مۇسۇلمانلار

جازانىخورلۇق قىلماڭ

ئا- ئۆسۈمنىڭ چەكلىنىشى
ئۆسۈم تۇنجى قېتىم مۇنۇ ئايەت بىلەن چەكلەنگەن:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! قاتمۇقات كۆپەيگەن ئۆسۈمنى يېمەڭلار، ئاللاھدىن قورقۇڭلاركى، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- ئال ئىمران 3/130.
قاتمۇقات كۆپەيمەك ئۆسۈمنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر. 10 % ئىككىنچى يىلى 21 % گە، ئۈچىنچى يىلى 33 % گە چىقىدۇ ۋە زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئانا پۇلدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئىككىنچى چەكلەش تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن بولغان:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ (278) فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ (279) وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ (280)»
«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار.
ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر.
ئەگەر قەرزدار قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋاتقىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»- بەقەرە 2/278-280.
جاھىلىيەت دەۋرىدە قەرزىنى تۆلىمىگەن قەرزدار قۇل قىلىپ سېتىلاتتى. ئاخىرقى ئايەت بىلەن قەرزدارلارنىڭ سېتىلىشىمۇ چەكلەندى ۋە ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىلىشىنىڭ لازىملىقىغا ھۆكۈم قىلىندى[1].

[1]– قۇرتۇبى (ۋاپاتى: 671/1272)، ئەلجامىئ لىئەھكامىل قۇرئان، دارۇلكۇتۇبىل ئىلمىييە 1408/1988، 3- جىلد، 240- بەت. بەقەرە 2/280- ئايەتنىڭ تەپسىرى.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر