مۇسۇلمانلار
تەنھەرىكەت ۋە مۇسابىقە 1

تەنھەرىكەت ۋە مۇسابىقە

VIII تەنھەرىكەت ۋە مۇسابىقە

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا مَالَكَ لَا تَأۡمَ۬نَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُۥ لَنَٰصِحُونَ ١١ أَرۡسِلۡهُ مَعَنَا غَدٗا يَرۡتَعۡ وَيَلۡعَبۡ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ ١٢﴾

«شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ئاتىمىز! ساڭا نېمە بولدىكىن يۇسۇف توغرۇلۇق بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا راستتىنلا كۆيۈنگۈچى كىشىلەرمىز.‏ ئەتە ئۇنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، يەپ – ئىچىپ يايرىسۇن، ئوينىسۇن. بىز ئۇنى چوقۇم قوغدايمىز»[1].

﴿وَجَآءُوٓ أَبَاهُمۡ عِشَآءٗ يَبۡكُونَ  ١٦ قَالُواْ يَٰٓأَبَانَآ إِنَّا ذَهَبۡنَا نَسۡتَبِقُ وَتَرَكۡنَا يُوسُفَ عِندَ مَتَٰعِنَا فَأَكَلَهُ ٱلذِّئۡبُۖ وَمَآ أَنتَ بِمُؤۡمِنٖ لَّنَا وَلَوۡ كُنَّا صَٰدِقِينَ  ١٧﴾

«ئۇلار ئاخشىمى ئاتىلىرىنىڭ يېنىغا يىغلاشقان ھالدا كېلىپ:‏ ئى ئاتىمىز! بىز يۇسۇفنى نەرسە – كېرەكلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ مۇسابىقىلەشكىلى كەتكەن ئىدۇق، ئۇ ئەسنادا ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ! راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن دېيىشتى»[2].

 بۇ ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، ئويۇن ئويناش، ھەر تۈرلۈك مۇسابىقە ۋە تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش مەنئى قىلىنمايدۇ، لېكىن قۇرئان كەرىمنىڭ بىر پۈتۈن روھىدىن قارىغاندا ئۇلارنى، «بەش زۆرۈرىي نەرسە»نى ساقلاش شەرتى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • دىن

بۇ يەردىكى «دىن» ئىسلامنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلدِّينَ عِندَ ٱللَّهِ ٱلۡإِسۡلَٰمُۗ …  ١٩﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دىن ئىسلامدۇر»[3].

ئىسلامنى ساقلاش – ئىمان شەرتلىرىنى ئورۇنداش[4]، ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش[5]، مۇئامىلە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىش[6]، ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش[7] ۋە شەرئىي ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىش[8]، شۇنداقلا ئۇلارغا دەۋەت قىلىش[9] ۋە ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كەلگەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىش[10] قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار»، «ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار»، «ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار»، «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەر ئەنە شۇ «دىننى ساقلاش»نىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  • جان

جاننى ساقلاش – ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرسۇن دەپ پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىپ بەرگەن[11] ۋە ئىسراپ قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئۇ نەرسىلەردىن يەپ – ئىچىشكە بۇيرۇغان[12]. ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ھېس قىلغانلارغا ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغۇدەك مىقداردا يېيىشكە رۇخسەت قىلغان[13].

ئىجتىمائىي ھاياتتا ئادالەتنى قوغداش ۋە ئامانلىقنى ساقلاش ئۈچۈن قىساسنى پەرز قىلغان[14]. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن توسقان[15]. ئۆزىنى ھەر تۈرلۈك خەتەرگە ئېتىشتىن توسقان[16]. جاننى ساقلاش ئۈچۈن دۈشمەنگە دوستلۇق ئىزھار قىلىشقا[17] ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا كۇفرى سۆزنى قىلىشقا[18] رۇخسەت قىلغان.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جاننى ساقلاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  • ئەقىل

ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىنى ئايرىم شەكىل ۋە پەرقلىق خۇسۇسىيەت بىلەن يارىتىپ، ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسەتكەن.‏ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يول كۆرسىتىشى ئۇ نەرسىنى ياراتقاندا ئۇنىڭ تەبىئىتىگە پايدا – زىياننى بىلىش قابىلىيىتىنى سىڭدۈرۈش بىلەن بولغان. كائىناتتىكى ھەر نەرسە ئۆزىنىڭ بۇ قابىلىيىتى بىلەن پايدىلىقنى ئايرىپ ئۇنى ئىستېمال قىلىدۇ، زىيانلىقنى ئايرىپ ئۇنىڭدىن ساقلىنىدۇ، شۇنداقلا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ[19].

ئاللاھ تائالا جۈملىدىن ئىنساننىمۇ شۇنداق ياراتقان. يەنى ئاللاھ تائالا ھەر ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنىڭ تەبىئىتىگە ھەق بىلەن باتىل، چىرايلىق بىلەن سەت ۋە راست بىلەن يالغاننى ئايرىش قابىلىيىتىنى سىڭدۈرۈپ ياراتقان. ئەنە شۇ قابىلىيەت ئەقىل دەپ ئاتىلىدۇ. ئەقلىنى ئىشلەتكەنلەر ئاسمان، زېمىن ۋە بارلىق مەخلۇقاتنىڭ يارىتىلىشىغا قاراپ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا قاراپ ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنى، تۈرلۈك نېمەتلەر بىلەن تەمىنلىنىپ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا قاراپ ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتىنى تونۇپ يېتىدۇ[20]. ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلەر شېرىك پاتقىقىغا پاتىدۇ[21]، خۇراپات ئەخلىتىنىڭ ئاستىدا قالىدۇ[22]، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشالمايدۇ[23]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئەقىلنى يۆگىۋېلىپ ئۆز رولىنى جارى قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن مەنئى قىلغان[24]. بۇ ئەقىلنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  • نەسىل

ئاللاھ تائالا تۇنجى ئىنساننى ۋە ئۇنىڭ جۈپتىنى ئۆزى بىۋاسىتە ياراتقان ۋە ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە نەسىل قالدۇرالايدىغان قابىلىيەتنى سىڭدۈرگەن. ئۇلارنىڭ نەسىل قالدۇرۇشى بىلەن تەدرىجىي ھالدا ئىنسان تۆرىلىپ تۇرۇشنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئەر ۋە ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان نۇرغۇن ئىنسانلار يەر يۈزىگە تارقالغان[25]. يەر يۈزىدە ئىنسان مەۋجۇدىيىتىنىڭ قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىشى نەسىل قالدۇرۇش ئارقىلىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن نىكاھلىنىشقا ۋە نىكاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇپ[26]، زىناغا يېقىنلىشىشتىن توسقان[27]، ھەتتا زىناغا يېقىنلىشىشقا سەۋەبچى بولىدىغان ھەرىكەتلەردىنمۇ توسقان[28]. ئائىلىنىڭ ئىلاھى نېئمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان[29].

شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارنى ئائىلە ئەزالىرىنى دوزاختىن ساقلاشقا بۇيرۇغان[30]. بۇ، نەسىلنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. نەسىل تۆۋەندىكى ئىككى ئىش بىلەن ساقلىنىدۇ:

1 – ئۆزىنىڭ نەسىل قالدۇرۇش قابىلىيىتىنى ساقلاش، نىكاھلىنىپ نەسىل قالدۇرۇش، نەسىلنى ماددىي جەھەتتىن بېقىش، مەنىۋى جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. چۈنكى بۇلارنى قىلمىغانلار يۇقىرىدىكى ئىلاھىي ئەمر – پەرمانلارغا بويسۇنمىغان بولىدۇ.

2 – ئۆز قەبىلە ۋە مىللىتىنى باشقا قەبىلە ۋە مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى ۋە ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش، ئۇلارنى ئۆز نەسلىگە مىراس قالدۇرۇش، ئۆز نەسلىنىڭمۇ ئۇ مىراسنى ساقلاپ نەسىلدىن – نەسىلگە مىراس قالدۇرۇشىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى مىللەتلەرگە ئايرىغان[31]، ھەر مىللەتنىڭ تىلىنى بىرەر ئايەت سۈپىتىدە پەرقلىق قىلغان[32]. ئۆز مىللىتىگە خاس بولغان ئايرىم ھالەتنى ۋە ئاللاھنىڭ بىر ئايىتى بولغان ئانا تىلىنى ساقلىماسلىق ئۆز نەسلىنىڭ مۇنقەرز بولۇپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ، شۇنداقلا ئۆز نەسلىنى ساقلىمىغانلىق ھېسابلىنىدۇ.   

ئەسكەرتىش:

ئاللاھ تائالا نەسىل قالدۇرۇش قابىلىيىتى بەرمىگەن كىشىلەر[33] ئۆز مىللىتىنىڭ نەسلىنى ساقلاشقا ھەسسە قوشسا بۇ توغرىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ھەر كىشىنىڭ مىللىتى ئۇنىڭ ئائىلىسى ھېسابلىنىدۇ. بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرى ئۆز نەسلىنى ساقلاشقا بۇيرۇلىدۇ.

  • مال

ئاللاھ تائالا مال – مۈلۈكنى ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش ئاساسى قىلغان، ئۇنى ئەقلى پىشىپ يېتىلمىگەنلەرگە بېرىشتىن توسقان[34]. مال – مۈلۈكنى ئۆز يولى بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان[35]. شۇنىڭدەك، ناھەق يوللار[36] بىلەن قولغا كەلتۈرۈشتىن توسۇپ، تىجارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان[37]. مال – مۈلۈكنى بوزۇپ چېچىشتىن توسقان[38]. بۇلار مال – مۈلۈكنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

1§.  تەنھەرىكەت

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان «بەش زۆرۈرىي نەرسە»نى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ھەرقانداق تەنھەرىكەتنى قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: سۇ ئۈزۈش ۋە يۈگۈرۈشكە ئوخشاش بەدەننى كۈچەيتىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا، ئوقيا ئېتىش، ئات كۆندۈرۈش ۋە ئات چاپتۇرۇشقا ئوخشاش ئۇرۇش تەييارلىقى ھېسابلىنىدىغان ئويۇنلارنى ئۆگىنىشكە ۋە ئويناشقا بولىدۇ.  ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1.      سۇ ئۈزۈش

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى يېڭى گۆش يېسۇن ۋە زىننەت بۇيۇملىرى چىقارسۇن دەپ ئۇلارغا دېڭىزلارنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان[39]. ئاندىن «يېڭى گۆش»نىڭ «دېڭىزنىڭ ئوۋى ۋە يېمەكلىكى» ئىكەنلىكىنى[40]، «زىننەت بۇيۇملىرى»نىڭ «مەرۋايىت ۋە مارجان» ئىكەنلىكىنى  بايان قىلغان[41]. بۇ دېڭىزدىكى ھەر تۈرلۈك بېلىقلارنى ئوۋلاش ۋە ئۈنچە – مارجان، مەرۋايىتلارنى ئىزدەپ تېپىش قاتارلىقلارنى بىلىشنىڭ، شۇنداقلا سۇ ئۈزۈش ۋە غەۋۋاسلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پۈتۈن بۇلار سۇ ئۈزۈش ۋە سۇ ئاستىغا چۈشۈش سپورتى ۋە مۇسابىقىسى قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى دېڭىز ئوۋچىسى ۋە غەۋۋاسلار بۇ ئارقىلىق يېتىشىدۇ.

2.      يۈگۈرۈش ۋە تەنھەرىكەت

قۇرئان كەرىمدە جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇش سىياسىي ۋە ئەسكىرىي ساھەدە ئەمەل تۇتۇشقا كېرەكلىك بولغان سالاھىيەتلەرنىڭ قاتارىدا زىكىر قىلىنغان[42]، خىزمەت كېلىشىمىدىكى ئاساسلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان[43]. بۇ ھەر تۈرلۈك تەنھەرىكەت ۋە يۈگۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

3.      ئوقيا ئېتىشنى ۋە ئات چاپتۇرۇشنى ئۆگىنىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَعِدُّواْ لَهُم مَّا ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن قُوَّةٖ وَمِن رِّبَاطِ ٱلۡخَيۡلِ تُرۡهِبُونَ بِهِۦ عَدُوَّ ٱللَّهِ وَعَدُوَّكُمۡ وَءَاخَرِينَ مِن دُونِهِمۡ لَا تَعۡلَمُونَهُمُ ٱللَّهُ يَعۡلَمُهُمۡۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيۡءٖ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ يُوَفَّ إِلَيۡكُمۡ وَأَنتُمۡ لَا تُظۡلَمُونَ  ٦٠﴾

«دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرى تەييارلاڭلار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر. ئۇ باشقا دۈشمەنلەرنى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئۇلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا نېمە چىقىم قىلساڭلار، ئۇنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەر زۇلۇمغا ئۇچرىتىلمايسىلەر»[44].‏

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلارنى دۈشمەنگە قارشى قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرى تەييارلاشقا بۇيرۇغان. مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەت تۆۋەندىكىچە:

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت تەييارلاڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇپ، ئاندىن ئۈچ قېتىم: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، قۇۋۋەت ئوق ئاتماقتۇر» دېدى[45].

دېمەككى، ئايەتتىكى «قۇۋۋەت»تىن مەقسەت، ئۇرۇشتا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەر خىل قورال – ياراغ ۋە ئوق – دورىلاردۇر. ئۇلارنى تەييارلاش ھەر تۈرلۈك مەشىق ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە ئۇلار بىلەن مەزكۇر دۈشمەنلەرنى ئېتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشتۇر.

«جەڭ ئاتلىرى»دىن مەقسەت بولسا، ئارمىيەنىڭ ئاتلىق قىسىملىرى مىنىپ جەڭگە ماڭغۇدەك، جەڭگە قاتناشقۇدەك ۋە جەڭدە دۈشمەننىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇدەك سەۋىيەدە ئۆگىتىلگەن ئاتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنى تەييارلاش ئۇلارنى كىچىكىدىن تارتىپ «جەڭ ئېتى» بولۇشى ئۈچۈن چېنىقتۇرۇش، ئۆگىتىش ۋە كۆندۈرۈش قاتارلىقلاردۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى مىنىپ جەڭگە قاتنىشىش، ئاتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ دۈشمەنگە ئوق ئېتىش ۋە مەغلۇپ قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە چەۋەنداز يىگىتلەرنى يېتىشتۈرۈش دېمەكتۇر.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 263 – 271.

[1]  12 – سۈرە يۇسۇف، 11 – ۋە 12 – ئايەتلەر.

[2] 12 – سۈرە يۇسۇف، 16 – ۋە 17 – ئايەت.

[3] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 19 – ئايەت.

[4] ئۇ شەرتلەر ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر (4 – سۈرە نىسا، 136 – ئايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).

[5] بەش ۋاخ نامازنى ئۆتەش ، زاكاتنى بېرىش، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ۋە ھەج قىلىش قاتارلىقلار (بۇ ئىبادەتلەر بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدا تەپسىلىي بايان قىلىندى).

[6] بۇ ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، تۇغقانلارغا سىيلە – رەھىم قىلىش، باشقا ئىنسانلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، مۇھىتنى ئاسراش ۋە ھايۋانلارنى قوغداش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ (بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا كىتابنىڭ بۇ قىسمىنىڭ ۋە بىرىنچى قىسمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى).

[7] بۇ ھەقتە بۇ كىتابنىڭ «ھەمكارلىق» بۆلۈمىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى – (ھەمكارلىق – ھۆكمى ۋە ساھەسى).

[8] يەنى ئىسلامنىڭ نىكاھ، تالاق ۋە مىراس ئەھكاملىرىغا ئوخشاش ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملىرىنى،  ئۆتنە – يېرىم، ئېلىم – سېتىم ۋە توختام – كېلىشىم ئەھكاملىرىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىش. 

[9] 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 159 – ئايىتى، 3 – سۈرە ئال ئىمراننىڭ 104 – ئايىتى ۋە 30 – سۈرە رۇمنىڭ 41 – ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[10] 31 – سۈرە لۇقماننىڭ 17 – ئايىتى ۋە 103 – سۈرە ئەسىر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[11] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 168 – ۋە 172 – ئايەتلەر؛ 5 – سۈرە مائىدە، 4 -، 5 – ۋە 88 – ئايەتلەر؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 51 – ئايەت.

[12] قاراڭ:  7 – سۈرە ئەئراف، 31 – ئايەت.

[13] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 173 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 119 – ۋە 145 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 145 – ئايەت.

[14] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 178 – ۋە 179 – ئايەتلەر.

[15] قاراڭ:  4 – سۈرە نىسا، 29 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 33 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەت مۇنداق: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم ئۆزىنى تاغدىن ئېتىپ ئۆلۈۋالسا، دوزاختا ئۆزىنى مەڭگۈ تاغدىن ئېتىپ تۇرىدۇ. كىم زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالسا، دوزاختا مەڭگۈ زەھەر ئىچىپ تۇرىدۇ. كىم ئۆزىگە بىرەر تۆمۈر پارچىسى تىقىپ ئۆلۈۋالسا، دوزاختا ئۇ تۆمۈرنى قارنىغا مەڭگۈ تىقىپ تۇرىدۇ» (بۇخارى، «تىب»، 56؛ مۇسلىم، «ئىمان»، 175؛ تىرمىزى، «تىب»، 7؛ نەسەئى، «جەنائىز»، 68؛ ئەبۇ داۋۇد، «تىب»، 11؛ دارىمى، «دىيات»، 10.

[16] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 95 – ئايەت.

[17] قاراڭ:  3 – سۈرە ئال ئىمران، 28 – ئايەت.

[18] قاراڭ:  16 – سۈرە نەھل، 106 – ئايەت.

[19] قاراڭ:  20 – سۈرە تاھا، 50 – ئايەت؛ 87 – سۈرە ئەئلا، 3 – ئايەت.

[20] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 164 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 4 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 12 – ۋە 67 – ئايەتلەر؛ 30 – سۈرە رۇم، 24 – ۋە 28 – ئايەتلەر؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 5 – ئايەت.

[21] قاراڭ:  5 – سۈرە مائىدە، 103 – ئايەت.

[22] قاراڭ:  10 – سۈرە يۇنۇس، 100 – ئايەت.

[23] قاراڭ:  59 – سۈرە ھەشر، 14 – ئايەت.

[24] قاراڭ:  5 – سۈرە مائىدە، 90 – ئايەت.

[25] قاراڭ:  4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 189 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 75 – ئايەت.

[26] قاراڭ:  4 – سۈرە نىسا، 3 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 32 – ئايەت.

[27] قاراڭ:  17 – سۈرە ئىسرا، 32 – ئايەت.

[28] قاراڭ:  24 – سۈرە نۇر، 30 – ۋە 31 – ئايەتلەر.

[29] قاراڭ:  16 – سۈرە نەھل، 72 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 21 – ئايەت.

[30] قاراڭ:  66 – سۈرە تەھرىم، 6 – ئايەت.

[31] قاراڭ:  49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت.

[32] قاراڭ:  30 – سۈرە رۇم، 22 – ئايەت.

[33] قاراڭ:  42 – سۈرە شۇرا، 50 – ئايەت.

[34] قاراڭ:  4 – سۈرە نىسا، 5 – ئايەت.

[35] قاراڭ:  62 – سۈرە جۇمۇئە، 10 – ئايەت؛ 67 – سۈرە مۇلك، 15 – ئايەت.

[36] ناھەق يوللار: 1 – قۇرئاننىڭ مەنىسىنى يوشۇرۇش (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 174 – ئايەت)، 2 – پارىخورلۇق قىلىش (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 188 – ئايەت)، 3 – جازانىخورلۇق قىلىش (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 275 – ئايەت)، 4 – ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 38 – ئايەت)، 5 – قىمار ئويناش (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 90 – ئايەت)، 6 – دىنى قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئاللاھنىڭ يولىغا توسقۇنلۇق قىلىش (قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 34 – ئايەت)، 7 – ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بېرىش (قاراڭ: 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 1 – ، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر).

[37] قاراڭ:  4 – سۈرە نىسا، 29 – ئايەت.

[38] قاراڭ:  17 – سۈرە ئىسرا، 26 – ۋە 27 – ئايەتلەر.

[39] قاراڭ:  16 – سۈرە نەھل، 14 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 12 – ئايەت.

[40] قاراڭ:  5 – سۈرە مائىدە، 96 – ئايەت.

[41] قاراڭ:  55 – سۈرە رەھمان، 19 ~ 23 – ئايەتلەر.

[42] قاراڭ:   2 – سۈرە بەقەرە، 247 – ئايەت.

[43] قاراڭ:  28 – سۈرە قەسەس، 26 – ئايەت.

[44] 8 – سۈرە ئەنفال، 60 – ئايەت.

[45]  مۇسلىم، «ئىمارەت»، 167؛ ئەبۇ داۋۇد، «جىھاد»، 24؛ تىرمىزى، «تەفسىرۇلقۇرئان»، 9؛ ئىبنى ماجە، «جىھاد»، 19.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر