مۇسۇلمانلار

تەقدىر دېگەن نېمە؟

جاۋاب:

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

ھەر ئىش ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش پەرزدۇر. ئالدى بىلەن بۇنى چۈشىنىۋېلىشىمىز لازىم.

تەقدىرنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە كەلسەك، تەقدىر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ ۋە ھەر ئىككىلىسى ئۆزگەرمەيدۇ:

1 ـ ئىنسان ئارىلىشالمايدىغان يەنى ئىنساننىڭ بىرەر مۇداخىلىدە بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان تەقدىر؛ مەسىلەن:

ئا ـ ئاللاھ تەئالا ئالدى بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنى، ئاندىن ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋا ئانىمىزنى ياراتقان؛ ئاندىن ئۆزى بېكىتكەن تەدرىجىي كۆپىيىش قانۇنى بويىچە ئۇ ئىككى ئىنساندىن ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى تۆرەلدۈرۈپ يەر يۈزىگە تارقاتقان. بۇ ئىش قىيامەتكىچىلىك مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ.

ب ـ ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئىنسانلارغا بىرى بۇ دۇنيا ھاياتى يەنە بىرى ئاخىرەت ھاياتى بولۇپ، ئىككى تۈرلۈك ھايات بەرگەن ۋە ئاخىرەت ھاياتىنى ئەسلى ھايات قىلىپ، بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنى مەلۇم بىر زامان بىلەن چەكلىك قىلغان.

ج ـ ئاللاھ تەئالا ئىنسانلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارغا دۇنيا ـ ئاخىرەتلىك بەخت ـ سائادەتلىرىنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتسۇن ۋە ئۇلارغا ئۈلگە بولسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم ئىنسانلارنى تاللاپ پەيغەمبەر قىلغان ۋە بۇ پەيغەمبەرلەرگە كىتابلار نازىل قىلغان.

د ـ بەزى كىشىلەر ئەر بولۇپ تۇغۇلىدۇ؛ بەزىلىرى ئايال بولۇپ تۇغۇلىدۇ؛ بەزىلىرى ئېگىز، بەزىلىرى پەس؛ بەزىلىرى ئۇز، بەزىلىرى سەت؛ يەنى ئىنسانلار پەرقلىق زامانلاردا، پەرقلىق ماكانلاردا، پەرقلىق ئائىلىلەردە تۇغۇلىدۇ. ھېچبىر ئىنسان ئۆزىنىڭ جىنسىنى، چىراي ـ شەكلىنى، تۇغۇلۇش تارىخىنى، يۇرتىنى ۋە ئاتا ـ ئانىسىنى… تاللىيالمايدۇ.

مانا بۇلار ئاللاھ تەئالا بەلگىلىگەن، ھېچكىم ۋە ھېچنېمە ئارىلىشالمايدىغان، شۇنداقلا ئۆگەرتىشمۇ كىرگۈزەلمەيدىغان تەقدىردۇر.

2 ـ ئىنسانلار ئۆزلىرى بەلگىلىيەلەيدىغان تەقدىر، مەسىلەن:

بىر ئىنسان ئۆز ئىختىيارى ۋە ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ئاللاھ تەئالا نازىل قىلغان كىتابلارغا بويسۇنۇپ، ئاللاھ تەئالا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشسە، ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىنى بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەندىن سىرت، ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتىنىڭ جەننەتتە باشلىنىپ، جەننەتتە داۋاملىشىشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولىدۇ.

شۇنىڭدەك بىر ئىنسان ئۆز ئىختىيارى ۋە ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ئاللاھ تەئالا نازىل قىلغان كىتابلارغا بويسۇنماي، ئاللاھ تەئالا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشمىسە، ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىنى بەختسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزگەندىن سىرت، ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتىنىڭ دوزاختا باشلىنىپ، دوزاختا داۋاملىشىشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولىدۇ.

مانا بۇمۇ، ئاللاھ تەئالا بەلگىلىگەن، ھېچكىم ۋە ھېچنېمە ئارىلىشالمايدىغان، شۇنداقلا ئۆگەرتىشمۇ كىرگۈزەلمەيدىغان تەقدىردۇر.

بۇ خىل تەقدىرنىڭ بىرىنچى خىل تەقدىردىن پەرقى شۇكى، بۇنى ئىنسانلار ئۆز ئىختىيارى ۋە ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن بەلگىلىيەلەيدۇ، مەسىلەن:

ئاللا تەئالا: «كىم ياخشى ئىشلارنى قىلسا، بەختلىك بولىدۇ. كىم يامان ئىشلارنى قىلسا، بەختسىز بولىدۇ» دەپ تەقدىر قىلغان (بەلگىلىگەن) ۋە بۇنى نازىل قىلغان كىتابلىرىدا ئېلان قىلغان.

ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ تەقدىرى (بەلگىلىمىسى) بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولىدۇ؛ يامان ئىشلارنى قىلغانلار بولسا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختسىز بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر