مۇسۇلمانلار

2 جۈمە ئەزانى

جۈمە ئەزانى

جۈمە ئەزانىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:     

 يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ

«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار. ئېلىم-سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار»-جۈمە،62/9.

مەدىنىدە  نۇرغۇنلىغان تىجارەت بازارلىرى ۋە مەسچىتلەر بار ئىدى. لېكىن، جۈمە نامىزى پەقەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇلاتتى. «ئىبن ئابباسنىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ مەسچىتىدىن كېيىن تۇنجى جۈمە نامىزى بەھرەين جۇۋاسادىكى ئابدۇلقەيس مەسچىتىدە ئوقۇلغاندۇر»[1].

ئەتا ئىبن ئەبى رەباھ مۇنداق دەيدۇ: ئىچىدە مەسچىتى بولغان بىر كەنتتە بولساڭ ۋە جۈمە كۈنى نامازغا ئەزان ئوقۇلسا، ئەزاننى ئاڭلىساڭمۇ، ئاڭلىمىساڭمۇ جۈمەگە بېرىشىڭ پەرزدۇر. ئەنەس ئىككى فەرسەخ (11370 مېتر) يېراقلىققا جايلاشقان زاۋىيەدىكى سارىيىدىن بەزىدە جۈمەگە باراتتى، بەزىدە بارمايتتى[2].

كەئب ئىبن مالىكنىڭ ئوغلى ئابدۇراھمان مۇنداق دەيدۇ: دادام جۈمە  ئەزانىنى ئاڭلىسىلا ئەسئەد ئىبن زۇرارىغا دۇئا قىلاتتى. مەن: سەن نېمىشقا ئەزاننى ئاڭلىساڭلا ئەسئەد ئىبن زۇرارىغا دۇئا قىلىسەن؟ دېگەن ئىدىم. ئۇ، چۈنكى ئۇ نەبىت تۈزلەڭلىكىنىڭ بەنى بەيادە[3] تاشلىقىدىكى (نەقىئۇل خەدمان) دېيىلىدىغان سۇلۇق بىر يەردە تۇنجى قېتىم بىزگە جۈمە ئوقۇپ بەرگەن ئىدى، دېدى. سىلەر شۇ كۈنى قانچە كىشى ئىدىڭلار؟ دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ، قىرىق كىشى ئىدۇق، دېدى[4].

داۋامى بار…

-پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار  

[1] بۇخارى جۈمە،11. جۇۋاسا بەھرەيندىكى بىر كەنىتتۇر. ئىبن تىم، شەيخ ئەبۇ ھەسەندىن ئۇ يەرنىڭ بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. جەۋھەرىنىڭ «سىلاھ» ئىسىملىك ئەسەرىدە ۋە زەمەخشەرىنىڭ «بۇلدان» ئىسىملىق ئەسىرىدە بۇ يەرنىڭ بەھرەيدىكى بىر قەلئە ئىكەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. ئەبۇ ئابىد بۇ يەرنىڭ بەھرەيندىكى ئابدۇل قەيس قەبىلىسىگە ئائىت بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. (ئۇمدەتۇل قارى، ئەينى، 5-جىلد، 270-بەت.

[2] بۇخارى، جۈمە 15. زاۋىيە، بەسرەنىڭ ئەتراپىدىكى بىر مەھەللىنىڭ ئىسمى. بەسرەدىن ئىككى فەرسەخ (11370) مېتىر يىراقلقتا. بىر فەرسەخ، ئۈچ مىل، بىر مىل تۆت مىڭ قەدەم بولىدۇ. (ئۈمدەتۇل قارى، ئەينى، 5- جىلد، 281-282- بەت) بىر فەرسەخ، 5685 مېتر بولىدۇ.

[3] بۇ يەر مەدىنىدىن بىر مىل يىراقلىقتىكى بىر ئولتۇراق رايۇن ئىدى. (خەتتابى، كىتابۇل مەئالىمۇل سۈنەن، 1- جىلد، 645- بەت).

[4] ئەبۇ داۋۇد، جۈمە 1069.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر