مۇسۇلمانلار

جىھاد

2- جىھاد
بۇ سۆز ئۇيغۇرچىغا ئەرەبچىدىن «دىن يولىدىكى ئۇرۇش» دېگەن مەنىسى بىلەن كىرگەن. ئەسلىدە بۇ مەنە خاتا ئەمەس، لېكىن بۇ جىھاد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ ھەممىسى ئەمەس. چۈنكى «دىن يولىدا ئۇرۇش» جىھادنىڭ مەنىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەتقىقاتتا جىھاد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ھۆكمى، شەكىللىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.
ئا- جىھاد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى
«جىھاد» دېگەن سۆز «كۈچ سەرپ قىلماق، تىرىشماق، بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سالماق، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە غەيرەت قىلماق، قىيىنچىلىقلارغا قارشى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەك، بىر ئىشنى قىلىپ چارچىماق، مۇشەققەت چەكمەك، كۈچ، قابىلىيەت، ئىقتىدار» دېگەن مەنىلەردىكى «جەھد، جۇھد» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئىسلامىي تېرمىنولوگىيىدە «ئىسلامىي ئەمىرلەرنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭغا قارىتا ياشىماق ۋە باشقىلارغا ئۆگەتمەك، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسماق، ئىسلامنى تەبلىغ قىلماق، نەپسكە ۋە تاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلماق، ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ۋە يۈكسىلىشى، قوغدىلىشى ۋە تارقىلىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقنى كۆرسەتمەك، بۇ يولدا قىزىق ۋە سوغۇق ئۇرۇشقا كىرمەك» دېگەن شەكىلدىكى ئومۇمىي ۋە ئەتراپلىق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا جىھاد ئاللاھ ئاتا قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى قۇۋۋەتلەرنى ئاللاھ يولىدا ئىشلەتمەك ۋە ئۇ يولدا پىدا قىلماقتۇر. جىھاد دېگەن سۆز فقىھ تېرمىنولوگىيىسىدە كۆپرەك «مۇسۇلماننىڭ غەيرىي مۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇش قىلىشى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ[1].
ئە- جىھادنىڭ ھۆكمى
جىھاد قىلىش پەرزدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَجَاهِدُوا فِي اللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِ …
«ئاللاھ يولىدا ئۆز لايىقىدا جىھاد قىلىڭلار…»- ھەج 22/78.
﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُوْلَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ
«مۇئمىنلار پەقەت، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەن، ئاندىن كېيىن شۈبھىلەنمىگەن، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار راستچىللاردۇر»- ھۇجۇرات 49/15.
بىرىنچى ئايەتتە ئاللاھ تائالا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى جىھاد قىلىشقا ئەمىر قىلىدۇ. ئىككىنچى ئايەتتە بولسا جىھادنىڭ مال بىلەن ۋە جان بىلەن قىلىنىدىغان بىر تۈرلۈك ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئايەت ۋە جىھاد توغرىسىدىكى باشقا ئايەت-ھەدىسلەردىن جىھادنىڭ بىرقانچە تۈرلۈك بولىدىغانلىقى چىقىدۇ.

[1]– راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەداتۇ ئەلفازىل قۇرئان؛ ئەھمەد ئىبنى فارىس، مۇئجەمۇ مەقايىسۇللۇغە؛ فىيرۇز ئابادىي، ئەلقامۇسۇلمۇھىت؛ ئىسمائى ئىبنى ھەمماد ئەلجەۋھەرى، ئەسسىھاھ فىللۇغە؛ ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇلئەرەب ج ھ د ماددىسى؛ تۈركىيە دىيانەت ۋاقفى، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 1993، 7- جىلد، 527- بەت؛ ئىقرائ ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى جىھاد ماددىسى؛ شامىل ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى. جىھاد ماددىسى. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر