مۇسۇلمانلار

تەسبىھ نامىزى توغرۇلۇق ئاخىرقى سوئال

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

بۇرادەر! ئالدى بىلەن سىزدىن بۇنىڭدىن كېيىن تەسبىھ نامىزى توغرۇلۇق مەندىن سوئال سورىماسلىقىڭىزنى سورايمەن. ئىنشائاللاھ سورىمىغايسىز!

مەن سىزگە ئېسىلىۋالمىغاندىكىن تەسبىھ نامىزىڭىزنى ئوقۇۋەرسىڭىز بولىدۇغۇ!

سوئالىڭىزدىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققىتىڭىزنى جەلب قىلغاندىن كېيىن، سىزگە بۇ توغرىدىكى ئاخىرقى سۆزۈمنى سۆزلەيمەن.

1 ـ «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى پۇتۇن مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىدىن ساۋات بېرىدىغان بىردىنبىر ژورنال دەپ قارايمەن.»

سىزنىڭ بۇ ژورنىلىڭىز «پۇتۇن مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىدىن ساۋات بېرىدىغان بىردىنبىر ژورنال» ئەمەس، بەلكى ئۇ، سىز ياشاۋاتقان رايوندىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى دىنى تۈس ئالغان ئىجتىمائي مەسىلىلىرى ھەققىدە «تەرمە يازمىلار» نى توپلاپ «نەشىر» قىلىدىغان «چەكلىك» بىر ژورنالدۇر. بۇنى ئۇقەدەر كۆككە كۆتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق!

2 ـ «ئۇنداقتا بىز بۇنى سەھىھ ھەدىس ئەمەس دەپ قارايمىزمۇ؟ » مەنمۇ سەھىھ ئەمەس دېدىمغۇ!!! قەسەم ئىچىپ بېرەيما؟

3 ـ «يانا كېلىپ پۇتكۇل مۇسۇلمانلار پايدىلىنىدىغان مۇشۇنداق كاتتا ژورنالدا بىدئەت قىلىق ئاشكارا چۇشەندۇرۇلسە ، ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئالىملىرىمىز نىمە ئۇچۇن بۇنىڭغا قارشى تۇرمايدۇ؟ »

«ئالىملىرىڭىز» نېمىشقا قارشى تۇرمايدۇ؟ ئۇنى مەن بىلەلمەيمەن! سىزنىڭ ئالىملىرىڭىزنىڭ بىر ئىشقا قارشى تۇرماسلىقى ئۇ ئىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلمايدۇ.

4 ـ «بىزدەك دىننى جەھەتتە ئاساسى ئاجىزلار ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىمىز؟»

سىز ۋە سىزدەكلەر ئۇنىڭدىن ئەمەس قۇرئان كەرىمدىن ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ بايانى ماھىيەتتىكى سەھىھ ھەدىسلەردىن پايدىلانسىڭىز، مۇسۇلمانغا لايىق ئىش قىلغان بولىسىز.

سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاشلارغا ئاخىرقى سۆزۈم شۇكى، قىيامەت كۈنى ھېسابنى ئاللاھ تەئالا ئالىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابى بىلەن ئاللاھ تەئالانىڭ ئەلچىسىنىڭ ھەدىسلىرىنى بىرلىكتە ئاساس قىلىپ ماڭساڭلار توغرا يولدا ماڭغان بولىسىلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر