مۇسۇلمانلار

تەۋبە نامىزى

تەۋبە نامىزى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَظَنَّ دَاوُودُ أَنَّمَا فَتَنَّاهُ فَاسْتَغْفَرَ رَبَّهُ وَخَرَّ رَاكِعًا وَأَنَابَ﴾
«داۋۇد ئۆزىنى بىزنىڭ سىنىغانلىقىمىزنى چۈشەندى، دەرھال رەببىدىن مەغپىرەت تىلىدى، ئېگىلىپ سەجدىگە يىقىلدى ۋە رەببىگە يۆنەلدى»- ساد 38/24.
دېمەككى، تەۋبە قىلماقچى بولغان گۇناھكارنىڭ تەۋبە قىلىش ئەسناسىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشى ياخشى بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ:
ئەبى بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ: «بىر گۇناھنى قىلغان كىشى كامىل تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، ئاندىن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىسە ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» دېدى ۋە مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى:
﴿وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَنْ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَى مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ
«تەقۋادارلار بىر يامان ئىش قىلغان ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغلىرىدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ. گۇناھلارنى ئاللاھدىن باشقا كىم مەغپىرەت قىلىدۇ؟ ئۇلار خاتا قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ»- ئال ئىمران 3/135-136[1].

[1]– تىرمىزى، سۇنەن، ئەبۋابۇسسالات 406، ئەبۋابۇ تەفسىرىل قۇرئان 3006.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر