مۇسۇلمانلار

جەننەتتىكى ھۆرلەر

جەننەتتىكى ھۆرلەر 1

جەننەتتىكى ھۆرلەر

ھۆرلەر، جەننەتكە كىرگەن ئەركەك ۋە ئاياللارنىڭ ئەتراپىدا خىزمەت قىلىدىغان قىز خىزمەتچىلەردۇر.

ئىنسانلار ۋە جىنلار دۇنياغا ئىمتىھان ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر[1]، پۈتۈن ئەسكى خۇيلىرىدىن پاكلىنىدۇ ۋە جەننەتتە جەددى – جەمەتى ۋە جۈپتىلىرىدىن لايىق بولغانلار بىلەن بىللە ياشايدۇ[2].

ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئۆيلەنمىگەنلەرگە، نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاش ئايالى كافىر بولغانلارغا، فىرئەۋىننىڭ ئايالىغا ئوخشاش ئېرى كافىر ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن مۇئمىن ئاياللارغا[3] ۋە ئاجراشقاندىن كېيىن ئۆلگەن مۇئمىنلارغا جەننەتتە پاك جۈپتىلەر بېرىلىدۇ[4].  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ أَصْحَابَ الْجَنَّةِ الْيَوْمَ فِي شُغُلٍ فَاكِهُونَ . هُمْ وَأَزْوَاجُهُمْ فِي ظِلَالٍ عَلَى الْأَرَائِكِ مُتَّكِئُونَ. لَهُمْ فِيهَا فَاكِهَةٌ وَلَهُمْ مَا يَدَّعُونَ. سَلَامٌ قَوْلًا مِنْ رَبٍّ رَحِيمٍ

«ئۇ كۈنى جەننەت ئەھلى كۆڭۈل ئېچىش بىلەن مەشغۇلدۇر. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى سايىلاردا، تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلۈنۈپ ئولتۇرىدۇ.‏ ئۇ جەننەتتە ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك مېۋە بېرىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشىدۇ.‏ ئۇلارغا ئىنئامى كۆپ رەب تەرەپتىن «سالام!» دېيىلىدۇ» – (ياسىن 36/55-58).‏

ئاخىرەتتە ئىنسانلار، ئىلگىرى بىلىنمىگەن بىر خۇسۇسىيەتتە يارىتىلىدۇ. مۇئمىن ئەر – ئاياللارنىڭ يۈزلىرىدىن نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

نَحْنُ قَدَّرْنَا بَيْنَكُمُ الْمَوْتَ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ . عَلَى أَنْ نُبَدِّلَ أَمْثَالَكُمْ وَنُنْشِئَكُمْ فِي مَا لَا تَعْلَمُونَ .

«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بىز بەلگىلىدۇق. بىز ئاجىز ئەمەس،‏ سىلەرنى ئوخشاشلىرىڭلار بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ۋە سىلەرنى يېڭىدىن سىلەر بىلمەيدىغان شەكىلدە يارىتىشقا (بىز قادىر)»-(56-سۈرە ۋاقىئە، 60-61- ئايەت).

يَوْمَ تَرَى الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ يَسْعَى نُورُهُمْ بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ بُشْرَاكُمُ الْيَوْمَ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ذَلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ

«ئۇ كۈنى مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى، نۇرلىرىنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە يېيىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارغا: «بۈگۈن سىلەرگە بېرىلىدىغان خوش خەۋەر بار: ئۇ بولسىمۇ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر، سىلەرئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر» دېيىلىدۇ» – (57-سۈرە ھەدىد، 12- ئايەت).

بۇ ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا جەننەتكە كىرگەن ئەر ۋە ئاياللار ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەر بىلەن يارىتىلىدۇ؛ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە چىرايلىق بولىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە خالىغان ھەممە نەرسىگە ئېرىشەلەيدۇ[5]. ئۇلارغا بېرىلگەن ھۆرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەرمۇ جەننەتكە كىرىدىغان ئىنسانلارغا قانچىلىك ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقىنىڭ باشقا بىر ئىپادىسىدۇر.  

ھۆرلەر، جەننەتكە كىرگەن ئىنسانلارنىڭ يېقىن خىزمەتچىلىرى بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەتراپىدا ئەركەك خىزمەتچىلەرمۇ ئايلىنىپ يۈرىدۇ[6]. ئەمدى ھۆرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلرىنى كۆرۈپ باقايلى:

  • ھۆرلەر جەننەتتە يارىتىلىدۇ

ھۆرلەر، تۇنجى قىتىم جەننەتتە يارىتىلىدىغان قىزلاردۇر. بۇلارنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچقانداق ئىنسان ۋە جىن كۆرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّا أَنْشَأْنَاهُنَّ إِنْشَاءً . فَجَعَلْنَاهُنَّ أَبْكَارًا . عُرُبًا أَتْرَابًا . لِأَصْحَابِ الْيَمِينِ

«بىز ئۇ ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى قىز ھالىتىدە ياراتتۇق، ئۇلارنى‏ نازاكەتلىك ۋە بىر بىرىگە تەڭتۇش قىلدۇق. بۇلار ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر ئۈچۈندۇر» – (56-سۈرە ۋاقىئە، 35 – 38- ئايەت).

تۆۋەندىكى ئىككى ئايەتمۇ ھۆرلەرنى، ئىلگىرى ھېچقانداق جانلىقنىڭ كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنْسٌ قَبْلَهُمْ وَلَا جَانٌّ

«ئۇ ھۆرلەرنى،  ئۇلار (جەننەت ئەھلى)دىن  ئىلگىرى ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن تۇتۇپ باقمىغان»- (55-سۈرە رەھمان، 56 ۋە 74 – ئايەتلەر).

جەننەتكە كىرگەن ئەر ياكى ئاياللار يامان خۇي ۋە ھېسياتلاردىن خالى بولغانلىقى ئۈچۈن[7]، ئۇ يەردىمۇ ئۆزىنىڭ دۇنيادا بىللە ئۆتكەن جۈپتىلىرىدىن باشقا بىرى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. جەننەتىكى ھۆرلەر «ئەرلەرنىڭ خۇتۇنى بولىدۇ» دېگەن كۆز قاراشنىڭ ھېچقانداق يەردىن ئاساسى يوق گەپتۇر.

  • ھۆرلەر جەننەتكە كىرگەنلەرگە بېرىلىدۇ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَزَوَّجْنَاهُمْ بِحُورٍ عِين

«بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىز ئۇلارغا ئاق تەنلىك ۋە شەھلا كۆزلۈك قىزلارنى ھەمراھ قىلىپ بېرىمىز»-(44-سۈرە دۇخان، 54- ئايەت، 52 – سۈرە تۇر 20 – ئايەت).

بۇ ئايەتتىكى «ھەمرا قىلىپ بېرىمىز» ئىپادىسى زەۋۋەجنا «زَوَّجْنَا» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بەزى مۇفەسسىرلەرنىڭ دېگىنىدەك نىكاھ قىلىش، ئۆيلەندۈرۈپ قويۇش مەنىلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى زەۋۋەجە – ئىككى نەرسىنى يېقىنلاشتۇرۇش، بىر يەرگە كەلتۈرۈش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆز نىكاھ قىلىش مەنىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن زەۋۋەجناكەھا «زَوَّجْنَاكَها»گە[8] ئوخشاش بىۋاستە ئىككى تولدۇرغۇچى قوبۇل قىلىشى كېرەك، بولمىسا نىكاھ مەنىسىنى ئىپادىلىمەيدۇ. دەرۋەقە نۇرغۇنلىغان مۇپەسسىرلەرمۇ بۇ ئايەتتىكى زەۋۋەجە پېئىلىنىڭ بىۋاستە ئەمەس، با (ب) ھەرىپىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۆتۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن نىكاھ مەنىسىدە كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئايەتتىن «ھۆرلەر جەننەت ئەھلىگە نىكاھلاپ بېرىلىدۇ» دېگەندەك مەنىلەرنى چىقىرىش توغرا بولمايدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككى ئايەتمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ: 

وَعِنْدَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ عِينٌ

«ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان شەھلا كۆزلۈك قىزلار بولىدۇ» – (37-سۈرە ساففات، 48- ئايەت).

وَعِنْدَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ أَتْرَابٌ

 «ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان تەڭتۇش قىزلار بولىدۇ» – (38-سۈرە ساد، 52- ئايەت).

  • ھۆرلەر ناھايتتى چىرايلىق بولىدۇ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَحُورٌ عِينٌ . كَأَمْثَالِ اللُّؤْلُؤِ الْمَكْنُونِ.

«ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا يەنە شەھلا كۆزلۈك، سۈزۈك تەنلىك قىزلار ئايلىنىپ تۇرىدۇ،‏ ئۇلار ساقلانغان مەرۋايىتلارغا ئوخشايدۇ» – (56-سۈرە ۋاقىئە، 22  – 23- ئايەتلەر).

كَأَنَّهُنَّ الْيَاقُوتُ وَالْمَرْجَانُ

«ئۇلار خۇددى ياقۇت ۋە مارجانلارغا ئوخشاشتۇر» – (55-سۈرە رەھمان، 58- ئايەت).

وَعِندَهُمۡ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ عِينٞ. كَأَنَّهُنَّ بَيۡضٞ مَّكۡنُونٞ 

«ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان شەھلا كۆزلۈك قىزلار بار.‏ ئۇلار خۇددى قېپىدا ساقلانغان تۇخۇملارغا ئوخشاشتۇر» – (37-سۈرە ساففات، 48  ~ 49- ئايەتلەر).

  • ھۆرلەر چىدىرلاردا تۇرىدۇ

جەننەتكە كىرگەن ئەر – ئاياللار ۋە بالىلىرى سارايلاردا تۇرىدۇ[9]، ھۆرلەر بولسا مەخسۇس چىدىرلاردا تۇرىدۇ.[10] ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

حُورٞ مَّقۡصُورَٰتٞ فِي ٱلۡخِيَامِ 

«ئۇلار چېدىرلاردا ئايرىم تۇرىدىغان ئاق تەنلىك قىزلاردۇر» – (55-سۈرە رەھمان، 72- ئايەت).

ھۆرلەرنىڭ بۇ ئايرىم چىدىرلىرىنى، بۇرۇنقى زامانلاردا سارايلارنىڭ يېنىغا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيلەرگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى جەننەتلىكلەر چىدىرلاردا ئەمەس ئىسىل سارايلاردا تۇرىدۇ، دۇنيادا خىزمەتچىلەر خۇجايىنلىرى بىلەن بىر يەردە تۇرمىغاندەك، جەننەتتىمۇ خىزمەتچى قىز ۋە ئەركەكلەر  جەننەت ئەھلى بىلەن بىر يەردە ئەمەس ئايرىم ئۆيلەردە تۇرىدۇ.  

يازغۇچى : ئابدۇلئەزىز بايىندىر

[1] زارىيات 51 \ 56.

[2] رەئد 13 / 19 – 24، تۇر 52 \ 21-24.

[3]  تەھرىم 66\10-11.

[4] ئال ئىمران 3\15، نىسا 4 \ 57.

[5]  نەھل 16\31، ئەنبىيا 21 \ 102، فۇرقان 25\16، زۇمەر 39\34، فۇسسىلەت 41\31، شۇرا 42\22، قاف 50\35.

[6] ئىنسان 76\15-19.

[7] ھىجر 15\47.

[8]  ئەھزاب 33\ 37.

[9] تەۋبە 9\27، فۇرقان 25\10، زۇمەر 39\20.  

[10]  راھمان 55\72.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر