مۇسۇلمانلار

جۈمە نامىزى ئوقۇش 7

 جۈمە نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى

ئا- مەسچىتكە كىرىپلا ئىككى رەكەت تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزى ئوقۇلىدۇ. بۇ نامازنىڭ جۈمە نامىزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇنى باشقا ۋاقىتلاردا مەسچىتكە كىرگەن چېغىمىزدىمۇ ئوقۇشىمىز سۈننەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى رەكەت تەھىييەتۇلمەسجىدنى جۈمەنىڭ سۈننىتى دېيىش توغرا ئەمەس.

ئە- جۈمەنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان جۈمەنىڭ سۈننىتى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس يوق. سەھىھ ھەدىسلەردە جۈمەگە بۇرۇنراق كەلگەنلەر ئۆزلىرى خالىغان مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇسا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

بۇ توغرىدا جۈمە سۈرىسىنىڭ 9 ـ ئايىتى ئۈستىدە ئوبدان پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

« يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ »

«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە ئالدىراپ بېرىڭلار…»

بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ئەزان، ئىمام خۇتبە ئوقۇش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىقىپ ئولتۇرغاندا ئوقۇلىدىغان ئەزاندۇر. ھازىر ئوقۇلۇۋاتقان بىرىنچى ئەزان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا يوق ئىدى. ئۇ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا پەيدا قىلىنغان ئەزاندۇر. جۈمە نامىزىنىڭ ئەزانى بولغان ھازىرقى ئىككىنچى ئەزان ئوقۇلغاندا خاتىپ مۇنبەردە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيدۇ، جامائەت ئولتۇرۇپ ئاڭلايدۇ.

دېمەككى، جۈمەگە بارغانلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئىككى رەكەت تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزىنى ئوقۇپ خۇتبە ئاڭلاش ۋە ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ جۈمەنى ئوقۇشتۇر. ئىمام خۇتبىگە چىقىشتىن بۇرۇن جۈمە ئوقۇلىدىغان جايغا كەلگەنلەر خالىسا ئۆزى چاغلىغان مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇيدۇ. خالىسا قۇرئان كەرىم ئوقۇيدۇ.  خالىسا باشقا زىكىر ـ تەسبىھلەرنى ئوقۇپ ئولتۇرىدۇ.

ب- جۈمە نامىزى ئىككى رەكەتلىك ناماز بولۇپ، جامائەت بولۇپ ئوقۇلىدۇ. جۈمەنىڭ ئىچىدە ئوقۇلىدىغان ئايەت، زىكىر، تەسبىھ ۋە دۇئالار باشقا نامازدىكى بىلەن ئوخشاشتۇر. جۈمە نامىزى باشقا نامازلاردىن پەقەت نىيەت بىلەنلا پەرقلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر