مۇسۇلمانلار

جۈمە ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى 4

– جۈمە كۈنى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ئاخىرقى ئۇممەت بولغان بىزلەر قىيامەت كۈنى ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن بولىمىز. ھالبۇكى، باشقا ئۇممەتلەرگە بىزدىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەن، ئەسلىدە جۈمە كۈنى ئۇلارغىمۇ بېرىلگەن ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇ كۈن ھەققىدە ئىختىلاپلاشتى. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ بۇ كۈننى بىزگە بەردى. باشقا ئۇممەتلەر بولسا، بىزگە ئەگەشتۈرۈلدى. يەھۇدىيلارنىڭ كۈنى ئەتە (شەنبە)، خرىستىئانلارنىڭ كۈنى بولسا، ئۆگۈنلۈككە (يەكشەنبە)دۇر»[1]. دېمەككى جۈمە كۈنى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدىن بىرىدۇر.

2- جۈمە نامىزىنىڭ پەزىلىتى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنى جۇنۇپلۇقتىن غۇسلى قىلغاندەك غۇسۇل قىلىپ بىرىنچى پەيتتە جۈمە نامىزىغا بارغان كىشى، ئاللاھ يولىدا بىر تۆگە، ئىككىنچى پەيتتە كەلگەن كىشى بىر كالا، ئۈچىنچى پەيتتە كەلگەن كىشى مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار، تۆتىنچى پەيتتە كەلگەن كىشى بىر توخۇ، بەشىنچى پەيتتە كەلگەن كىشى بىر دانە تۇخۇم بەرگەندەك بولىدۇ. ئىمام خۇتبىگە چىققان ھامان پەرىشتىلەر تەييار بولىدۇ ۋە خۇتبىگە قۇلاق سالىدۇ»[2].

سەلمان پارسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى جۈمە كۈنى غۇسۇل قىلىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە پاكلىنىپ، بولسا بەدىنىنى ياغلاپ ياكى ئۆيىدىكى خۇشپۇراق نەرسىلەردىن ئىشلىتىپ نامازغا چىقسا، ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىمىسا، ئاندىن كېيىن پەرز قىلىنغان نامازنى ئۆتىسە، ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا گەپ قىلمىسا شۇ كىشىنىڭ بۇ جۈمەدىن كېلىدىغان جۈمە كۈنىگىچە بولغان گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ»[3].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىم غۇسۇل قىلىپ جۈمە نامىزىغا كەلسە، كۈچىنىڭ يېتىشىچە نەپلە ناماز ئۆتىسە، خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلىسا، كېيىن ئىمام بىلەن بىللە جۈمە نامىزىنى ئۆتىسە، شۇ جۈمە بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى جۈمە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە ئۈچ كۈنلۈك گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ»[4].

[1] – بۇخارى، جۇمۇئە 1؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 21.

[2] – بۇخارى، جۇمۇئە 4؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 10.

[3] – بۇخارى، جۇمۇئە 6.

[4] – مۇسلىم، جۇمۇئە 27.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر