مۇسۇلمانلار

چوقۇم بېرىشىم شەرتمۇ؟

سوئال:

ئارلىقنىڭ يىراق ۋە قاتناشنىڭ قولايسىز بولغانلىقى ئۈچۈن جۇمە ۋە ئىككى ھېيت نامازلىرىنى ئۆيدە ئوقۇسام بولامدۇ؟ ئۆيدە ناماز ئوقۇغاندا ئەزان توۋلاپ ئوقۇشۇم شەرتمۇ ياكى تەكبىر ئېيتىپلا ئوقۇسام بولىۋىرەمدۇ؟

جاۋاب:

ئىسلام دىنىدا ناماز ئىبادىتى ئەڭ مۇھىم ئىبادەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئىنكار قىلغان كىشى مۇسۇلمان دېيىلمەيدۇ. جۈمە نامىزىمۇ ئەنە شۇ نامازلاردىن بىرىدۇر. جۈمە نامىزىنىڭ ئورنى يۇقىرى بولغانلىقتىن قۇرئان كەرىمدىكى بىر سۈرىمۇ شۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ. فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانْتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِنْ فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»

«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم- سېتىمنى قويۇڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ناماز ئوقۇلۇپ بولغان ھامان زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ ئېھسانىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا كۆپ زىكىر ئېيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مەقسىتىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- جۇمۇئە 62/9-10.
دېمەك، جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئوقۇلغان ئەزاننى ئاڭلىغان ھەر مۇسۇلمانغا جۈمە نامىزى ئوقۇش پەرز.

ئۇنداقتا جۈمە نامىزى كىملەرگە پەرز؟

يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن جۈمە نامىزىنىڭ ھەممە ئادەمگە پەرز قىلىنمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئايەت جۈمە نامىزىنىڭ سودا-سېتىق بولىدىغان جايلاردا ئوقۇلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. سودا-سېتىق بازارلاردا بولىدۇ، بازالار مەركىزىي كەنتلەردە بولىدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى مەركىزىي كەنتتە ياشىمايدۇ. دېمەككى، مەركىزىي كەنتتىن يىراق چەت جايلاردا ياشايدىغان، يايلاقلاردا پادىچىلىق قىلىدىغان، جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدىغان رايونلاردا خىزمەت ياكى ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ نېمە قىلسا قىلىپ جۈمە نامىزى ئۆتىلىدىغان يەرلەرگە كېلىشى، شۇنداقلا جۈمە نامىزى ئوقۇشى كېرەك ئەمەس. بۇنداق كىشىلەر ياشاۋاتقان يەرلىرىدە پېشىن نامىزىنى ئادا قىلسا بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى رىۋايەتلەرمۇ تەكىتلەيدۇ:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە نامىزى ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەمگە پەرزدۇر» .
دېمەك، جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەزاننى ئاڭلىيالمىغۇدەك يىراق يەردە بولغان مۇسۇلمانلار جۈمە نامىزىغا كەلمىسىمۇ بولىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يامغۇرلۇق بىر كۈنى مۇئەززىنگە مۇنداق دېگەن: ئەزان ئېيتقان چېغىڭدا «ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دەپ بولغاندىن كېيىن «ھەييە ئەلەسسەلاھ (نامازغا كېلىڭلار)» دېمەي، «ئەسسەلاتۇ فىررىھال (نامىزىڭلارنى ئۆيلىرىڭلاردا ئوقۇڭلار)» دېگىن. ئىنسانلارنىڭ بۇ سۆزگە ھەيران قېلىشقانلىقىنى كۆرگەن ئىبنى ئابباس: «بۇ ئىشنى مەندىن ياخشى بىر كىشى قىلغان. جۈمە ئۆتەش بىر ۋەزىپە. سىلەرگە قېيىنچىلىق تۇغدۇرۇشنى خالىمىدىم. ئۇنداق بولمىغاندا پاتقاقلىق ۋە تېيىلغاق يەرلەردە ماڭغان بولاتتىڭلار» دېگەن .
ئىككى ھېيت نامىزى
ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇش پەرزدۇر، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇر. دەلىلى ئاللاھ تەئالانىڭ بەقەرە سۈرىسنىڭ 185- ئايىتىدىكى ۋە ھەج سۈرىسىنىڭ 37- ئايىتىدىكى «ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر!» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا بۇ ئەمرىنىڭ بىرىنى رامىزان روزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى، يەنە بىرىنى قۇربانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن بارلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىپ چۈشۈرىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تەئالا مۇسۇلمانلارنى رامىزان روزىسى تۇتۇشقا ۋە قۇربانلىق قىلىشقا ئەمىر قىلىش بىلەن بىرگە تەكبىر ئېيتىشقىمۇ بۇيرۇغان.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ھەر ھېيت نامىزىغا ھازىر بولۇشقا چاقىرغانلىقى، ھەتتا ئادەت كۆرۈۋاتقان خانىم/قىزلارنىمۇ بۇ ناماز ئوقۇلغان يەرگە ھازىر بولۇپ نامازنى ئوقۇماي تەكبىرگە قېتىلىشىنى بۇيرۇشى، شۇنداقلا ھېيت نامازلىرىنى بۇ شەكىلدە ئوقۇشى ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بولماي پەيغەمبىرىمىز ئۆزى ئىجتىھات قىلىپ ئوقۇغان ناماز بولسا ئىدى، بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلمىگەن ۋە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولاتتى.
شۇنداقتىمۇ ھېيت نامازلىرى جۈمە نامىزىغا ئوخشاش جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان ناماز بولغاچقا، زۆرۈر ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ھېيت نامىزىئوقۇلىدىغان يەرگە ھازىر بولالمىغانلار، ئۆزلىرى يالغۇز ھېيت نامىزى ئوقۇمايدۇ ۋەقازاسىنىمۇ قىلمايدۇ، شۇنداقلا گۇناھكارمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇشياكى تىجارەت ۋە ياكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغانيەرگە ھازىر بولالماسلىقىنى چاغلىغانلارنىڭ ئوقۇش يېرىنى ياكى تىجارەت ۋەخىزمەت قىلىش ئورنىنى تەرك ئېتىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئاتايىن باشقاشەھەرگە بېرىشىغا ھاجەت يوقتۇر.

ئەزان مەسىلىسىگە كەلسەك؟

ئەزان نامازغا چاقىرىش بىلەن بىرگە ئىسلامنىڭ شوئارىدۇر. يەنى ئەزان مائىدە سۈرىسىنىڭ 58-ئايىتى، جۇمۇئە سۈرىسىنىڭ 9- ئايىتى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بىلەن يولغا قويۇلغان بىر ئىبادەتتۇر.
ئۆيدە يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى كىشى ئەزان ئاڭلانمايدىغان، مەسچىتتىن يىراق بىر يەردە بولسا ئەزان ۋە ئىقامەت (تەكبىر) ئوقۇپ نامازنى باشلىسا بىر ئىبادەتنى قىلغان بولىدۇ. يالغۇز ئوقۇلغان نامازدا ئىككىسىدىن بىرىنى ئوقۇسىمۇ ياكى ھەر ئىككىسىنى ئوقۇمىسىمۇ ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ناماز دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، ئەزان بىر چاقىرىقتۇر. چاقىرىق كۆپ ئادەملەر ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ يەردە يالغۇز بولغانلىقى ئۈچۈن پەقەت ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئوقۇيدۇ. لېكىن ئۆيىدە ئەزان ئوقۇغاندا بوش ئاۋازدا ئوقۇشى كېرەك. مەسچىتتە توۋلىغاندەك يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇماسلىقى كېرەك.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر