مۇسۇلمانلار

جۈمەنىڭ سۈننىتى ۋە دۇئا 8

جۈمەدىن كېيىن سۈننەت

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە كېيىن مەسچىتتىن ئايرىلماي تۇرۇپ ناماز ئۆتىمىگەن. مەسچىتتىن ئايرىلىپ ئۆيىدە ئىككى رەكەت ناماز ئۆتىگەن[1].

پەيغەمبىرىمىزنىڭ جۈمەدىن كېيىنكى سۈننىتىنى باشقىلارغا ئېتىپ بەرگەن ئەنە شۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنىڭ ئارقىسىدىن مەسچىتتىن چىقماي تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئۆتىگەن بىر ئادەمنى كۆرۈپ ئۇنى سىلكىگەنلىكى، ئۇنىڭغا «جۈمەنى تۆت رەكەت ئۆتىمەكچىمۇسەن؟» دېگەنلىكى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئادەتتە جۈمە نامىزىدىن قايتىپ بېرىپ ئۆيىدە ئىككى رەكەت ناماز ئۆتەيدىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق قىلاتتى، دەيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[2].

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جۈمەدىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ ئىككى رەكەت ناماز ئۆتەيتتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق قىلاتتى، دەيتتى[3].

 ئاللاھ تەئالا جۈمە سۈرىسىنىڭ 9 ئايىتىدە جۈمە ئوقۇشقا ئەمىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن 10 ئايىتىدە «فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانتَشِرُوا فِي الْأَرْض» دەيدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزىنى چۈشىنىشكە تىرىشايلى:

بۇ ئايەتتىكى «الصَّلَاةُ (ناماز)» دىن، جۈمەنىڭ پەرزى مەقسەت قىلىنىدۇ. «فەنتەشىرۇ-فَانتَشِرُوا» دېگەن سۆزنىڭ بېشىدىكى «فَ» ھەرپىنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى «دەرھال» دېگەن بولىدۇ.

بۇ ئايەت، «ناماز» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «ئەسسەلات-الصَّلَاةُ» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى ئەلىف لام «ال» ۋە «تارقىلىڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «فەنتەشىرۇ- فَانتَشِرُوا» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى «ف» دىققەتكە ئېلىنىپ، «جۈمەنىڭ پەرزى ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار…» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنسا، تولۇق تەرجىمە قىلىنغان بولىدۇ.

 دېمەككى، جۇمۇئە سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، جۈمە نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن دەرھال تارقىلىپ كېتىش كېرەك. بۇنى يۇقىرىدىكى ھەدىسلەرمۇ تەكىتلەيدۇ.

بۇ توغرىدا يەنە مۇنداق بىر ھەدىسمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمەدىن كېيىن ناماز ئوقۇماقچى بولساڭلار، تۆت رەكەت ئوقۇڭلار»[4]. لېكىن  بۇ ھەدىس يۇقىرىقى ئايەتكە يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ 62- سۈرىسى بولغان جۈمە سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىنىڭ مەزمۇنىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمەدىن كېيىن مەسچىتتىن چىقىپ ئۆيىدە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىسلەرگە زىت كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بۇ ھەدىس بۇخارىدا يوق.

 جۈمە كۈنى دۇئا قوبۇل بولىدىغان پەيت

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنى بىر پەيت بار. مۇسۇلمان كىشى ئۇ پەيتتە ئاللاھتىن بىر نەرسە تىلىسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە تىلىگەن نەرسىسىنى بېرىدۇ. ئۇ پەيىتنى نامازدىگەردىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىن ئىزدەڭلار»[5]

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنى ئاللاھقا دۇئا قىلىدىغان پەيتنى ناماز دىگەردىن كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتىن ئىزدەڭلار»[6].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇندا دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە بىر پەيت باركى، ئۇ پەيتتە بىر مۇسۇلمان ناماز ئوقۇپ ئاللاھتىن بىر نەرسە تىلىسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە تىلىگەن نەرسىسىنى چوقۇم بېرىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتنىڭ ناھايىتى قىسقا ئىكەنلىكىنى قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتكەن[7].

[1] – بۇخارى، جۇمۇئە 39؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 71؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 1252؛ نەسەئى، ئىمامە 873.

[2] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1127.

[3] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1128.

[4] – مۇسلىم، جۈمە 68؛ ئەبۇ داۋۇد، جۈمە 1131؛ تىرمىزى، جۈمە 523.

[5] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1048.

[6] – تىرمىزى، جۇمۇئە 489.

[7] – بۇخارى، جۇمۇئە 37؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 13.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر