مۇسۇلمانلار

تەۋبىنىڭ شەرتلىرى

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

(جاۋاب بىرئاز ئۇزۇنراق بولىدۇ، دىققەت بىلەن ئوقۇغايسىز)

قېرىندشىم! ئاللاھ تەئالانىڭ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلغىنى يوق. مەسىلەن: ئاللاھ تەئالا قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئىنسان قىلالمايدىغان بىر ئىش يوق، قىلىشتىن توسقان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئىنسان تەرك ئېتەلمەيدىغان بىر ئىش يوق.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن شەيتان گۇناھكار ئىنسانلارنى بىر شەكىلدە تەۋبە قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە‹سېنىڭ گۇناھىڭ كۆپ، تەۋبەڭ قوبۇل بولمايدۇ› دېگەندەك ۋەسۋەسىلەرنى سېلىپ ئۇلارنى تەۋبە قىلىشتىن سوغۇتۇپ قويىدۇ ياكى سىز دېگەندەك يوللار بىلەن تەۋبىگە توسالغۇ بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشى – گۇناھى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ – ئالدىدا تەۋبىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە بېرىلىپ كەتمەسلىكى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ ھەددىدىن ئاشقان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر.

پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار…» (زۇمەر سۈرىسى 53 ۋە 54 – ئايەتلەر)

«ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ، پاك بولغۇچىلارنىمۇ دوست تۇتىدۇ» بەقەرە سۈرىسى 222 – ئايەت).

«تەۋبە قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ، بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟» (تەۋبە سۈرىسى 104 – ئايەت).

يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تەۋبە قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. ئاللاھ تەئالا تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ يەنى تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. تەۋبە قىلغۇچى كىشى، شەرتلىرىگە ئۇيغۇن تەۋبە قىلسا گۇناھلىرى تامامەن ئەپۇ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىزنىڭ تەۋبىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.

تەۋبنىڭ مەنىسى نېمە؟

تەۋبە (توۋا) نىڭ مەنىسى، قىلىمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇنى تەكرارلىماسلىق ئۈچۈن ئاللاھقا ۋەدە بېرىش دېگەن بولىدۇ. بۇ ۋەدىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بىرقانچە شەرت بار:

1 -سەكراتقا چۈشۈپ قالماستىن تەۋبە قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ‹ئەمدى تەۋبە قىلدىم› دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز مانا مۇشۇنداقلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق» (نىسا سۈرىسى 18 – ئايەت).

2 – ئىخلاس، يەنى تەۋبىنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئاللاھقا قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، دوختۇر چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن بىر يامان ئىشنى قىلمىغان كىشى تەۋبە قىلغان بولمايدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 146 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

3 – گۇناھدىن تامامەن قول ئۈزۈش، چۈنكى گۇناھ قىلىپ تۇرۇپ تەۋبە قىلىش تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ.

4 – ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، چۈنكى تەۋبە گۇناھ ئۈچۈن قىلىنىدۇ. بۇ، تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ئۆز گۇناھلىرىنى بىلىشىنى يەنى ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىشى دېمەكتۇر. يىغىپ ئېيتقاندا تەۋبە قىلماقچى بولغان كىشى گۇناھىنى تونۇشى، گۇناھكار ئىكەنلىكىگە ئېتىراپ قىلىشى، گۇناھنىڭ زىيىنى ۋە يامان ئاقۋىتىدىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى كېرەك.

5 – قىلغان گۇناھقا پۇشايمان قىلماق، چۈنكى پۇشايمانسىز تەۋبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. پۇشايمان قىلىش تەۋبىنىڭ بىر ئەركانىدۇر.

6 – ئەگەر ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ، ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا يەنى قىلىنغان گۇناھ، ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ بولسا، ماددىي ھەقلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك، مەنىۋى ھەقلەر ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىش ياكى زىياننى تۆلەش ۋە رازىلىشىش كېرەك.

7 – قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاش، چۈنكى بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن گۇناھنى يەنە ئۆتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن قىلىنغان تەۋبە، تەۋبە ھېسابلانمايدۇ.

خوش! ئەمدى سىز سورىغان سوئالدىكى ئايالنىڭ تەۋبىسىگە كەلسەك، ئۇ ئايال ئۇ تەۋبىنى يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا قىلغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ بۇ تەۋبىسى چوقۇم قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ تەقدىردە يولدىشىنىڭ ئۇ ئايالغا ئۆتكۈزگەن كونا گۇناھى توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىشى زۇلۇم بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلار ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،

قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ،

تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار مۇستەسنا؛ ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر.» (فۇرقان سۈرىسى 38 ـ 70).

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ كىشىنىڭ ئايالى يۇقىرىدىكى شەكىلدە تەۋبە قىلسا، پاكلىنىدۇ. بۇ تەقدىردە ئېرىنىڭ بۇ ئايالغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئەر – خوتۇنلۇق ھاياتىنى كەلگەن يەردىن ئەينەن داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

مۇسۇلمان قېرىندىشىڭىزنىڭ ئائىلىۋى ئىشىغا كۆيۈنگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر