مۇسۇلمانلار

تەسۋى سىرىش ئىبادەتمۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
تەسۋى سىرىشنى دائىملىق ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىش توغرىمۇ؟ يەنى يوللاردا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا تەسۋى سىرىسا بۇلامدۇ؟ بۇنىڭغا دىنىمىزدا قانداق ھۇكۈم بار؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەر پەرز نامازنىڭ كەينىدىن ئېيتىلىدىغان زىكىرلەر بولۇپ، ئۇلارنى ئېيتقۇچى نائۈمىد قالمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ، 33 قېتىم تەسبىھ ئېيتىش، 33 قېتىم ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە 33 قېتىم تەكبىر ئېيتىشتىن ئىبارەت»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
تەسۋى سىرىشنىڭ ئۆزى ئىبادەت ئەمەس، لېكىن تەسۋى بۇ ھەدىستا بايان قىلىنغان زىكىرلەرنىڭ سانىنى ھېسابلاشتا ئىشلىتىلىشكە بولىدىغان بىر سايماندۇر. ئەسلىدە بۇ زىكىرلەرنىڭ سانىنى بارماقلار بىلەن ھېسابلاش ياخشى، لېكىن تەسۋى بىلەن ھېسابلاشقىمۇ بولىدۇ.
ئەمما پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا تەسۋى سىرىغانلار يۇقىرىدىكى زىكىرلەرنىڭ سانىنى ھېسابلاش ئۈچۈن ئەمەس، قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ مىڭىسىنى راھەتلىتىش ئۈچۈن سىرىيدۇ. تەسىۋىنى بۇنداق نىيەتتە سىرىسا گۇناھ بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن تەسۋى سىرىۋاتقان بىر كىشىنى كۆرسەك، ئۇ كىشىنى نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكىر – تەسبىھلەرنى ئوقۇۋاتىدىغاندۇ، ياكى بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ مىڭىسىنى ئارام ئالدۇرۇۋاتىدىغاندۇ، دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك.
 ئۇنىڭ ئۈستىگە دىنىمىز بىزنى، تەسۋى سىرىۋاتقان بىر كىشىنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ «ئۆزلىرى تەسۋىنى نېمىشقا سىرىيلا؟» دەپ سوراشقا، ئەگەر يامان نىيەتتە سىرىغانلىقى ئىسپاتلانسا ئۇنى جازالاشقا بۇيرۇمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر