مۇسۇلمانلار
جىھاد 1

جىھاد

3§. جىھاد

بۇ سۆز ئۇيغۇرچىغا ئەرەبچىدىن «دىن يولىدىكى ئۇرۇش» دېگەن مەنىسى بىلەن كىرگەن. ئەسلىدە بۇ مەنە خاتا ئەمەس، لېكىن بۇ، جىھاد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ ھەممىسى ئەمەس. چۈنكى «دىن  يولىدا ئۇرۇش» جىھادنىڭ مەنىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە جىھاد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ھۆكمى، ئوبيېكتىلىرى ۋە تۈرلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.

1. جىھادنىڭ ھۆكمى

جىھاد قىلىش پەرزدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱبۡتَغُوٓاْ إِلَيۡهِ ٱلۡوَسِيلَةَ وَجَٰهِدُواْ فِي سَبِيلِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ  ٣٥﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»[1].‏

﴿وَجَٰهِدُواْ فِي ٱللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِۦۚ هُوَ ٱجۡتَبَىٰكُمۡ وَمَا جَعَلَ عَلَيۡكُمۡ فِي ٱلدِّينِ مِنۡ حَرَجٖۚ مِّلَّةَ أَبِيكُمۡ إِبۡرَٰهِيمَۚ هُوَ سَمَّىٰكُمُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ مِن قَبۡلُ وَفِي هَٰذَا لِيَكُونَ ٱلرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيۡكُمۡ وَتَكُونُواْ شُهَدَآءَ عَلَى ٱلنَّاسِۚ فَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱعۡتَصِمُواْ بِٱللَّهِ هُوَ مَوۡلَىٰكُمۡۖ فَنِعۡمَ ٱلۡمَوۡلَىٰ وَنِعۡمَ ٱلنَّصِيرُ  ٧٨﴾

«ئاللاھ يولىدا ئۆز لايىقىدا جىھاد قىلىڭلار. ئۇ سىلەرنى بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن تاللىدى. دىندا سىلەرنى ھېچبىر ئېغىر ئىشقا تەكلىپ قىلمىدى. بۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنى. ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىكى كىتابلاردا ۋە قۇرئاندا ‹مۇسۇلمان‹ دەپ ئاتىدى. ئاللاھ بۇنى، ئەلچىسىنى سىلەرگە ئۈلگە بولسۇن، سىلەرنى باشقا ئىنسانلارغا ئۈلگە بولسۇن دەپ قىلدى. ئۇنداقتا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە ۋە نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچى!‏»[2].

﴿إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ثُمَّ لَمۡ يَرۡتَابُواْ وَجَٰهَدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلصَّٰدِقُونَ  ١٥﴾

«مۇئمىنلار پەقەت، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەن، ئاندىن كېيىن شۈبھىلەنمىگەن، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار راستچىللاردۇر»[3].

يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتتە ئاللاھ تائالا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى جىھاد قىلىشقا ئەمر قىلىدۇ. ئىككىنچى ئايەتتە بولسا جىھادنىڭ مال بىلەن ۋە جان بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ۋە باشقا جىھاد توغرىسىدىكى  ئايەت – ھەدىسلەردىن جىھادنىڭ بىرقانچە تۈرلۈك بولىدىغانلىقى چىقىدۇ.

2. جىھادنىڭ تۈرلىرى

1)    ئىلىم بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد

 ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى قىلىنىدىغان جىھادنىڭ بىر تۈرى ئىلىم بىلەن قىلىنىدىغان جىھاددۇر. چۈنكى پۈتكۈل يامانلىقلارنىڭ سەۋەبى جاھالەتتۇر. ھەقكە يەتمەكچى بولغان كىشىنىڭ جاھالەتتىن قۇتۇلۇشى لازىم، ھەقنى يەتكۈزمەكچى بولغان كىشىنىڭمۇ كېرەكلىك ئىلىم بىلەن پۇختا قوراللىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱدۡعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِٱلۡحِكۡمَةِ وَٱلۡمَوۡعِظَةِ ٱلۡحَسَنَةِۖ وَجَٰدِلۡهُم بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ  ١٢٥﴾

«سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن چاقىرغىن، ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ»[4].

ئىلمىي تەبلىغ ۋە ھېكمەتلىك دەۋەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىسلامىيەتتە تەبلىغ ۋە دەۋەت پائالىيىتىنىڭ ئىسمى «ئىلىم بىلەن جىھاد»دۇر. بۇ قۇرئان كەرىمدە «قۇرئان بىلەن جىھاد» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى قۇرئان ئىلىمنىڭ مەنبەسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَلَا تُطِعِ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَجَٰهِدۡهُم بِهِۦ جِهَادٗا كَبِيرٗا  ٥٢﴾

«كافىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن ۋە ئۇلارغا قارشى قۇرئان بىلەن چوڭ جىھاد قىلغىن»[5].

قۇرئان بىلەن جىھاد قىلىش ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن، ئۇنىڭدىكى ھەق ۋە ھەقىقەتنى ھېچ نەرسىدىن قورقماستىن ۋە ھېچكىمدىن تارتىنماستىن ئۆز پېتى سۆزلەش بىلەن بولىدۇ. مانا بۇ ئىلىم بىلەن قىلىنغان جىھاد «چوڭ جىھاد»دۇر.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «زالىم ھۆكۈمراننىڭ ئالدىدا ھەقنى سۆزلەش ئۇلۇغ جىھاددۇر»[6].

تەبلىغ ۋە دەۋەت قىلىش ئەسناسىدا «ھېكمەت ۋە چىرايلىق نەسىھەت»نىڭ پايدىسى بولماي، قارشى تەرەپ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە توغرا كېلىپ قالغان تەقدىردە يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە «ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە» مۇنازىرىلىشىش كېرەك. يەنى كافىر، مۇناپىق ۋە مۇشرىكلارغا ھەقنى ئۇيغۇن زاماندا، ئىلمىي يوسۇندا، چىرايلىق رەۋىشتە، تاتلىق تىل بىلەن چۈشەندۈرۈش، زېرىكمەي – تېرىكمەي يەتكۈزۈش كېرەك. خۇددى بىر كېسەل ئادەمنى داۋالىماقچى بولغان دوختۇردەك سوغۇققانلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. مانا بۇ ئۇلارغا قارشى قىلىنغان جىھادنىڭ بىر تۈرىدۇر.

2)  مال بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد

مال بىلەن جىھاد قىلىش ئاللاھ بەرگەن مال – مۈلۈكنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىش دېمەكتۇر. ھەر كىمگە مەلۇمكى، دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پۇل – مالنىڭ رولى چوڭ، ئەھمىيىتى بۈيۈكتۇر. ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى، ھەقنىڭ مۇزەپپەر بولۇشى، ھەقىقەتنىڭ ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك مال، بايلىق ۋە پۇللارنى پىدا قىلىش «مال بىلەن جىھاد» قىلغانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ جىھاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپ ئايىتىدە «مال بىلەن ۋە جان بىلەن جىھاد» زىكىر قىلىنىدۇ[7]. ھەتتا بەزى ئايەتلەردە مال بىلەن جىھاد قىلىش «ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلىك» ھېسابلىنىدۇ[8].

مال بىلەن جىھاد قىلىش قۇرئان كەرىمدە بۇ قەدەر تەكىتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ساھابىلەر ئۆزلىرى قىيىنچىلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرۇقلۇق ئىلكىدىكىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان[9]. شۇڭا ئۇلارنىڭ مەردلىكى ۋە سېخىيلىقى تىللارغا داستاندۇر[10].

ساھابىلەردىن تارتىپ تا قىيامەتكىچە مۇسۇلمان بايلارنىڭ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مەكتەپ – مەدرىسە ۋە مەسچىت – جامە سالدۇرۇشى، كىتاب باستۇرۇشى ۋە تارقىتىشى، ئىسلامنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، گۈللىتىش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، مۇسۇلمانلارنى قوغداش ۋە ھىمايە قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ماددىي ياردەمدە بولۇشى ئۇلارنىڭ «ئاللاھ يولىدا مال بىلەن جىھاد» قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم قىيامەتكىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.

3) جان بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد

جىھاد قىلىش مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر. ھەر مۇسۇلماننىڭ ئىلمى بىلەن ۋە مېلى بىلەن داۋاملىق جىھاد قىلىشى، يەنى ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھىمايە قىلىنىشى، ھەقنىڭ ھاكىم بولۇشى ۋە ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىشى پەرزدۇر. بەزىدە ئىسلام دىيارىنىڭ قوغدىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ياكى قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن قولغا قورال ئېلىپ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەڭ چوڭ جىھاددۇر ۋە شەرتى توشقاندا قەتئىي پەرزدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَلۡيُقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ يَشۡرُونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا بِٱلۡأٓخِرَةِۚ  وَمَن يُقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَيُقۡتَلۡ أَوۡ يَغۡلِبۡ فَسَوۡفَ نُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا  ٧٤ وَمَا لَكُمۡ لَا تُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلۡمُسۡتَضۡعَفِينَ مِنَ ٱلرِّجَالِ وَٱلنِّسَآءِ وَٱلۡوِلۡدَٰنِ ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا مِنۡ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلظَّالِمِ أَهۡلُهَا وَٱجۡعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ وَلِيّٗا وَٱجۡعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ نَصِيرًا  ٧٥﴾

«دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتنىڭ بەدىلىگە ساتىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشسۇن. كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز. ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن، ئاللاھنىڭ يولىدا ۋە ‹رەببىمىز! بىزنى بۇ ئاھالىسى زالىم يۇرتتىن چىقارغىن، بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ۋەلىي ئاتا قىلغىن ۋە بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ياردەمچى ئاتا قىلغىن› دەپ دۇئا قىلىۋاتقان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۇرۇشمايۋاتىسىلەر؟»[11].

﴿وَقَٰتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ يُقَٰتِلُونَكُمۡ وَلَا تَعۡتَدُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُعۡتَدِينَ  ١٩٠﴾

«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[12].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قَٰتِلُواْ ٱلَّذِينَ يَلُونَكُم مِّنَ ٱلۡكُفَّارِ وَلۡيَجِدُواْ فِيكُمۡ غِلۡظَةٗۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُتَّقِينَ  ١٢٣﴾

«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن بولغان كافىرلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئۇلار سىلەردە قوپاللىق ھېس قىلسۇن. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر»[13].

﴿كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡقِتَالُ وَهُوَ كُرۡهٞ لَّكُمۡۖ وَعَسَىٰٓ أَن تَكۡرَهُواْ شَيۡئًا وَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۖ وَعَسَىٰٓ أَن تُحِبُّواْ شَيۡئًا وَهُوَ شَرّٞ لَّكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ  ٢١٦﴾

«سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىندى، لېكىن سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. سىلەر ياقتۇرمىغان نەرسە سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. سىلەر ياقتۇرغان نەرسە سىلەر ئۈچۈن زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر»[14].‏

ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئىسلام دىيارىنى قوغداش، مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش ياكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. باشقا ئىككى ئايەتتە ئۇرۇشنىڭ يەنى جان بىلەن جىھاد قىلىشنىڭ ئىككى شەرتى بارلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

(1) قورال تەييارلاش

مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَأَعِدُّواْ لَهُم مَّا ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن قُوَّةٖ وَمِن رِّبَاطِ ٱلۡخَيۡلِ تُرۡهِبُونَ بِهِۦ عَدُوَّ ٱللَّهِ وَعَدُوَّكُمۡ وَءَاخَرِينَ مِن دُونِهِمۡ لَا تَعۡلَمُونَهُمُ ٱللَّهُ يَعۡلَمُهُمۡۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيۡءٖ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ يُوَفَّ إِلَيۡكُمۡ وَأَنتُمۡ لَا تُظۡلَمُونَ  ٦٠﴾

«دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرى تەييارلاڭلار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر. ئۇ باشقا دۈشمەنلەرنى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئۇلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا نېمە چىقىم قىلساڭلار، ئۇنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەر زۇلۇمغا ئۇچرىتىلمايسىلەر»[15].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلارنى دۈشمەنگە قارشى قۇۋۋەت تەييارلاشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ «قۇۋۋەت» ھەققىدىكى ھەدىسى مۇنداق:

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت تەييارلاڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇپ، ئاندىن ئۈچ قېتىم: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، قۇۋۋەت ئوق ئاتماقتۇر» دېدى[16].

دېمەككى، ئايەتتىكى «قۇۋۋەت»تىن مەقسەت، ئۇرۇشتا دۈشمەنلەرنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەر خىل قورال – ياراغ ۋە ئوق – دورىلاردۇر، ئۇلار بىلەن مەزكۇر دۈشمەنلەرنى ئېتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشتۇر. ئۇلارنى ياساش، ئۇلار بىلەن دۈشمەننى ئېتىشنى ئۆگىنىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك بولىدىغان پۈتكۈل لازىمەتلەرنى تولۇقلاش «قۇۋۋەت تەييارلىغانلىق»تۇر، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتكە ئەمەل قىلغانلىقتۇر.

يەنى دۈشمەنگە قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدا ئېتىلىدىغان قورال – ياراغ، ئوق – دورىلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە ۋە زامانىۋى شەكىلدە ياساش، ئەسكەرلەرنى قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز قىسىملىرى، پىيادە ۋە ئاتلىق قىسىملارغا ئايرىپ يېتىشتۈرۈش، يېتەرلىك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇش ۋە پۇختا ئۇرۇش تاكتىكىسى ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن قۇۋۋەت تەييارلىغانلىق» بولىدۇ.

دۈشمەنگە قارشى «تەييارلانغان قۇۋۋەت» ئەنە شۇ سەۋىيەدە بولۇپ ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە باشقا پۈتۈن دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان، ئۇلارنى مۇسۇلمانغا چېقىلىشتىن، ئىسلام دىيارىغا كۆز تىكىشتىن تەپ تارتقۇزىدىغان ھالەتتە بولۇشى لازىم.

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، ئايەتتىكى (8 – سۈرە ئەنفالنىڭ 60 – ئايىتىدىكى) تۇرھىبۇنە ﴿تُرْهِبُونَ﴾ دېگەن پېئىل ھەرگىزمۇ ئىرھابىيلىقا (تېررورلۇققا) دەلىل بولمايدۇ. چۈنكى بۇ پېئىل بىھى ﴿بِهِ﴾ دېگەن ئۇلانمىسى بىلەن بىرلىكتە مەنە ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىسىدۇر. چۈنكى تۇرھىبۇنە ﴿تُرْهِبُونَ﴾ دېگەن پېئىل بىھى دېگەن ئۇلانمىسى بىلەن بىرلىكتە بىر پېئىل جۈملىسى بولۇپ، باشتىكى ئەئىددۇ ﴿أَعِدُّوا﴾ دېگەن بۇيرۇق پېئىلىنىڭ پائىلى (ئىگىسى)نىڭ ياكى مەپئۇلى (تولدۇرغۇچىسى)نىڭ ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ ھالەت جۈملىسىدۇر. ھالەت جۈملىسى ئەرەبچىدە ساھىبىھالەت (ھالەت ئوبيېكتى)نىڭ ئىش – ھەرىكەت ئورۇنلانغان چاغدىكى ھالىتىنى ۋە ئىش – ھەرىكەت مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتتىكى تاشقى مۇھىتنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە پائىل (ئىگە) ئەئىددۇنىڭ مۇخاتەب زەمىرى (ئىككىنچى شەخس ئالمىشى) بولغان ئەنتۇم (سىلەر)دۇر. مەپئۇل (تولدۇرغۇچى) مەستەتەئتۇم ﴿مَا اسْتَطَعْتُمْ﴾نىڭ بېشىدىكى ما (نەرسە)دۇر. بىھى ﴿بِهِ﴾ دىكى زەمىر (ئالماش) ئەئىددۇ دېگەن بۇيرۇق پېئىلىنىڭ مەپئۇلى بولغان ما (نەرسە)نى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «ئى مۇئمىنلار! سىلەر دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن كۈچۈڭلار يەتكەن نەرسىنى تەييارلاڭلار. ئۇ نەرسە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرىدىن ئىبارەت. سىلەر ئۇ نەرسىنى تەييارلىغان چېغىڭلاردا ئۇ نەرسە بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان ھالەتتە بولۇڭلار ياكى ئۇ نەرسە مەزكۇر دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان ھالەتتە تەييارلانسۇن». تۇرھىبۇنە بىھى دېگەن پېئىل جۈملىسى مەيلى پائىلنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرسۇن مەيلى مەپئۇلنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرسۇن مەنە ئۆزگەرمەيدۇ. ھەر ئېھتىمالدا دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان نەرسە تەييارلانغان قورال – ياراغلاردۇر.

(2)  ئەسكەر تەييارلاش

ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ حَرِّضِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ عَلَى ٱلۡقِتَالِۚ إِن يَكُن مِّنكُمۡ عِشۡرُونَ صَٰبِرُونَ يَغۡلِبُواْ مِاْئَتَيۡنِۚ وَإِن يَكُن مِّنكُم مِّاْئَةٞ يَغۡلِبُوٓاْ أَلۡفٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَفۡقَهُونَ  ٦٥ ٱلۡـَٰٔنَ خَفَّفَ ٱللَّهُ عَنكُمۡ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمۡ ضَعۡفٗاۚ فَإِن يَكُن مِّنكُم مِّاْئَةٞ صَابِرَةٞ يَغۡلِبُواْ مِاْئَتَيۡنِۚ وَإِن يَكُن مِّنكُمۡ أَلۡفٞ يَغۡلِبُوٓاْ أَلۡفَيۡنِ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ  ٦٦﴾

«ئى نەبىي! مۇئمىنلارنى ئۇرۇش قىلىشقا تەرغىب قىلغىن. ئەگەر سىلەردىن سەۋرلىك يىگىرمە كىشى بولسا، ئىككى يۈز كافىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن يۈز كىشى بولسا، مىڭ كافىرنى يېڭىدۇ. چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر. ئەمدى ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يېنىكلەتتى ۋە سىلەردە ئاجىزلىق بارلىقىنى بىلدى. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلەردىن سەۋرلىك يۈز كىشى بولسا، ئىككى يۈز كافىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن مىڭ كىشى بولسا، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىككى مىڭ كافىرنى يېڭىدۇ. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»[17].

ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدىن ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغان مۇئمىنلارنى، ئۇلارنىڭ سانىنى ۋە بۇ ساننىڭ شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ. بۇ، مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش قىلىش سەنئىتىنى (ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى)، ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ۋە ھەر تۈرلۈك قورال – ياراغنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان، شۇنداقلا ھەر دائىم ئۇرۇشقا ھازىر تۇرغۇزۇلغان كىشىلەرنىڭ (مۇنتىزىم ئەسكەرنىڭ) بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

خۇلاسە

جىھاد ئىبادىتىنىڭ ئۇرۇشۇش قىسمىنى باشلاشتىن بۇرۇن مەزكۇر قۇۋۋەتنى ھەر جەھەتتىن دۈشمەننىڭكىدىن ئۈستۈن سەۋىيەدە (دۈشمەن قورقىدىغان ئالاھىدىلىكتە) تەييارلاش بىلەن بىرلىكتە شارائىتقا قاراپ مۇئەييەن مىقداردا ۋە زامانغا ماس ھەربىي تەلىم – تەربىيەگە ئىگە ئەسكەر تەييارلاش كېرەك.  زۆرۈر تېپىلمىغۇچە ئۇرۇشقا كىرمەسلىك، كىرىپ قالسا قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىش لازىم.

23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ ھەممىسى جىھاد بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەككىدىكى 13 يىللىق ھاياتىدا ھېچ ئۇرۇش بولمىغان، ئۇ مەككىدىكى چېغىدا ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان بىلەن جىھاد قىلغىن»[18] دېگەن مەنىدىكى ئەمرى بويىچە جىھادنىڭ ئىلىم بىلەن بولىدىغان قىسمىنى ئىجرا قىلغان: ھەقنى يەتكۈزگەن، ھەق يولىدا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغان ۋە ھېچ بوشاشماستىن يولىدا ئۇدۇل ماڭغان. ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش (تەبلىغ)، غايىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولغانلىقى ئۈچۈن مەككىنىڭ چوڭلىرى تەكلىپ قىلغان پادىشاھلىق، بايلىق ۋە باشقا دۇنياۋى مەنپەئەتلەرنى رەت قىلغان[19]. مەدىنىدىكى 10 يىللىق ھاياتىدا تالاي قېتىم ئۇرۇش بولغان. ئۇ ئۇرۇشقا ھەر دائىم ھەر جەھەتتىن تەييار تۇرغان.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 183 – 192.

[1] 5 – سۈرە مائىدە ، 35 – ئايەت.

[2] 22 – سۈرە ھەج ، 78 – ئايەت.

[3] 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 15 – ئايەت.

[4] 16 – سۈرە نەھل، 125 – ئايەت.

[5] 25 – سۈرە فۇرقان، 52 – ئايەت.

[6]  نەسەئى، «بەيئەت»، 37؛ ئىبنى ماجە، «فىتەن»، 20؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد،  17: 228، 31: 125، 126.

[7] قاراڭ:  4 – سۈرە نىسا، 95 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 72 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 20 – ، 41 – ، 44 – ، 81 – ۋە 88 – ئايەتلەر؛ 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 15 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 11 – ئايەت.  

[8] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 245 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 12 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 11 – ۋە 18 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن 17 – ئايەت؛ 73 – سۈرە مۇززەممىل، 20 – ئايەت.

[9] قاراڭ:  59 – سۈرە ھەشر، 9 – ئايەت.

[10]  بۇلار ساھابىلەرنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردا تەپسىلىي زىكىر قىلىنىدۇ.

[11] 4 – سۈرە نىسا، 74 ~ 75 – ئايەتلەر.

[12] 2 – سۈرە بەقەرە، 190 – ئايەت.

[13] 9 – سۈرە تەۋبە، 123 – ئايەت.

[14] 2 – سۈرە بەقەرە، 216 – ئايەت.

[15] 8 – سۈرە ئەنفال، 60 – ئايەت.

[16]  مۇسلىم، «ئىمارەت»، 167؛ ئەبۇ داۋۇد، «جىھاد»، 24؛ تىرمىزى، «تەفسىر»، 9؛ ئىبنى ماجە، «جىھاد»، 19؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 28: 643؛ دارىمى، «جىھاد»، 14.

[17] 8 – سۈرە ئەنفال، 65 – ۋە 66 – ئايەتلەر.

[18] 25 – سۈرە فۇرقان، 52 – ئايەت.

[19]  قاراڭ: مۇبارەكفۇرى، رەھىقۇل مەختۇم، 84؛ ئىبنى ھىشام، سىيرەتۇن نەبەۋىيە، 1: 266.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر