مۇسۇلمانلار

تەقۋادار، بىراق…

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

سوئال:
مېنىڭ بىر دوستۇم بار. ئىسلامنىڭ بارلىق ئەھكاملىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىدۇ. بىراق ھاراق ئىچىدۇ، تاماكا چېكىدۇ ۋە پاھىشىۋازلىق قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭىدىن بۇنداق قىلساڭ قانداق بولىدۇ؟ دېسەم، ئۇ – ساۋابلىق ئىش ساۋاب يولىدا، گۇناھمۇ گۇناھ يولىدا بولىدۇ. ئاخىرىدا ئاللاھ ئۇنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە قارايدۇ- دەيدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
 ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
بۇرادەر! سىزنىڭ ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان ۋە پاھىشىۋازلىق قىلىدىغان بىر كىشىنى «مېنىڭ دوستۇم، ئىسلامنىڭ بارلىق ئەھكاملىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىدۇ» دېيىشىڭىز قاملاشمىغان گەپ. سىز ئالدى بىلەن بۇنى چۈشىنىۋېلىڭ!
ئۇ دوستىڭىزنىڭ «ساۋاپلىق ئىش ساۋاپ يولىدا، گۇناھ ئىش گۇناھ يولىدا مېڭىۋېرىدۇ، ئاخىرىدا ئاللاھ ئۇنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە قارايدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغانلىقىدۇر، خالاس. ھەتتا بۇ سۆز ئۇنىڭ شەيتان بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىققانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئۇ دوستىڭىز ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە بىر «دىن» ئىجاد قىلىشتىن باشقا ئاللاھنىڭ نامىدىن قارار بەرگۈدەك دەرىجىدە ئېزىپتۇ. ئەگەر ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنى خالىسا دەرھال تەۋبە قىلىشى لازىم.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چېغىدا ئەمدى تەۋبە قىلدىم دېگۈچىلەرنىڭ ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاپ تەييارلىدۇق»- (نىسا سۈرىسى، 17-18 ئايەتلەر).
دوستىڭىز گۇناھ ئىشلارنى نادانلىقتىن قىلىپ سالماي، بىلىپ تۇرۇپ قىلىدىغانلارنىڭ قاتارىدىن ئىكەن. ھەتتا ئۇنىڭ بۇ گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش نىيىتىمۇ يوق ئىكەن. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدۇر. دوستىڭىز دەر ھال توغرا يولغا قايتمىسا، تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدىغانلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىشى  مۇھەققەقتۇر.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ سالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. گۇناھلارنى ئاللاھدىن باشقا كىم مەغپىرەت قىلىدۇ؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ» (ئال ئىمران سۈرىسى، 135 ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىن گۇناھلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى ئۆستىگە يىقىلاي دەپ قالغان بىر تاغنىڭ تۈۋىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. يولدىن چىققۇچى بولسا، گۇناھلىرىنى بۇرنىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بىر چىۋىنگە ئوخشاش كۆرىدۇ»- (بۇخارى، دەئەۋات 4؛ تىرمىزى، قىيامەت 49).
يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسكە ئاساسەن مۇئمىن ھېچقاچان بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ ئىشلىمەيدۇ. ئەگەر نادانلىقتىن بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا، دەرھال تەۋبە قىلىدۇ ۋە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىدۇ. ئۆتكۈزۈپ سالغان گۇناھى ئۇنى داۋاملىق بىئارام قىلىپ تۇرىدۇ. ئۈستىگە بىر تاغ يىقىلىپ چۈشۈۋاتقاندەك ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ. يولدىن چىققان كىشى بولسا، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى نەزىرىگە ئالماستىن يەنە گۇناھ ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر