مۇسۇلمانلار

جۈمە كۈندە قايسى سۈننەت بار؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
جۇمە كۇنى قىلىشقا تېگىشلىك سۈننەتلەردىن قايسىلار بار؟ سىلەردىن تۇۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. ھۆرمەت بىلەن: زۇلنار
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جۈمە نامىزى توغرىسىدا ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار؛ ئېلىم-سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ، سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار.
ناماز ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا كۆپ زىكىر ئېيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- جۈمە سۈرىسىنىڭ 9- ۋە 10- ئايەتلىرى.
بۇ ئايەتلەردىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن مۇنداق مەزمۇنلار چىقىدۇ:
 جۈمە نامىزى
دىنىمىزدا مۇسۇلمانلار، ھەپتىدە بىر قىېتىم (جۈمە كۈنى) پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىدا جامائەت بولۇپ  ئىككى رەكئەت جۈمە نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇلغان. جۈمە نامىزىدا شەرت قىلىنغان جامائەتنىڭ مۇئەييەن بىر سانى يوق. لېكىن جامائەت دېگىلى بولغۇدەك كىشىلەر يىغىلسا شەرت ھازىرلانغان بولىدۇ.
جۈمە نامىزىنىڭ باشقا نامازلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى:
جۈمە نامىزى ئايال كىشىگە، كىچىك بالىغا، جۈمەگە بارالمايدىغان كېسەل ئادەمگە، يولۇچىغا، زالىمنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن قورقۇپ مەخپىي يۈرۈيدىغان كىشىگە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئۆزرىلىك كىشىلەرگە بۇيرۇلمايدۇ. لېكىن بۇلار جۈمە ئوقۇغان بولسا، ئارقىسىدىن پېشىن نامىزى ئوقۇمايدۇ. چۈنكى جۈمە نامىزى جۈمە كۈنىنىڭ پېشىنىدۇر.
جۈمە كېچىسى ۋە جۈمە كۈندۈزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1- كۆپ دۇئا قىلىش،
2- كۆپلەپ دۇرۇت ئوقۇش.
3- كەھف سۈرىسىنى ئوقۇش،
4- يۇيۇنۇش، چىرايلىق ۋە پاكىزە كىيملەرنى كىيىش، مىسۋاك قىلىش، خۇشپۇراق نەرسىلەردىن ئىشلىتىش.
5- جۈمەگە بالدۇر بېرىش.
ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلالمىسا گۇناھ بولمايدۇ.
6- ئىمام خۇتبىگە چىقىشنىڭ ئالدىدا ناماز، زىكىر ۋە قۇرئان تىلاۋىتى قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولۇش.
7- خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا جىم تۇرۇپ ئاڭلاش.
جۈمە نامىزىغا ئەزان ئوقۇلغاندا ئېلىم – سېتىم قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. سەپتە ئولتۇرۇۋاتقان جامائەتنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتمەسلىك كېرەك.
جۈمە قانداق جايدا ئوقۇلىدۇ؟
جۈمە نامىزى شەھەر ۋە يېزىدىلاردىكى مەسچىت – جامەلەردە، ئۆيلەردە ۋە ئوچۇق مەيدانلاردا ئوقۇلىدۇ. بىر شەھەردە ياكى بىر يېزىدا بىر قانچە جايدا جۈمە ئوقۇشقا بولىدۇ.
جۈمەنىڭ خۇتبىسى ۋە ئوقۇلىشى
1- جۈمە نامىزىنى باشلاشنىڭ ئالدىدا ئىمام مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىن (ئەگەر مۇنبەر بولمىسا، جامائەتكە ئالدىنى قىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن) ئەزان ئوقۇلىدۇ. ئاندىن ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ،  بىر خۇتبە ئوقۇيدۇ. بۇ خۇتبىنىڭ شەكلى مۇنداق:
ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللىغاندىن كېيىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىنسانلارغا دىننىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ. ئاندىن قىسقىغىنا ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە يەنە بىر خۇتبە ئوقۇيدۇ. بۇ خۇتبىدىمۇ ھەمدۇسانا، دۇرۇت ۋە سالاملاردىن كېيىن جامائەتكە بىرئاز نەسىھەت قىلىپ خۇتبىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
2- خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا گەپ قىلىشقا بولمايدۇ.
3- خۇتبىدىن كېيىن تەكبىر ئوقۇلىدۇ. ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى رەكئەت جۈمە نامىزىغا باشلايدۇ. جامائەتمۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ (ئىمامغا ئەگىشىپ) نامازغا باشلايدۇ. جۈمەنىڭ قىرائىتى ئۈنلۈك ئوقۇلىدۇ. جۈمە نامىزىنىڭ ئىچىدە ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە زىكىر – تەسبىھلىرى نورمال ئىككى رەكئەتلىك نامازنىڭكىگە ئوخشاشتۇر.
4- سالامدىن كېيىن يـۆتكىلپ باشقا يەردە ياكى نامازدىن قايتقاندىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش ياخشىدۇر. بۇ سۈننەتنى مەسچىتتە ئوقۇسا تۆت رەكئەت ئوقۇش توغرۇلۇق رىۋايەتمۇ بار. لېكىن پەرزدىن قايتىپ ئۆيدە ياكى جامەنىڭ سىرتىدا بىر يەردە ئىككى رەكئەت ئوقۇش ياخشىدۇر بۇ سۈننەتنى ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.
5- جۈمەنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى جۈمەنىڭ سۈننىتى دەپ بىر ناماز يوق. لېكىن يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك ئىمام خۇتبىگە چىققۇچە كۈچى يەتكەن مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇش ياخشىدۇر.
(بۇ ھەقتىكى ئايەت: جۇمۇئە سۈرىسى، 9-، 10 ۋە 11- ئايەتلەر. ھەدىسلەر  :بۇخارى، مۇسلىم، نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، تىرمىزى، بەيھەقى)

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر