مۇسۇلمانلار

جۈمەگە ئەزان 2

جۈمەگە ئەزان

جۈمە ئەزانىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:    

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ

«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار. ئېلىم-سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار»-جۈمە،62/9.

يۇقىرىدىكى ئايەتكە قارىغاندا جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئەزان ئېيتىش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بۇ ئەزاننىڭ ئىمام خۇتبىگە چىققاندا ئوقۇلىدىغان ئەزان ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جۈمە كۈنى ئوقۇلىدىغان ئىككىنچى ئەزان، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يولغا قويۇلغان، ئەسلىدە جۈمە كۈنىدىكى ئەزان ئىمام مۇنبەردە ئولتۇرغان چاغدا ئوقۇلاتتى[1].

ئۇ كىشى يەنە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئەبۇ بەكىر ۋە ئۆمەر(ر.ز)نىڭ دەۋرىدە ئىمام مۇنبەرگە چىققاندا ئوقۇلىدىغان ئەزان بىرىنچى ئەزان ئىدى. ئوسمان (ر.ز) خەلىپە بولغان چېغىدا ئىنسانلار كۆپەيگەنلىكتىن ئۈچۈنچى ئەزاننى ئوقۇشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن «زەۋرا» دېگەن يەردە ئۈچىنچى ئەزان ئوقۇلدى. ئاندىن ئەزان مەسىلىسى مۇشۇ بويىچە مۇقىملاشتى[2].

زىيادە قىلىنغان بۇ ئەزان پېشىن ۋاقتىنىڭ كىرىشى بىلەن ئوقۇلىدۇ ۋە كۈنىمىزدە بىرىنچى ئەزان دەپ ئاتىلىدۇ، لېكىن جۈمە نامىزىنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان ئىقامەت (تەكبىر) مۇ ئەزان دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئەزان ئۈچىنچى ئەزان ھېسابلانغان.

ئەبۇ ئۇمامە ئىبنى سەھل ئىبنى ھۇنەيف مۇنداق دەيدۇ: مۇئاۋىيە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئولتۇرغاندا مۇئەززىن ئوقۇغان ئەزاننى ئاڭلاپ ئولتۇردى. مۇئەززىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندە ئۇمۇ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېدى. مۇئەززىن «ئەشھەدۇئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەندە ئۇ «مەنمۇ» دېدى. مۇئەززىن «ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دېگەندە ئۇ «مەنمۇ » دېدى. ئەزان ئاخىرلاشقاندا ئۇ: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ بۇ مۇنبەر ئۈستىدە مۇئەززىن ئەزان ئوقۇغاندا سىلەر مەندىن ئاڭلىغان سۆزلەرنى تەكرارلىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم» دېدى[3].

مەدىنىدە  نۇرغۇنلىغان تىجارەت بازارلىرى ۋە مەسچىتلەر بار ئىدى. لېكىن، جۈمە نامىزى پەقەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇلاتتى.

«ئىبن ئابباسنىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ مەسچىتىدىن كېيىن تۇنجى جۈمە نامىزى بەھرەين جۇۋاسادىكى ئابدۇلقەيس مەسچىتىدە ئوقۇلغاندۇر»[4].

ئەتا ئىبن ئەبى رەباھ مۇنداق دەيدۇ: مەسچىتى بار بىر كەنتتە بولساڭ ۋە جۈمە كۈنى نامازغا ئەزان ئوقۇلسا، ئەزاننى ئاڭلىساڭمۇ، ئاڭلىمىساڭمۇ جۈمەگە بېرىشىڭ پەرزدۇر. ئەنەس ئىككى فەرسەخ (11370 مېتر) يېراقلىققا جايلاشقان زاۋىيەدىكى سارىيىدىن بەزىدە جۈمە ئوقۇش ئۈچۈن جامىگە باراتتى، بەزىدە ئۆزىنىڭ قەسرىدە جامائەت بولۇپ ئوقۇيتتى[5].

[1] – بۇخارى، جۇمۇئە 24.

[2] – بۇخارى، جۇمۇئە 25.

[3] – بۇخارى، جۇمۇئە 23.

[4] بۇخارى جۈمە،11. جۇۋاسا بەھرەيندىكى بىر كەنىتتۇر. ئىبن تىم، شەيخ ئەبۇ ھەسەندىن ئۇ يەرنىڭ بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. جەۋھەرىنىڭ «سىلاھ» ئىسىملىك ئەسەرىدە ۋە زەمەخشەرىنىڭ «بۇلدان» ئىسىملىق ئەسىرىدە بۇ يەرنىڭ بەھرەيدىكى بىر قەلئە ئىكەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. ئەبۇ ئابىد بۇ يەرنىڭ بەھرەيندىكى ئابدۇل قەيس قەبىلىسىگە ئائىت بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. (ئۇمدەتۇل قارى، ئەينى، 5-جىلد، 270-بەت.

[5] بۇخارى، جۈمە 15. زاۋىيە، بەسرەنىڭ ئەتراپىدىكى بىر مەھەللىنىڭ ئىسمى. بەسرەدىن ئىككى فەرسەخ (11370) مېتىر يىراقلقتا. بىر فەرسەخ، ئۈچ مىل، بىر مىل تۆت مىڭ قەدەم بولىدۇ. (ئۈمدەتۇل قارى، ئەينى، 5- جىلد، 281-282- بەت) بىر فەرسەخ، 5685 مېتر بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر