مۇسۇلمانلار

جىلباب كېرەكمۇ؟

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئاياللارنىڭ كىيىم – كېچىكى توغرىسىدا بەرگەن پەتىۋايىڭىزنى كۆردۈم، لېكىن قەتئىي كاللامدىن ئۆتمىدى، ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 59ـ ئايىتىدىكى «جىلباب» سۆزىگە نېمىدەپ تەفسىر بېرىسىز؟ يەنە ئەگەر «جىلباب» نى ئەرەبلەرنىڭ كىيىمى دېسەك ئەرەب تىلىدا چۈشۈرۈلگەن قۇرئاننىمۇ ئەرەبلەرنىڭ دەپ ئايرامدۇق؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
 قېرىندىشىم! سىز ئالدى بىلەن ئۇ پەتىۋانى ناھايىتى دىققەت بىلەن قايتا بىر ئوقۇپ چىقىڭ!
 «جىلباب ئەرەبچە كەلىمە» دېگەن سۆز بىلەن «جىلباب ئەرەبلەرنىڭ كىيىمى» دېگەن سۆزنىڭ ئارىسىدا پەرق يوقمۇ؟ مەن بىرىنچىسىنى دېگەن ئىدىم، سىز ئىككىنچىسىنى چۈشىنىپ قاپسىز!
 سىز ئەگەر ئەرەبچە بىلسىڭىز ئەرەبچە لۇغەتلەرنىڭ، ئەگەر ئەرەبچە بىلمىسىڭىز، ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرنىڭ «ج ل ب» بۆلۈمىنى ئېچىپ، «جىلباب» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىگە قاراپ چىققايسىز!
 يەنە بىر گەپ مەن بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا «باشقىسىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈش» نى  ئەمەس، «قۇرئان – ھەدىس پۈتۈنلۈكىنى» ئاساس قىلىمەن. باشقىلار خالىسا قوبۇل قىلىدۇ، خالىسا قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ قەدەر «چىچاڭلاپ كېتىش» نىڭ ھاجىتى يوق.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىمۇ ئەبۇ سۇفياننىڭ كاللىسىدىن 21 يىل ئۆتمىگەن، لېكىن بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزمىگەن. دېمەك، بىر ھەقىقەتنىڭ بىر كىشىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەسلىكى ئۇ ھەقىقەتنىڭ ھەقىقەتلىكىگە دەخلى يەتكۈزمەيدۇ.
 ئۆزى ئەھلى ئىلىم ئەمەس، لېكىن ئەھلى ئىلىمگە ئوخشىۋالغان «بەزى موللىچاقلار»، «جىلباب دېگەننىڭ رەڭگى مۇنداق، ئۇزۇنلۇقى ئۇنداق، رەختى شۇنداق…» دېيىشىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللارغا بىر «جىلباب مودىسى» «تەقدىم» قىلىپ، ئۇلارنى مۇسۇلمان بولۇشلىرى ئۈچۈن ئۇ مودىدا بىر «جىلباب» كىيىشكە زورلىغانلىقىنىڭ ھېسابىنى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بېرىدۇ.
«جىلباب» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كۆڭلىكى، ئاياللارنىڭ لېچىكى دېگەن بولىدۇ، خالاس! 
 بۇ دىندا ھېچكىمنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوق! بىلىدىغانلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئەينەن يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتى بار، خالاس!!!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر