مۇسۇلمانلار

تەقۋادار كىشى كىمدۇر؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سوئال:
دىنىمىزدا قانداق شەرتلەر ھازىرلانغان ئادەم ھەقىقى تەقۋادار ھىسابلىنىدۇ؟- تۇرغۇنجان
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاۋۋالقى بەش ئايىتىدە تەقۋادارلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«الم {1} ذَلِكَ الْكِتَابُ لاَ رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِّلْمُتَّقِينَ {2} الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ {3} والَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ وَبِالآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ {4} أُوْلَـئِكَ عَلَى هُدًى مِّن رَّبِّهِمْ وَأُوْلَـئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ {5}‏»
مەناسى:
«1- ئەلىف، لام، مىيم.
2- ئۇ، بۇ كىتابتۇر. ئۇنىڭدا ھېچ شۈبھە يوقتۇر. ئۇ، تەقۋادارلارغا توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىدۇر.
3- ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، غەيىبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇيدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ.
4- ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ، ئاخىرەتكە ھەقىقىي ئىشىنىدۇ.
5- ئەنە شۇلار رەببىدىن كەلگەن توغرا يولدا ماڭغۇچى ۋە مۇرادىغا يەتكۈچى كىشىلەردۇر.»- بەقەرە 2/1-5.
ئاللاھ تەئالا تۆۋەندىكى ئايىتىدە تەقۋادارلارنىڭ بارلىق سۈپەتلىرىنى بايان قىلىدۇ:
«لَّيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّواْ وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَـكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَالْمَلآئِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَى حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّآئِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُواْ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاء والضَّرَّاء وَحِينَ الْبَأْسِ أُولَـئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَأُولَـئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ»
مەناسى:
«مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق كىشىنىڭ ئاللاھغا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشى، مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، يوقسۇللارغا، يولدا قالغانلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بېرىشى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇشى، زاكاتنى بېرىشى، قىلشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشى، قىيىنچىلىقتا، كېسەللىكتە ۋە قاتتىق ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلشى قاتارلىق ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادارلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر»- بەقەرە 2/177.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر