مۇسۇلمانلار

جۈمەنىڭ ئاۋۋالقى سۈننىتى

جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جۈمەنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان جۈمەنىڭ سۈننىتى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس يوق. سەھىھ ھەدىسلەردە جۈمەگە بۇرۇنراق كەلگەنلەر ئۆزلىرى خالىغان مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇشى بايان قىلىنىدۇ.

بۇ توغرىدا جۈمە سۈرىسىنىڭ 9 ـ ئايىتى ئۈستىدە ئۇبدان پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە (جۈمەنڭ خۇتبىسىنى ئاڭلاش ۋە جۈمەنىڭ پەرزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار…»

بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ئەزان، ئىمام خۇتبە ئوقۇش ئۈچۈن مىنبەرگە چىقىپ ئولتۇرغاندا ئوقۇلىدىغان ئەزاندۇر. ھازىر ئوقۇلۇۋاتقان بىرىنچى ئەزان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا يوق ئىدى. ئۇ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا پەيدا قىلىنغان ئەزاندۇر. جۈمە نامىزىنىڭ ئەزانى بولغان ھازىرقى ئىككىنچى ئەزان ئوقۇلغاندا خاتىب مىنبەردە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيدۇ، جامائەت ئولتۇرۇپ ئاڭلايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامنىڭ «ئىمام خۈتبىدە ئىكەن مەسچىتكە كىرگەنلەر قىسقا ئىككى رەكئەت ناماز قىلسۇن» دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسى بار. (بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

يىغىپ ئېيتقاندا ئاللاھ تەئالا قۇرئاندا جۈمەگە جۈمەنىڭ ئەزانى ئوقۇلغاندا ئالدىراپ بېرىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇنراق بېرىشقىمۇ بولىدۇ، ھەتتا ياخشى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەشۋىقى بار. سىز بۇنى «جۈمە نامىزى ۋە دىلىللىرى» دېگەن ماقالىدىن تاپالايسىز.

ئىمام خۇتبىگە چىقىشتىن بۇرۇن جۈمە ئوقۇلىدىغان جايغا كەلگەنلەر خالىسا ئۆزى چاغلىغان مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇيدۇ. خالىسا قۇرئان كەرىم ئوقۇيدۇ. خالىسا باشقا زىكىر ـ تەسبىھلەرنى ئوقۇيدۇ. بۇ توغرىدا مانچىلىك مىداردا جۈمەنىڭ سۈننىتى دەپ ناماز ئوقۇڭ دەپ بىر تەلىمات يوقتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر