مۇسۇلمانلار

تەسبىھ نامىزى بارمۇ؟

سوئال:
 دىنىمىزدا تەسبىھ نامىزى دەپ بىر ناماز بارمۇ؟ بولسا ئۇ نامازنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب:
تەسبىھ نامىزى ئوقۇش توغرۇلۇق ھەدىسلەر بار. لېكىن بۇ ھەدىسلەر ھەققىدە ھەدىس ئالىملىرى ئۈچكە بۆلۈنىدۇ: «سەھىھ» دېگەنلەر، «زەئىپ» دېگەنلەر ۋە «ئويدۇرما» دېگەنلەر. بۇلاردىن «زەئىپ» دېگۈچىلەر كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىللىرى باشقىلىرىنىڭ دەلىللىرىدىن كۈچلۈكتۇر. مەسىلەن:
ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (رەھىمەھۇللاھ) تەسبىھ نامىزى ۋە رىۋايەتلىرى ھەققىدە «بۇلارنى ياقتۇرمايمەن» دەيدۇ، سەۋەبىنى سورىغانلارغا «چۈنكى بۇ توغرىدا سەھىھ بىر نەرسە يوق» دېگەن ۋە بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى رەت قىلغان[1].
يەنە ھەدىس ئالىملىرىدىن ئەجلۇنىي، ئۇقەيل ۋە مالىكى ئالىملاردىن ئەبۇ بەكر ئىبنۇل ئەرەبى تەسبىھ نامىزى ھەققىدە بىرمۇ سەھىھ ھەدىس يوق دەپ ئېيتىدۇ[2].
تىرمىزى[3]، ئىبنۇلجەۋزى[4] ۋە ئىبنى تەيمىييە[5] (رەھىمەھۇمۇللاھ) لەرمۇ تەسبىھ نامىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسنى زەئىپ، دەپ قارايدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇفتىسى شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى باز (رەھىمەھۇللاھ) باشچىلىقىدىكى دائىمىي ھەيئەت تەسبىھ نامىزى ھەدىسنى «مۇنكەر ھەدىس، بەزى ئالىملار ئۇ ھەدىسنى ئويدۇرما ھەدىسلەر قاتارىدا زىكىر قىلغان» دەپ تەسبىھ نامىزى ئوقۇشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ[6].
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا تەسبىھ نامىزى ئوقۇش بىدئەتتۇر. چۈنكى ئۇ ناماز بىلەن مۇناسىۋەتلىك «ھەدىس» لەر بىرىنچىدىن سەنەد (ھەدىس رىۋايەت قىلىشتىكى ئاساس) ئېتىبارى بىلەن زەئىپتۇر، ھەتتا ئويدۇرمىدۇر، ئىككىنچىدىن مەزمۇن جەھەتتە قۇرئان كەرىمگە ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە خىلاپتۇر.
قۇرئان كەرىم بىلەن سەھىھ ھەدىسلەردە ئىنساننىڭ ھاياتى بويىچە ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلىشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكى، بۇ ئىشنىڭ تۆت رەكەت ناماز ئوقۇپ قويۇش بىلەن «ھەل» بولمايدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئەگەر مەلۇم شەكىلدە تۆت رەكەت ناماز ئوقۇپ قويۇش بىلەن پۈتكۈل گۇناھلار مەغپىرەت بولۇپ كېتىدىغان، ھەتتا «گۇناھى باياۋاندىكى قۇمنىڭ سانىچىلىك بولسىمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن مەغپىرەت قىلىنىدۇ» غان ئىش بولسا، قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتكۈل ئەمر – پەرمانلىرىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى قالىدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭچۇ؟

[1]– ئىبنى قۇدامە، مۇۋەپپەقۇددىن ئەبى مۇھەمەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد، ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسى، شەمسۇددىن ئەبۇلفەرەج ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى ئۆمەر مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد، ئەلمۇغنى ۋە شەرھۇلكەبىر ئەلا مەتنىل مۇقنىئ، دارۇلفىكر، بېيرۇت، 1984، 1-جىلد، 778- بەت.

[2]– ئىسمائىل ئىبنى مۇھەممەد ئەلئەجلۇنىي، كەشفۇلخەفا، 3- باسمىسى، بېيرۇت، 1988، 2- جىلد، 421- بەت، خاتىمە بۆلۈمى، بابۇ سالاتىتتەسبىھ؛ موللا مۇناۋى، فەيزۇلقەدىر شەرھۇ جامىئىسسەغىر، دارۇلمەرىفە، بېيرۇت، 1972، 6- جىلد، 263- بەت، 8952- ھەدىس.

[3]– قاراڭ: سۇنەنۇتتىرمىزى، ئەبۋابۇلۋىتر، بابۇ ماجائە فى سالاتىتتەسبىھ.

[4]– قاراڭ: ئەجلۇنى، مەزۇئات 2/146، سالات.

[5]– قاراڭ: ئىبنى تەيمىييە، مەجمۇئۇل فەتاۋا، 5/344. بابۇ سالاتىتتەتەۋۋۇئ،

[6]– ھەيئەتى كىبارىلئۇلەما، فەتاۋا 1 – جىلد، 197- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر