مۇسۇلمانلار

جىنلار قانداق مەخلۇق؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

قۇرئان كەرىمدە جىن توغرۇلۇق نۇرغۇن ئايەتلەر بار، ھەتتا «جىن سۈرىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۈرىمۇ بار. يەنە جىن توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا جىن توغرۇلۇق قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىدۇ:

1 – جىن نېمىدىن يارىتىلغان؟

جىن ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى» (رەھمان 55/15).

2 – ئىبلىس (شەيتان) جىنلاردىندۇر

ئىنسانلارنى داۋاملىق يامان يولغا باشلايدىغان شەيتان جىنلاردىندۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: ‹ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار› دېگەن ئىدۇق. ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى. ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇ، رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇقلۇق سىلەر مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست تۇتامسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. زالىملارنىڭ بۇ دوست ئالماشتۇرۇشلىرى نېمىدېگەن يامان ئىشتۇر!» كەھف 18/50).

3 – جىنلار بىزنى كۆرىدۇ، لېكىن بىز ئۇلارنى كۆرمەيمىز

ئاللاھ تەئالا مۇنادق دەيدۇ:

«شەيتان ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى سىلەرنى كۆرىدۇ. سىلەر ئۇلارنى كۆرمەيسىلەر. بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق» (ئەئراف 7/27).

4 – جىنلار ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلالايدۇ

ئاللاھ تەئالا مۇنادق دەيدۇ:

«… بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى. ئۇلاردىن ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلغانلارغا دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز. ئۇلار (جىنلار) سۇلەيمانغا، سۇلايمان خالىغان كاتتا سارايلارنى، ھەيكەللەرنى، كۆللەرگە ئوخشاش چوڭ لېگەنلەرنى ۋە مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياساپ بېرەتتى…» (سەبەئ 34/12- ۋە 13 – ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى).

«جىنلار مۇنداق دەيدۇ: بىز ئاسماننى تەكشۈردۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر ۋە مېتېئورلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق. بىز بۇرۇن تىڭشاش ئۈچۈن ھەمىشە ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان يەرلىرىدە ئولتۇراتتۇق. ئەمدى كىم تىڭشاشقا ئۇرۇنسا، ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرغان بىر مېتېئورنى ئۇچرىتىدۇ» (جىن 72/8 – ۋە 9 – ئايەتلەر).

5 – جىنلار بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلايدۇ، چۈشىنىدۇ ۋە تەسىرلىنىدۇ

ئاللاھ تەئالا مۇنادق دەيدۇ:

«ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى قۇرئان تىڭشىسۇن دەپ سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتتۇق. ئۇلار قۇرئان تىڭشىغىلى قوپقان چاغلىرىدا بىر – بىرگە: ‹جىم تۇرۇڭلار› دېيىشتى. قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشى توختىغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن قايتىشتى» (ئەھقاف 46/29).

6 – جىنلارمۇ ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم» (زارىيات 51/56).

7 – جىنلارغىمۇ پەيغەمبەرلەر كەلگەن

ئاللاھ تەئالا قىيامەت كۈنى جىنلار ۋە ئىنسانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن پەيغەمبەرلەر كېلىپ، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە ئوقۇپ بەرمىگەنمۇ؟ سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا ئۇچرۇشۇشتىن ئاگاھلاندۇرمىغانمۇ؟» شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلار دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ» (ئەنئام 6/130).

8 – قىيامەت كۈنى جىنلارغىمۇ سوئال – سوراق بار

ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغان جىنلار جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇنداق قىلمىغانلار دوزاخقا كىرىدۇ. ئاللا تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان جىن ۋە ئىنسانلارغا مۇنداق دەيدۇ: ئى كاپىر جىن ۋە كاپىر ئىنسانلار! سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كاپىر جىن ۋە كاپىر ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار» (ئەئراف 7/38).

9 – جىنلار ھەر خىل شەكىللەرگە ئۆزگىرەلەيدۇ

تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:

1 – ئەبۇ سائىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (بۇ كىشى، ھىشام ئىبنى زۆھرەنىڭ ئازات قىلىۋەتكەن قۇلىدۇر) مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىنىڭ يېنىغا، يەنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ئىدىم، كىرسەم ئۇ ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن، نامىزىنى ئوقۇپ بولسۇن دەپ ساقلاپ ئولتۇرۇدۇم، ئۇنى ساقلىۋېتىپ قۇلىقىمغا  ئۆينىڭ بىر تەرىپىتىدىكى خورما شاخلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىر ھەرىكەتنىڭ ئاۋازى كەلدى، قارىسام بىر يىلان ئىكەن، ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتەي دەپ ئورنۇمدىن چاچراپ قوپتۇم، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى ماڭا «ئولتۇر» دېگەن مەنادا ئىشارەت قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن ئولتۇردۇم، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ماڭا قورۇدىكى بىر ئۆينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ‹شۇ ئۆينى كۆرۈۋاتامسەن؟› دېدى، مەن‹ھەئە› دېدىم.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى: ‹ئۇ ئۆيدە ئىچىمىزدىن يېڭى توي قىلغان بىر يىگىت ئولتۇراتتى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن خەندەك ئۇرۇشىغا چىقتۇق، ئۇ يىگىت چۈش ۋاقىتلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رۇخسەت سوراپ ئۆيىگە بېرىپ كېلەتتى.

ئۇ يىگىت بىر كۈنى مۇشۇ ئادىتى بويىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆيىگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن روخسەت سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى ۋە: «قۇرالىڭنى ئېلىۋالغىن، ساڭا قۇرەيزە خەلقىنىڭ بىر يامانلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يىگىت قۇرالىنى ئېلىپ ئۆيىگە كەتتى.

يىگىت ئۆيىگە بېرىپ، ئايالىنى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئۇچراتتى – د، كۈنچىلىكى تۇتۇۋېلىپ ئايالىنى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئايالى: «توختا! ئۆيگە كىر ۋە مېنى ئۆيدىن چىقارغان نەرسىنى كۆر» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن يىگىت ئۆيگە كىرىپ قارىسا، ياتاقنىڭ ئۈستىدە تۈگۈلۈپ ياتقان چوڭ بىر يىلاننى كۆردى ـ دە، نەيزىسىنى سانجىدى ۋە يىلانغا سانجىلگەن نەيزىسىنى ئېلىپ چىقىپ ھۆيلىغا چوقۇپ قويدى. بۇ ئەسنادا يىلان ئۇ يىگىتكە ھۇجۇم قىلدى. ئىككىسىنىڭ قايسىسى بۇرۇن ئۆلگەنلىكىنى بىلىنمەيدۇ؛ يىلانمۇ؟ ياكى يىگىتمۇ؟

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى بۇ ۋەقەنى ئاڭلىتىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: شۇنىڭ بىلەن بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدۇق ۋە: «يا رەسۇلەللاھ! ئاللاھقا دۇئا قىلغىن. ئاللاھ ئۇ يىگىتنى بىزگە تىرىلدۈرۈپ بەرسۇن» دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:

«بۇرادەرىڭلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەڭلار. مەدىنىدە مۇسۇلمان بولغان جىنلار بار. ئۇلاردىن ئەنە شۇنداق بىر نەرسە كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا ئۈچ كۈن: ‹جىن بولساڭ، بۇ يەردىن كەتكىن› دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن كەتمىسە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، ئۈچ كۈنلۈك ئۇقتۇرۇشتىن كېيىن كەتمىگىنى شەيتاندۇر» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

2 – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى پەيغەمبەر ئەلەيسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىدىن بىر يامان جىن ئوغرىلىقچە يېنىمغا كېلىپ نامازىمنى بۇزۇشقا ئۇرۇندى. ئاندىن ئاللاھ تەئالا ماڭا كۈچ – قۇۋۋەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن تاڭ ئاتقاندا سىلەرنى كۆرسۈن دەپ ئۇ جىننى مەسچىتنىڭ تۈگرۈكلىرىدىن بىرىگە باغلاپ قويۇشنى ئىرادە قىلدىم، لېكىن ئېسىمگە، قېرىندىشىم سۇلەيماننىڭ: «پەرۋەردىگارىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە نېسىپ بولمايدىغان بىر پادىشاھلىق ئاتا قىلغىن» دېگەن سۆزى كېلىپ ۋاز كەچتىم» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

3 – ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر بىرىڭلارنىڭ جىنلاردىن بىر ھەمراھى بولىدۇ» دېگەن ئىدى. ساھابىلەر: «ئۆزلىرىنىڭچۇ يارەسۇلەللاھ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭمۇ بار، لېكىن ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مېنىڭكىسى مۇسۇلمان بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مېنى پەقەت ياخشىلىققىلا بۇيرۇيدۇ» دېدى. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

10 – جىنلار ئىنسانلارغا چېپىلىدۇ

جىنلار ئىنسانلارغا چېپىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جىن چېپىلىپ قالغان ئادەم ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275 – ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

11 – جىنلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش

جىنلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەڭ توغرا شەكىلدە ساقلاشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 255 – ئايىتىنى (ئايەتەلكۇرسىنى)، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى سۈرىسىنى (فەلەق سۈرىسى بىلەن ناس سۈرىسىنى) مەنالىرىنى ئويلىغان ھالدا داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇش كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر