مۇسۇلمانلار

جۇنۇپ ھالدا ئېمىتسەم بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
 ئېغىر كورمەي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز. ئاياللار غۇسلى تەرەت ئېلىپ بولغىچە كىچىك بالا يىغلاپ كەتسە ئايال جۇنۇپ ھالەتتە بالىنى ئېمىتسە گۇنا بۇلامدو؟ـــــــ تەقۋاجان
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئىنساندا ئىككى تۈرلۈك تاھارەت بولىدۇ؛ بىرى كىچىك تاھارەت، يەنە بىرى چوڭ تاھارەت:
1-  كىچىك تاھارەت. بۇ ھاجەتخانىدىن كېلىش بىلەن يەنى خالادا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن (خالانىڭ سىرتىدا بولسىمۇ شۇنداق) مەسىلەن سىيىش، چىچىش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.
2- چوڭ تاھارەت. بۇ جۇنۇپ بولۇش، ھەيز كۆرۈش، نىفاس (تۇغۇتتىن كېيىنكى قان) كۆرۈش ۋە ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا، چوڭ تاھارەت ئېلىپ يەنى غۇسۇل قىلىپ (پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي پاكىز يۇيۇپ) ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بۇلارغا دالالەت قىلىدۇ.
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، …»- مائىدە 5/6.
بۇ ئايەتتىكى «يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار،» دېگەن ئىپادە نامازغا ئېلىنىدىغان كىچىك تاھارەتنى، «ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار،» غۇسۇل تاھارەتنى كۆرسىتىدۇ.
ئايەتنىڭ بېشىدىكى: «ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا،» دېگەن ئىپادە بولسا، بۇ ئىككى تاھارەتنىڭ ناماز ئۈچۈن ئېلىنىدىغانلىقىنى، نامازغا تۇرمىغاندا بۇ ئىككى تاھارەت بولمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە بۇ ئىككى تاھارەتنىڭ ھېچبىرىسىسىز تۇرسىمۇ بۇلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن بىر كىشى جۇنۇپ بولغان بولسا، بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە غۇسۇل قىلماي يۈرسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئەسنادا باشقىلار بىلەن ئىنسانىي مۇئامىلەرنى قىلىۋەرسە، ئەمچىكىنى يۇيۇۋېتىپ بالىسىنى ئېمىتسە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك تاھارەتسىزلىك، جۇنۇپلۇق ۋە ھەيزدارلىق مەنىۋى نىجىسلىقتۇر. شۇڭا بۇ ئەھۋاللاردىن پاك بولۇش ئۈچۈن تاھارەتنى سۇندۇرغان يەرنىلا يۇمايمىز.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ھەيزدار چېغىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا «سېنىڭ ھەيزىڭ قولۇڭدا ئەمەس» دېگەن سۆزىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. دەرىجىسى جۇنۇپلۇق بىلەن ئوخشاش بولغان ھەيزدارلىق، ھەيزدار ئايالنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىغا توسالغۇ بولمىغاندەك، جۇنۇپلۇقمۇ ئادەتتىكى ئىشلارغا توسالغۇ بولمايدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
مەن مەدىنىنىڭ يوللىرىدىن بىر يولدا كېتىۋاتاتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. مەن بۇ چاغدا جۇنۇپ ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولۇمدىن تۇتۇپ ماڭدى، مەنمۇ بىللە ماڭدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ يېنىدىن ئايرىلدىم ۋە ئۆيگە كېلىپ غۇسۇل قىلدىم، ئاندىن قايتىپ كەلسەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېخى ئولتۇرۇغلۇق ئىكەن. ماڭا: «قەيەردە ئىدىڭ يا ئەبا ھۇرەيرە!» دېدى. مەن: «مەن جۇنۇپ ئىدىم، يا رەسۇلەللاھ! غۇسۇل قىلماي تۇرۇپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام: «سۇبھانەللاھ! مۇئمىن نىجىس بولمايدۇ» دېدى.- بۇخارى، مۇسلىم، نەسەئى، ئىبنى ماجە.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر