مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر

ھازىرقى زامان ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن پروفېسسور، دوكتۇر ئابدۇلئەزىز بايىندىر[1]نىڭ «قۇرئان نۇرىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ناملىق ئەسىرى بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. بىز ئۇ تەرجىمىنى كىتابنىڭ ئاخىرقى نەشرىگە ئاساسەن قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، تور بېتىمىزدە پارچە-پارچە نەشىر قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق.  
بۇ كىتاب ئابدۇلئەزىز بايىندىر بىلەن تۈركىيەدىكى مەشھۇر ئىشانلاردىن بىرى بولغان ماخمۇت ئىشان (ماخمۇت ئەپەندى) ۋە ئۇنىڭ بەزى مۇرىتلىرى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنازىرىنى، شۇنداقلا بىر قىسىم ئىلاۋە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
 
 
قۇرئان كەرىم نۇرى ئاستىدا
تەرىقەتچىلىككە نەزەر
 
ئىشان – سوپىلار بىلەن مۇنازىرە
 
 
 
 
 
پروفېسسور، دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر
 
 
 
 
 
 
 
سۇلايمانىيە ۋەخپى نەشرىياتى
 
2010 ئىستانبۇل
 
 
 
 
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
 «بەزى ئىنسانلار: ‹بىز ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، ئىتائەت قىلدۇق› دەيدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن يۈز ئۆرۈيدۇ. مانا بۇلار ھەرگىز مۇئمىن ئەمەس.
ئۇلار ئارىلىرىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ دەرھال يۈز ئۆرۈيدۇ.
لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلسە پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كېلىشىدۇ.
ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە بىر كېسەل بارمۇ؟ ياكى ئۇلار شۈبھە ئىچىدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزگە زۇلۇم قىلىدۇ دەپ قورقۇۋاتامدۇ؟ ياق، ئەسلىدە ئۇلار زالىملاردۇر.»- نۇر 24/47-50.
 
 
 
 
كىرىش سۆز
بسم الله الرحمن الرحيم
الحمد لله رب العالمين والصلاة والسلام على خاتم أنبيائه محمد وعلى آله وصحبه ومن تبعهم بإحسان إلى يوم الدين.
ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنىڭ، ساھابىلىرىنىڭ ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دەرىجىسى ئۈستۈن، مەرتىۋىسى يۇقىرى بولسۇن.
بىر كۈنى بىرەيلەن مەندىن بىر ئىشان ۋە ئۇنىڭ مۇرىدلىرىنىڭ ئېتىقادلىرى ھەققىدە سوئال سورىغان ئىدى، مەن بۇ كىشىگە توغرا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېتىقادلىرى ھەققىدە بىر مۇددەت ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئېتىقادلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرىگە[2]: «سىلەرنىڭ ئېتىقادلىرىڭلاردا خاتالىقلارنى كۆرىۋاتىمەن، كۆرۈشەيلى، سىز ئۇ ئېتىقادلار ھەققىدە ماڭا چۈشەنچە بېرىڭ.» دېدىم. ئۇ كىشى مەزكۇر خاتالىقلارنى يېزىپ تاپشۇرۇشۇمنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بىر مەزگىل تەييارلىق قىلىۋالغاندىن كېيىن كۆرۈشسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارغا خاتالىقلارنى يېزىپ ئەۋەتتىم. 6 ئايدىن كېيىن مەزكۇر ئىشان باشچىلىقىدا ئۇنىڭ پىشقەدەم مۇرىدلىرى بىلەن بىر ئۆيدە[3] كۆرۈشتۇق. كېيىن بۇ كۆرۈشۈشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇنازىرىلەرنى رەتلەپ ماقالە شەكلىدە يېزىپ چىقتىم. بۇ ماقالە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، قولدىن – قولغا ئۆتۆپ ئوقۇلدى ۋە كۆپەيتىلدى. بەزى گېزىت-ژورناللاردا بىر قىسمى، بەزىلىرىدە ھەممىسى نەشىر قىلىندى. ھەتتا تۈركىيە ۋە ياۋروپادا كىچىك كىتاپ ھالىتىدە بېسىپ تارقاتقانلارمۇ بولدى. بۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئاشتى.
    بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى نەشرى مەزكۇر ئۇچرىشىشتا بولغان مۇنازىرىلەرگە باشقا بىر قانچە ئىشاننىڭ كۆز قاراشلىرى، ماڭا كەلگەن ئېتىرازلار ۋە سورالغان سۇئاللارنى قوشۇش ئارقىلىق تەييارلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى مەزمۇنلاردىكى ئىشان ئىپادىسىنىڭ قايسى ئىشاننى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغانلار ئۇ بۆلۈمنىڭ بەت ئاستى ئىزاھلىرىغا قارىشى لازىم.
    ئىككىنچى نەشرى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، «مۇسۇلمانلارنى نابۇت قىلغان شېرىك» بۆلۈمىدە سۇلتان ئىككىنچى ئابدۇلھەمىتنىڭ ئۆلىمالار ھەققىدە قىلغان بەزى سۆزلىرى ۋە ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ 1- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىش قارارىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەردىكى بىر قىسىم ئىپادىلەر ئىلاۋە قىلىندى.
    ئۈچىنچى نەشرىمۇ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى «مەدرىسە مائارىپى» قىسمى قايتىدىن يېزىلدى. شۇ سەۋەبلىك كىتابنىڭ ئىلگىرىكى نەشرىنى ئوقۇغانلارغا بۇ نەشرى پەرقلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن.
    ئىشانلارنىڭ چۈشەنچىلىرى «ئىشان» ۋە «مۇرىد» نامى بىلەن بېرىلدى. بۇلارغا بېرىلگەن جاۋاب «بايىندىر» نامىدا بېرىلدى.
    بىز بۇ مۇنازىرىدە قۇرئان كەرىمگە ئوچۇقتىن- ئوچۇق زىت بولغان مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلدۇق. چۈنكى بىر ئىشاننىڭ مەنىۋى مەرتىۋىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىتىقاد قىلىپ، ئۇنى ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ۋاسىتە (ۋەسىلە) قىلىش ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭغا قول بېرىشكە چاقىرىش ئاللاھنى ئىككىنچى ئورۇندا قويغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ بۇنى ھەرگىز ئەپۇ قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ شىرىكتۇر.
پۈتۈن تىرىشچانلىقىمىز كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قۇرئان-ھەدىسكە يۈزلەندۈرۈشتۇر. چۈنكى قۇرئان-ھەدىس ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن دەستۇردۇر. شۇڭا مۇمكىنقەدەر ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشىمىزغا ئورۇن بەرمىدۇق. شۇنداقتىمۇ خاتالىقلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنى كۆرسىتىپ بەرگۈچىلەر بولسا تۈزىتىدىغانلىقىمىزغا ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە تەنقىدلەرنى كېيىنكى نەشىردە كىتاپقا كىرگۈزىدىغانلىقىمىزغا ۋەدە بېرىمىز.
    ھازىرغا قەدەر بېرىلگەن ئىككى تەنقىدنى كىتابقا ئىلاۋە قىلىشنى ئويلاشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار ئىلمىيلىكتىن يېراق بولغانلىقتىن بۇ نىيىتىمىزدىن ۋازكەچتۇق.
    قولىڭىزدىكى كىتاپنىڭ بىرىنچى نەشرى «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىك» سەرلەۋھېسى ئاستىدا بېسلىغان ئىدى. بۇ ئىسىم كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى تۇلۇق يورۇتۇپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» دەپ ئۆزگەرتىلدى.
    كىتابتا مەسىلىنىڭ ئايەتلەر بىلەنلا چۈشەندۈرۈلۈشى كىتاپنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ۋە تەسىرچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
    جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان يولمۇ ئوچۇقتۇر، جەھەننەمگە بارىدىغان يولمۇ ئوچۇقتۇر. كىشىلەرنىڭ جەھەننەم يولىدا مېڭىش ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئەركىنلىكنى ئۇلارغا ئاللاھ بەرگەن. بىزنىڭ قىلغىنىمىز ھېسسىياتقا بېرىلمەستىن، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغانلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر خالاس.
ئۇلۇغ ئاللاھدىن مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.
پروفېسسور، دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر
 
 
داۋامى بار

[1]ئابدۇلئەزىز بايىندىر 1951-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىنىڭ تورتۇم ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلى ئەرزۇرۇم ئاتا تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلامى ئىلىملەر فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1976-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ئىستانبۇل مۇفتىلىقىدا مۇئاۋىن مۇفتى ۋە پەتىۋا مۇتەخەسسىسى بولغان. بۇ جەرياندا مۇفتىلىقنىڭ فەتىۋا ئىشلىرى ۋە مەھكىمە ئارخىپلىرىنى باشقۇرغان. 1997-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكولتىتېىغا ئوقۇتقۇچى قىلىپ بەلگىلەنگەن.
1984-يىلى «مەھكىمە ئارخىپلىرى نۇرىدا ئوسمانلىلاردا مۇھاكىمە ئۇسۇللىرى» ناملىق ئىلمى ماقالىسى بىلەن ئىسلام قانۇنى ساھەسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1987-يىلى ئىسلام ئىقتىسادى ۋە ئىلمى كالام ساھەسىدىكى ئىلمى خىزمەتلىرى بىلەن دوتسىنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئىسلام قانۇنى پروفېسسورى بولغان.
1993-يىلى «سۇلايمانىيە ۋەخپى دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى» نى قۇرغان. ئەرەب، ئىنگلىز، ۋە فرانسۇز تىللىرىنى بىلىدۇ.
پروفېسسور، دوكتۇر ئابدۇلئەزىز بايىندىر ھازىر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكولتېتى فىقىھ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە باشلىقى، «سۈلەيمانىيە ۋاقفى دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى» نىڭ باشلىقى بولۇپ ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن مەشغۇل بولماقتا.

 [2]– بۇ كىشى بايرام ئەلىي قارا مۇستافا ئوغلۇدۇر، ئىشان ماخمۇت ئەفەندى يەنى ماھمۇد ئۇستا ئوسمان ئوغلۇدۇر.

  [3] – شۇ ئىشاننىڭ ئۆيىدە.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر