مۇسۇلمانلار

جامائەتنىڭ ئەھمىيىتى

جامائەتنىڭ ئەھمىيىتى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەددىمە
جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ئاللاھنىڭ ئەمرى، رەسۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇر. بىر كىشىنىڭ نامازلىرىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشى ئۇنىڭ تەقۋادارلىقىنىڭ ئالامىتى، نەپسى خاھىشىغا بويۇن ئەگمىگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
شۇنىڭدەك، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش بەدەننىڭ راھىتىنى روھنىڭ غىزالىنىشىغا قۇربان قىلغانلىقنىڭ نامايەندىسى، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇغانلىققا ۋەدە قىلىنغان ساۋبقا ئىشەنگەنلىكنىڭ ۋە ئۇنى ئۇمىد قىلغانلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر.  
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مۇسۇلماننىڭ جامائەتكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، جامائەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى مۇھىم، نامازلىرىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشى كېرەك. تۆۋەندە جامائەتنىڭ ھۆكمى، ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى ھەققىدە توختىلىمىز.
1- جامائەتنىڭ ھۆكمى
ناماز مەنىسىدە كەلگەن ئەسسالات قۇرئان كەرىمدە كۆپىنچە «ئىقامە» مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەر بىلەن بىرلىكتە «أَقِيمُوا الصَّلاةَ، يُقِيمُونَ الصَّلاةَ، الْمُقِيمِينَ الصَّلاةَ» دېگەندەك شەكىللەردە كېلىدۇ.
ئىقامە ئۆرە تۇرماق مەنىسىدىكى ئۆتۈمسىز مەسدەر بولغان «قىيام» دىن تۈرەتىلگەن ئۆتۈملۈك مەسدەر بولۇپ مەنىسى ئۆرە تۇرغۇزماق دېگەن بولىدۇ. نامازنى ئۆرە تۇرغۇزماق، نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا، شەرتلىرىگە ۋە شەكىللىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا، تەلەپكە لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىش بىلەن ئەلەمگە ئاشىدۇ. بۇ نامازنى كامىل ۋە ئۈزلۈكسىز قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدىكى ئەقىمىسسالاتە، ئەقىيمۇسسالاتە… دېگەن ئىپادىلەر «نامازنى كامىل ئۆتىگىن، نامازنى كامىل ئۆتەڭلار» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنىدۇ.
تۆۋەندە بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىككى ئايەت ئۈستىدە توختىلىمىز، ئاندىن مەزكۇر ئىككى ئايەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ ھۆكمىنى ئۆگىنىشكە تىرىشىمىز:   
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
1- «وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ …».
«نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا كامىل ئۆتىگىن…»- ھۇد 11/114.
بۇ ئايەتنىڭ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى تەرەفەيىنناھار «طَرَفَيِ النَّهَارِ» دۇر. تەرەفەيىنناھار «طَرَفَيِ النَّهَارِ» ئىزافەتلىك بىرىكمىدۇر. بۇ بىرىكمىدە مۇزافۇ ئىلەيھ تەرەفەي «طَرَفَي»دۇر. تەرەفەي، تەرەف «طَرَف» كەلىمىسىنىڭ ئىككىلىك شەكلىدۇر.
تەرەپ كەلىمىسى ئەرەبچىدە بىر تەرەپ، بىر توپ، بىر تۈركۈم، چېگرا، يان، دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[1]. بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە مۇزاف (ئېنىقلانغۇچى) بولۇپ كەلگەندە مۇزافۇن ئىلەيھ (ئېنىقلىغۇچى) نىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كېلىدۇ[2]. بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتتە ئۆتكەن «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى» كۈندۈزگە تەۋە بولغان ۋاقىتلاردىن ئىككى بۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى زۇلەفەن مىنەللەيل «زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ» دۇر. زۇلەف «زُلَف»، زۇلفە «زُلْفَة» نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. يۇقاردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك كۆپلۈك ئەرەبچىدە ئەڭ ئاز ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلمىنىڭ لۇغەت مەنىسى يېقىنلىق دېگەن مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا زۇلەفەن مىنەللەيل «زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ» نىڭ مەنىسى «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىت» دېگەن بولىدۇ.
ئايەتتىكى «نامازنى كامىل ئۆتىگىن» دېگەن بۇيرۇق، كۈندۈزگە تەۋە ئىككى ۋاقىتتا ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ بۆلۈمىدە يەنى بەش ۋاقىتتا نامازنى ئۈزلۈكسىز ئادا قىلىش بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئاللاھ تەئالانىڭ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 238– ئايىتىدىكى «نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقىمۇ پەقەت بۇ شەكىلدىلا ئورۇندىلىدۇ. چۈنكى ئۈزلۈكسىز ئۆرە تۇرغۇزۇلمىغان نەرسە مۇھاپىزەت قىلىنغان بولمايدۇ.
دېمەك، بۇ ئايەتتىكى «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئىككى ۋاقىت ناماز بامدات بىلەن نامازشام ئەمەس، پېشىن بىلەن نامازدىگەردۇر. چۈنكى بامدات ۋە نامازشامنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر. بۇ ۋاقىتلارغا كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرى دېيىلمەيدۇ. «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئۈچ ناماز بولسا، نامازشام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىدۇر. چۈنكى بۇ ئۈچ ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر، ھەمدە كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلاردۇر.
2- «أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ…»
«نامازنى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقانغا قەدەر كامىل ئۆتىگىن. بامدات نامىزىنىمۇ
كامىل ئۆتىگىن…»- ئىسرا 17/78.
«كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ» دېگەن ئىپادە، ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتىدىكى «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى» نىڭ باشلىنىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. «كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقانغا قەدەر» دېگەن ئىپادە بولسا، يەنە ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتىدىكى «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرى» نىڭ بىرىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتە «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرى» دىن بىرى «بامدات» دەپ ئايرىم زىكىر قىلىنىدۇ.
ئاللاھ تەئالا يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتتە ھەر مۇسۇلماننى بىر كېچە-كۈندۈزنىڭ ئىچىدە بەش ۋاقىتتا بەش قېتىم «نامازنى ئىقامە قىلىش»قا يەنى بەش ۋاقىتنىڭ ھەر بىرىدە بىر نامازنى پۈتۈن شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ۋە بارلىق ئەركانلىرىنى ئادا قىلغان ھالدا ئوقۇشقا ئەمر قىلغان.
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 110- ئايىتى، نىسا سۈرىسىنىڭ 103- ئايىتى، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 72- ئايىتى، ھەج سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتى، نۇر سۈرىسىنىڭ 56- ئايىتى، رۇم سۈرىسىنىڭ 31- ئايىتى، مۇجادەلە سۈرىسىنىڭ 13- ئايىتى ۋە مۇززەممىل سۈرىسىنىڭ 20- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى «نامازنى ئىقامە قىلىش»قا ئەمىر قىلغان.
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدە «نامازنى ئىقامە قىلىش»نىڭ تەقۋادارلارنىڭ بىر سۈپىتى ئىكەنلىكىنى، ئەنفال سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدە «نامازنى ئىقامە قىلىش»نىڭ «ئاللاھ» دېيىلسە قەلبلىرى تىترەپ كېتىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان ۋە رەببى بولغان ئاللاھقىلا تايىنىدىغان ھەقىقىي مۇئمىنلارنىڭ سۈپىتى ئىكەنلىكى، تەۋبە سۈرىسىنىڭ 71- ئايىتىدە «نامازنى ئىقامە قىلىش»نىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق بولغان مۇئمىنلارنىڭ بىر سۈپىتى ئىكەنلىكى، نەمل سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدە «نامازنى ئىقامە قىلىش»نىڭ قۇرئان ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەر بولغان مۇئمىنلارنىڭ بىر سۈپىتى ئىكەنلىكى، لۇقمان سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىدە «نامازنى ئىقامە قىلىش»نىڭ قۇرئان ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان مۇھسىنلارنىڭ بىر سۈپىتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
دېمەككى، ھەر كۈن بەش ۋاخ «نامازنى ئىقامە قىلىش»، يەنى بەش ۋاخ نامازنىڭ ھەر بىرىنى ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەل ئادا قىلىش ئاللاھ تەئالانىڭ ھەر مۇئمىنغا ئالاھىدە ۋە پۈتۈن مۇئمىنلارغا ئومۇمىي بىر شەكىلدە قىلغان ئەمرىدۇر. شۇنداقلا مۇئمىنلارنىڭ سۈپىتى، مۇھسىنلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر.
مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس مۇنداق:
ئەنەس ئبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: «سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار. چۈنكى سەپلەرنى تۈز قىلىش «نامازنى ئىقامە قىلىش»تىن ھېسابلىنىدۇ»[3].
 جامائەتنىڭ نامازدا قاتار، رەتلىك ۋە تۈز تۇرۇشىنىڭ «نامازنى ئىقامە قىلىش»تىن ھېسابلىنىشى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ ئاللاھنىڭ بىر ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى يالغۇز ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى سەپنى تۈز قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ. دېمەككى، نامىزىنى جامائەتكە قېتىلىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەپلەرنى تۈز قىلىشقا چۈشۈرگەن بۇرۇقىنى بەجا كەلتۈرگەن ھالەتتە ئوقۇغان كىشى ئاللاھنىڭ «نامازنى ئىقامە قىل» دېگەن ئەمرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمىرلەردىن بىرىنى ئىجرا قىلغان بولىدۇ.
2- جامائەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى
جامائەتنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئەھمىيىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن بىرقانچىسىنى زىكىر قىلىش كۇپايە قىلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن بىرقانچىنى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز:
ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابى يالغۇز ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابىدىن 27 ھەسسە ئارتۇق تۇرىدۇ»[4].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ياكى بازاردىكى ئوقۇغان نامىزىدىن 25ھەسسە ئارتۇق تۇرىدۇ. سەۋەبى، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، ئاندىن مەسجىدكە پەقەت ناماز ئوقۇش ئۈچۈنلا كەلسە، ئۇ ئادەم مەسجىدكە كەلگۈچە ئۇنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ۋە باسقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ. ناماز ئوقۇپ بولۇپ تاھارىتى سۇنماستىن مەسجىدتە ئولتۇرسىلا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەپ: ‹ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا رەھمىتىڭنى نازىل قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن›، دەيدۇ. ئۇ ئادەم مادامىكى، نامازنى كۈتۈپ تۇرىدىكەن، ناماز ئىچىدە بولغاندەك بولىدۇ»[5].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بىر ئەما كىشى كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى مەسجىدكە يېتىلەپ ئېلىپ كېلىدىغان ئادەم يوق»، دەپ رەسۇلۇللاھتىن نامازنى ئۆيدە ئوقۇشقا رۇخسەت سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلدى. ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، رەسۇلۇللاھ چاقىرىپ ئۇنىڭغا: «ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلامسەن؟»، دېدى. ئۇ كىشى: «ھەئە»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «فَۆَجِبْ» «ئۇنداق بولسا نامازغا كەلگىن»، دېدى[6].
ئابدۇللاھ ئىبن ئۇممۇ مەكتۇم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ، مەدىنە دېگەن ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھاشاراتلار ۋە يىرتقۇچلار كۆپ جاي»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «نامازغا ۋە نىجاتلىققا كېلىڭلار، دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىساڭلا نامازغا كەلگىن»، دېدى[7].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئوتۇنغا بۇيرۇسام، ئوتۇن ئېلىپ كېلىنسە، ئاندىن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇسام، ئەزان ئېيتىلسا، ئاندىن بىر كىشىنى بۇيرۇسام ئىمام بولسا، ئاندىن ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى قالدۇرۇپ، نامازغا كەلمىگەنلەرنىڭكىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىسام، دەيمەن»[8].
ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مەيلى ئاۋات جاي بولسۇن ياكى ئاھالىسى شالاڭ جاي بولسۇن، ئۈچ نەپەر مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇلار جامائەت بولماي ناماز ئوقۇيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جامائەت بولۇشنى لازىم تۇتۇڭلار، چۈنكى پادىدىن ئايرىلغان قوينى بۆرە يەپ كېتىدۇ»[9].
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى خۇپتەننى جامائەت بىلەن ئوقۇسا، گويا كېچىنىڭ يېرىمىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەندەك بولىدۇ. كىمكى بامداتنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا، گويا كېچىچە ناماز ئوقۇغاندەك بولىدۇ»[10].
تىرمىزىينىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن، دېيىلىدۇ: «كىمكى خۇپتەننى جامائەت بىلەن ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭغا يېرىم كېچە ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. كىمكى خۇپتەن بىلەن بامداتنى جامائەت بىلەن ئوقۇيدىكەن ئۇنىڭغا پۈتۈن كېچە ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ».
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىشىلەر خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى بىلەلىگەن بولسا ئىدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ ئۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا كەلگەن بولاتتى»[11].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ناماز ئىچىدە بامدات ۋە خۇپتەن نامىزى مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، بۇ نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشقا ئۆمىلەپ بولسىمۇ كەلگەن بولاتتى»[12].
خۇلاسە
يۇقىرىدا بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ ھۆكمى، ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرگە ئاساسلانغان ھالدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەزكۇر ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئېنىق بىلىنىدۇكى، جامائەتنى تەرك ئېتىشكە ھېچقانداق سەۋەب باھانە بولالمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مۇسۇلماننىڭ جامائەتنى چىڭ تۇتۇشى، يەنى نامازلىرىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا غەيرەت قىلىشى، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغانلىققا ۋەدە قىلىنغان ساۋابنى كۆزلىشى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىشى لازىم ۋە شۇنى بىلىشى لازىمكى:
ئىمامنىڭ تەرىتىدە بىر نۇقسانلىق ياكى ئەقىدىسىدە بىر بۇزۇقلۇق ۋە ياكى نىيىتىدە بىر ئەگرىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن نامىزىنىڭ قوبۇل بولماسلىقى ئارقىسىدا ئىقتىدا قىلىپ (ئەگىشىپ) ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامىزىغا ھېچقانداق دەخلى يەتكۈزمەيدۇ ۋە ئەسلا زىيىنى بولمايدۇ. چۈنكى ئىماممۇ ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوقۇيدۇ، جامائەتمۇ ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوقۇيدۇ. جامائەتنىڭ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىشى دېمەك، نامازنى ئىمامغا يۈكلىۋېتىپ ئارقىسىدا بىكار تۇرۇش ئەمەس، بەلكىدە نامازنى ئوقۇشتا ئىمامغا ئەگىشىش دېمەكتۇر. ئىمامنىڭ جامائەتكە ئىمام بولۇشى دېمەك، جامائەتنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بېرىش ئەمەس، بەلكىدە جامائەتكە باشچىلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوقۇش دېمەكتۇر.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ ئىمامنىڭ ھەققىدىكى سەلبىي گۇمانلىرى، ھەتتا بەزى كىشىلەرنىڭ ئىمامنىڭ ھەققىدە ئاڭلىغان-بىلگەن سەلبىي مەلۇماتلىرى جامائەتنى تەرك ئېتىشكە سەۋەب بولالمايدۇ.
شۇنىڭدەك، ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ (مەسچىت-جامەنىڭ) ياكى جامائەتنىڭ بىرە مەنسۇبىنىڭ ھەققىدىكى گۇمان ۋە سەلبىي كۆزقاراشلارمۇ تەركىجامائەت بولۇشقا باھانە بولالمايدۇ.
چۈنكى قۇرئان-ھەدىسنىڭ، جۈملىدىن يۇقىرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمى ئالەمشۇمۇل بولۇپ، قىيامەتكە قەدەر ھەر ماكاندا، ھەر زاماندا ۋە ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن كۈچكە ئىگىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىسلەردە يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمىنىڭ بەزى زامان بىلەن ياكى بەزى ماكان بىلەن ۋە ياكى بەزى كىشىلەر بىلەن چەكلىك دەپ ئەسكەتىلمەسلىكى ئۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمىنىڭ قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ قىيامەتكە قەدەر بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشلىرىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ خىلاپىنى دەۋا قىلغۇچىلار ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قارشى چىققان بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز ھالدا، بىلىپ ياكى بىلمەي: «ھازىرقى ئىماملار ئۇنداق، مەزىنلەر مۇنداق، مەسچىت-جامە ئانداق پۇلغا سېلىنغان، مانداق ئادەملەر سالغان، مەسچىت-جامەلەر گۇمانلىق، جامائەتنىڭ ئىچىدە ئۇنداق يامان ئادەم بار، مۇنداق ئەسكى كىشى بار…» دېگەندەك گەپ-سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقى لازىم.
ئۇستازلىرىمىزدىن، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن ئۆگەنگىنىمىز بويىچە جامائەتكە قېتىلىش، نامازلىرىمىزنى جامائەت بىلەن ئوقۇش، مەسچىت-جامەلىرىمىزنى مەنىۋى جەھەتتىن ئاۋات قىلىشىمىز ۋە مەنىۋى جەھەتتىن گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك.
ئاللاھ تەۋپىق بەرگەي
ئاپتۇرى: ئالىم ئوغلى

[1]– ئىبنى فارىس، مەقايىسۇللۇغە ت ر ف؛ راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان ت ر ف؛ ئىنبى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب ت ر ف.

[2]– مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر: ئال ئىمران 3/127؛ رەئد 13/41؛ تاھا 20/130؛ ئەنبىيا 21/44.

[3] – بۇخارى، ئەزان 723- نومۇرلۇق ھەدىس.

[4] – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[5] – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[6] – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[7] – ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

[8] – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[9] – ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

[10] – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[11] – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[12] – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر