَةِ»
«ئۆسۈم پەقەت نېسىدە بولىدۇ»[7].
ئايەت ۋە ھەدىسلەر ئۆسۈمنىڭ قەرزدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىم بولغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

[1]– فەخرۇددىن رازى (ۋاپاتى: 606/1209)، تەپسىرى كەبىر، VII، مىسر، 1357/1938، 91- بەت.
[2]– ئىبىن رۇشد (ۋاپاتى: 520/1126)، مۇقەددىمات (ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا بىلەن بىرلىكتە)، ج III، ب 18، مەتبەئەئى خەيرىيە، 1324؛ ئىبنۇل ئەرەبى، ئەھكامۇل قۇرئان، دارۇ ئىھيائى كۇتۇبىل ئەرەبىيە، 1957، 1- جلد،241- بەت. ئىبنۇل ئەرەبى بۇ يەردە نېسى ئېلىم-سېتىمدىن مەيدانغا كەلگەن ئېلىشنى زىكىر قىلىدۇ. بۇ يۇقىرىدا يېزىلدى.  
[3]– ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك 57، ھەدىس نومۇرى: 1905.
[4]– دارىمى، سۇنەن، بۇيۇئ 42.
[5]– مۇسلىم، مۇساقات 103 – (1596).
[6]– مۇسلىم، مۇساقات 102 – (1596)؛ نەسەئى، بۇيۇئ 50.
[7]– بۇخارى، بۇيۇئ 79؛ مۇسلىم مۇساقات 101 (1596).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر